□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېي چاڭۋېي
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 27 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىش 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 99 يىللىق قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق ئارمىيەسى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە تۇرماقتا.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قانداق قىلغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؟ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جاسارەت بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
− «ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي رېڭىگە مۇناسىۋەتلىك.»
ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش − ئەڭ تۈپ كۈچلۈك بولۇش. بۇ يىللاردا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر سىياسىي جەھەتتە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش بولمىسا، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىدە ئۇلۇغ ئۆزگىرىش بولمايتتى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەڭگۈشتەردە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك... قىسقىسى، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىجىل تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇش كېرەك.
− «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى ۋە تەكشۈرۈش ئۆلچىمى باشتىن - ئاخىر جەڭگىۋارلىقتا.»
خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ جەڭگىۋار قوشۇن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى جەڭگىۋارلىقتا.
دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەڭ قىلالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا دەرھال ئاتلىنالايدىغان، جەڭ مەيدانىغا چىقالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن. بۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، جەڭدە غەلىبە قىلىش يۆنىلىشىنى جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك؛ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۆلچىمىنى جەزمەن ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشىدىكى قاتتىق ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ بويىچە تەكشۈرۈش - باھالاشنى ياخشى قىلىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك... كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بۇرچنى زىممىگە ئالغان، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.
− «بىرگەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى.»
بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەمىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىشى. بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى.
ئارمىيە - يەرلىك ھالقىپ ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت - تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، زىچ ھەمكارلىشىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولغان ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بىر گەۋدىلىشىش پۈتۈن ئارمىيە بىر تاختا شاھمات، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ بىزدىن ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنە ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)






