تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىپ پارتىيە بايرىقىغا پۈتۈش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ خاۋ، خۇ مېڭشۆ

2017 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىپ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. يولداش شى جىنپىڭ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. جاراڭلىق ئاۋاز ئېلېكتىر دولقۇنىغا ئەگىشىپ دۇنياغا تارقالدى −

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى» «دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى» «بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار»...

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولساقمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولساقمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى تارىخ ۋە دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش نىشانىنى بېكىتتى. بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، زور تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقى ۋە يۈكسەك ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.

يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قۇرۇلتايدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە لايىھە)» ماقۇللىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.

«بۇ، تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدىغان، ئالغا بېسىشنى ئويلايدىغان پارتىيە.» 19 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ چەت ئەل تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىش - سېلىشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ھاياجان بىلەن ئەنە شۇنداق دېدى. ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاپالىق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىسلاھات دولقۇنىغا ئاتلىنىپ، دەۋر شان - شەرىپىنى يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى: ئۆز مەقسىتىنى بىلىدىغان، بۇ مەقسەتكە قانداق يېتىشنىمۇ بىلىدىغان پارتىيە، بۇ مەقسەتكە يېتىشنى ھەقىقىي ئويلايدىغان ھەمدە بۇ مەقسەتكە يېتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان قەيسەر روھقا ئىگە پارتىيە − بۇنداق پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، توغرا ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بىلەن ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچتى.

ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش، ئېغىر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، كىرىزىسنى تۈگىتىش... ۋەزىنلىك بولغان «پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نى ۋاراقلىساق، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ھەربىر ئەمەلىي نەتىجە، قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات پارتىيەمىزنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان كۈرەش قىلىش خىسلىتى، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەيدىغان رەھبەرلىك ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر نامايان قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى، دەۋر جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدۇ.

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىغا گەۋدىلىك پۈتۈش، دۇنيا خەلقىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا گەۋدىلىك پۈتۈش كېرەك.» پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەسىمىگە ئايلىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۇلۇغ رېئاللىققا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە ئەسلىسەك، بۇ كۆرۈنۈشنىڭ مەنىسى چوڭقۇر −

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە مەخسۇس بېرىپ ھۆرمەت بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتا ئەسلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش»نى مەردانىلىك بىلەن جاكارلاپ، پۈتۈن پارتىيەگە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«بىز بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز...» باش شۇجى شى جىنپىڭ قول ئىشارىسى قىلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كىچىك كېمىدىن ئىزچىل زورىيىپ چوڭ پاراخوتقا ئايلىنىپ، پارلاق مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»

تارىخ تۇمانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەينى يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدىن يولغا چىقىپ، مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگونى قۇردى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئارزۇغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.