− جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى پەيتىدە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ يى، خۇاڭ يىچېن
«ئالغا قاراپ مارش!»
ئارمىيە بايرىقى جەۋلان قىلىپ، سەپەر ھەيۋەتلىك بولدى. 1927 - يىلى نەنچاڭ سېپىلىدا ياڭرىغان ئوق ئاۋازىدىن يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىگىچە، 99 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكىچە، بۇ كوماندا خېلى بۇرۇنلا سەپ مەشىقىنىڭ بۇيرۇق كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن مەنىۋى كوردىناتقا، جاسارەت بىلەن، ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ھەرىكەت بۇيرۇقىغا ئايلاندى.
يەنە 1 - ئاۋغۇست يېتىپ كەلدى. ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانى كۆز ئالدىمىزدا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاغدەك ئېغىر ھەم تەخىرسىز. ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى، بىپايان ئاسمان، تۈمەن چاقىرىملىق دېڭىز چېگراسىدا، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر ئاتاكىغا ئۆتۈش قىياپىتى بىلەن، ئوخشاش بىر مەردانە رىتىمدا قەدەم ئالماقتا − ئالغا قاراپ مارش!
ئالغا قاراپ مارش، خەلق ئارمىيەسى شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، قەدەممۇ قەدەم ھالقىدى.
ئالغا قاراپ مارش، خەلق ئارمىيەسى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جەڭگە ئاتلىنىش، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقتى.
ئالغا قاراپ مارش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىدىن ئىبارەت تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قەدىمىنى توختاتماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
(1)
«ئازادلىق ئارمىيە كەلدى!»
بۇ يىل 7 - ئايدا «مېيساك» ناملىق تەيفېڭ بورىنى چىقىپ، گۇاڭشىدا قارا يامغۇر چىلەكلەپ يېغىپ، دەريا سۈيى شىددەت بىلەن تېشىپ، نۇرغۇن جاي خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى.
ئاپەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزى بۇيرۇق! شىددەتلىك كەلكۈندە، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى «ئالغا قاراپ مارش» كوماندىسى بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت جاراڭلىق قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇردى.
«ئازادلىق ئارمىيە كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئىپادىلىدى؛ «ئازادلىق ئارمىيە كەلدى» دېگەن بۇ سۆزگە خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلەرگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن.
كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغاندا، بىر قىزچاق پۈتۈن كۈچى بىلەن پالاق ئۇرۇۋاتقان جەڭچىلەرگە قاراپ، «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، سەبىي ناخشا ئاۋازى يامغۇر پەردىسىنى تېشىپ ئۆتۈپ يىراقلارغا تارالدى. بىنياڭ ناھىيەسى گەنتاڭ بازىرىدا، ۋېي ئانا جەڭچىلەرنىڭ ماددىي ئەشيالارنى يۆتكىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۈمىدنى كۆردۈم.»
قەيەردە خەۋپ - خەتەر بولسا، شۇ جايدا خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بار. دەۋر ئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى.
«ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاشتا خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى يىمىرىلمەس چوڭقۇر داۋلىنى ئىپادىلەپ بەردى. 99 يىلنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولدى.
«مەن بىر ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھاياتىم ۋە ئىسسىق قېنىم بىلەن ئانا ۋەتىنىمنى قوغدايمەن...» 1998 - يىلى، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدە 20 ياشلىق لى شياڭچۈن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدى.
كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش چوڭ توسمىسىدا، ئەمدىلا 20 ئايلىق ھەربىي ئىستاژغا ئىگە بۇ ئەسكەر ھاياتى ئارقىلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر «يېڭى دەۋردىكى قەھرىمان جەڭچى» لى شياڭچۈننى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىماقتا. مۇستەھكەم جىڭجياڭ دەرياسى توسمىسى 11 مىليون مودىن ئارتۇق يەر، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كېچە - كۈندۈز قوغداپ، بۇ تۇپراقتىكى «ھاياتلىق توسمىسى»غا ئايلاندى.
خەلق رايى بۇ ئارمىيەنىڭ مەڭگۈلۈك تايانچ بازىسى، مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ −
خەلق ئۈچۈن، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش خارابىسىدە، 15 پاراشوتچى ئەسكەر 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىن قەيسەرلىك بىلەن خەتەرگە قارىماي سەكرەپ چۈشتى. «نىبوت» ناملىق تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇشتا، 22 ياشلىق ليۇ جىڭتەي ھاياتىنى شىددەتلىك كەلكۈن ئېقىنىدا قالدۇرۇپ كەتتى. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن 26 ياشلىق جىن چېڭلۇڭ سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان مۇز سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ ئاممىنى قۇتقۇزدى، ئۆزى قايتا چىقالمىدى.
خەلق ئۈچۈن، خەلق ئارمىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا دەل جايىدا كۈچەپ مەدەت بېرىپ، 4100 نامرات كەنت، 293 مىڭ نامرات ئائىلە، 924 مىڭ نامرات ئاممىغا نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولدى، 5100 نەپەردىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر «ئەسكەر ياچېيكا شۇجىسى» «ئەسكەر كومىتېت ئەزاسى» بولدى...
«خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىگە كۆپ رەھمەت، شۇنچە يىراق يولنى بېسىپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرغىلى كەپسىلەر، گۇيگاڭ خەلقى بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.» 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان قىسىم گۇاڭشى گۇيگاڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، پۇقرالار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ تاغ ناخشىسى ئېيتىپ ئۇزىتىپ قويدى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۇلارغا تەنتەنىلىك ھەربىيچە سالام بەردى.
بۇ كۆرۈنۈشكە بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن: خەلق ئارمىيەگە ئىشىنىدۇ، ئارمىيە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگىرىپ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشى يىمىرىلمەس دۆلەت مۇداپىئەسى ھېسابلىنىدۇ.
(2)
بۇ يىل قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى، كىشىلەر ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىپ، ئېتىقادنىڭ كۈچى ئۈستىدە ئىزدەندى. خۇنەن چاڭشادىن داۋشيەن ناھىيەسىگىچە، تۇغۇلغان جايدىن قۇربان بولغان جايغىچە، كىشىلەر شياڭجياڭ جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان قىزىل ئارمىيە شىجاڭى چېن شۇشياڭنى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا خاتىرىلىدى.
90 نەچچە يىل ئىلگىرى، چېن شۇشياڭ شياڭجياڭ قانلىق جېڭىدە قورسىقىغا ئوق تېگىپ ئەسىرگە چۈشكەن. يالاپ ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا، ئۇ قەتئىي ئىرادىدە ئۈچىيىنى سۇغىرىپ ئۈزۈپ، باتۇرلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 29 ياشتا ئىدى.
ئۇزۇن سەپەر − غەلىبە يولى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ ئىلگىرىلىگەن قۇربانلىق بېرىش يولى. شياڭجياڭدىكى قانلىق جەڭدىن كېيىن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەدە يولغا چىققان چاغدىكى 86 مىڭ ئادەم شىددەت بىلەن ئازىيىپ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قالدى؛ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان تۆت تارماق قوشۇن يولغا چىققان چاغدىكى ئومۇمىي ئادەم سانى 206 مىڭ بولۇپ، يول بويى17 مىڭ ئەسكەر تولۇقلاندى، ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشقاندا، ئاران 57 مىڭ ئادەم قالدى − قىزىل 1 - يۆنىلىش ئارمىيەسىدىنلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 300 مېتىردا بىر جەڭچى يىقىلدى... ئۇزۇن سەپەر روھى سانسىزلىغان قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە پۈتۈلگەن تارىخىي ئابىدە.
ئوخشاشلا 29 ياش، «دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا ئارزۇغا ئىنتىلگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئاۋانگارتى» جاڭ چاۋ ھاياتى بەدىلىگە يېڭى دەۋرگە مەنسۇپ قەھرىمانلىق ئۇلۇغ ئىشىنى پۈتتى.
2016 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جيەن - 15 تىپلىق ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى جاڭ چاۋ ئايروپىلاندا مېخانىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، قۇرۇقلۇقتا ئاۋىياماتكىغا تەقلىدىي قونۇش مەشىقىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئارزۇسىغا يېتىشكە ئازلا قالغاندا يىقىلدى − ئۇ پەقەت قېپقالغان ئاخىرقى يەتتە قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىسىلا، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىدا «ۋەزىپە» ئۆتىيەلەيتتى.
«ھاياتىمىز بىلەن بەدەل تۆلىسەكمۇ، قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىمىز كېرەك.» 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ سۆزى ھېلىھەم ھەربىر ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىغا چاقىرىق قىلماقتا.
«چېن شۇشياڭلار»نىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن، خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختى ۋە خاتىرجەملىكى بار بولدى؛ «جاڭ چاۋلار»نىڭ بەدەل تۆلىشى بىلەن خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇش ئىشەنچى ۋە سۈرئىتى بارلىققا كەلدى.
شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاڭ چاۋنىڭ سەپداشلىرى ئۇنىڭ تاماملاپ بولالمىغان غايىسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ يىراق دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچماقتا − لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا، شەندۇڭ ناملىق ئاۋىياماتكا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، چوڭقۇر دېڭىزغا قاراپ يۈرۈش قىلدى، فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا رەسمىي سەپكە كىرگۈزۈلدى، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى «ئۈچ ئاۋىياماتكا دەۋرى»گە قەدەم قويدى. 100 يىلدىن ھالقىغان بۇ «ئاۋىياماتكا ئارزۇسى»نىڭ ئارقىسىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ھەربىيلەرنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ تىرىشىپ ئاتلانغانلىقى بار.
دۆلەتتە ئۇرۇش بولمىسىمۇ، ھەربىيلەر قۇربان بولدى. 1990 - يىلى جۇڭگو تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، 36 يىلدا جەمئىي 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر - ئەسكىرىنى ئەۋەتتى، شېن لياڭلياڭ، لى لېي، ياڭ شۇپېڭ قاتارلىق 17 نەپەر ھەربىي دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندىكى خەلق ئارمىيەسى مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. كەلگۈسىدە بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»نى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشىمىزغا، يەنە نۇرغۇن «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»لاردىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، سانسىزلىغان ئائىلىلەر چىرىغىنىڭ يورۇشى ئۈچۈن، خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ قىلچە ئىككىلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەشنى تاللايدۇ.
(3)
2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، تۆت ئارمىيە تۈرى، تۆت قىسىم تۈرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېندىن مەردانە قەدەم بىلەن ئۆتتى. ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى چاسا ئەترىتى، تور بوشلۇقى قىسمى چاسا ئەترىتى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى چاسا ئەترىتى تۇنجى قېتىم نامايان بولدى. ئىلگىرى «سۆك ۋە مىلتىق»قا تايىنىپ غەلىبە قىلغان ئارمىيەدە كۈنسايىن يېڭى ئۆزگىرىش بولدى.
بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپ، ھاۋا ئارمىيەسى كۆپلەپ يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلاننى ئىشلىتىپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۆگەنگۈچى ئۇچقۇچىلارنى ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە داشۆسىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا مەركەزلىك توشىدى.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى تىپتىكى موتور تۇنجى قېتىم ئالماشتۇرۇپ سەپلەپ ئىشلىتىلگەن يۈن - 20B تىپلىق ئايروپىلان بۇ قېتىملىق ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا قاتنىشىپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسى جابدۇقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئۇچقۇچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.
«كۇنپېڭ»نىڭ قانىتى چوڭ دۆلەتنىڭ قانىتى.
دۇنيا كامېراسى ئىلگىرى مۇنداق بىر پەيتكە گۇۋاھ بولغان: 2024 - يىلى 8 - ئاي، مىسىر ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى ھارپىسىدا، ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ، جيەن - 10 تىپلىق ئايروپىلان ئەترىتىنى باشلاپ پىرامىدا توپىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.
2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛ 2016 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلان خەلق ھاۋا ئارمىيەسىگە رەسمىي سەپلەپ بېرىلدى؛ 2019 - يىلى، يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلان ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مەلۇم تۇەنىگە سەپلەپ بېرىلدى... بۇ بىر ئارزۇ يولى، شۇنداقلا سۈرئەتنى تېزلىتىپ «ئالغا قاراپ مارش»تىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولى.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ 1 - دەرىجىلىك جۈنشىجاڭى، بەنجاڭ، قوشۇمچە قويۇپ بېرىش تېخنىكى خې شيەندا ھەربىي فورما كىيىپ يىغىن مەيدانىغا كىردى، ئۇ شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. شۇ كۈنى، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. يادرو ۋە مۇنتىزىم ئوق بېشى سەپلىگىلى بولىدىغان، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان چۆچۈتۈش ۋە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى پادىشاھى» بۇ قىسىمنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا گۇۋاھ بولماقتا.
1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، «دەۋر نەمۇنىچىسى»، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا داشۆسى كومپيۇتېر شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى پۈتۈن توردا دىققەت قوزغىدى. ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى ئىشەنچلىك يۇمشاق ماتېرىيال ساھەسىدىكى ئاساسلىق يول ئاچقۇچى بولۇپ، يۇقىرى ئىشەنچلىك يۇمشاق ماتېرىيال تېخنىكىسىغا ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى.
2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ۋاڭ جى غول ئارتېرىيە قوشۇمچە قەۋىتى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، «ئىككى پۇتىنى يۇقىرى قىسمىدىن كېسىۋېتىش»نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 2021 - يىلى، ئۇنىڭغا يەنە بۆرىكى زەئىپلەشكەن دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قان تازىلاتقاندا ئاندىن سالامەتلىك ئەھۋالىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولدى. ئەمما ئۇ يەنىلا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، دىققىتىنى دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن ئالدىراش ئىشلىدى.
«مەن ئىزچىل ئۆزۈمدىن: تەقدىر ماڭا قايتا ھاياتلىق پۇرسىتى بەردى، مەن يەنە ۋەتەن ئۈچۈن، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سوراپ كەلدىم. ۋاڭ جى مۇنداق دېدى: «چوڭ مېڭەم يەنە تەپەككۇر قىلالايدىغانلا بولسا، قولۇم يەنە ھەرىكەتلىنەلەيدىغانلا بولسا، مەن دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممەمگە ئېلىپ، داۋاملىق ئاتاكىغا ئۆتىمەن.»
بۈگۈنكى كۈندىكى خەلق ئارمىيەسى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى. چۆل - باياۋاندىن چەكسىز ئورمان - قارلىق دالىلارغىچە، يىراق دېڭىز - ئوكيانلاردىن تۈمەن چاقىرىملىق بوشلۇققىچە، بىپايان ئاسماندىن تور بوشلۇقىغىچە ... ۋاڭ جىغا ئوخشاش مىليونلىغان يېڭى دەۋر ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بىر ئادەمنىڭ ئارزۇسى، بىر ئارمىيەنىڭ ئارزۇسى، بىر دۆلەتنىڭ ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، جەڭ ئورنىدا جاسارەت بىلەن ئاتاكىغا ئۆتتى.
ئالغا قاراپ ماڭغاندا، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشى، باش قومانداننىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 99 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق ئارمىيەسى تولۇق جابدۇنۇپ يەنە يولغا چىقىپ، داغدام يولدا مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)






