تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

—— يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئارمىيەسىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە يېتەكلىدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېي چاڭۋېي، خەلق گېزىتى مۇخبىرى جىن جېڭبو، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى مۇخبىرى فېي شىتىڭ

بىڭۋۇنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە، 99 يىللىق قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق ئارمىيەسى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ بايرىمى − 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

جياڭشى نەنچاڭ، 1 - ئاۋغۇست نەنچاڭ قوزغىلىڭى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، مۇنار تەگلىكىگە «1927.8.1» دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىدى، مۇنارنىڭ چوققىسىدىكى تىك گىرانت تاشقا ئويۇلغان «خەنياڭدا ياسالغان» مىلتىق بىلەن شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇرغان «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرغان بولۇپ، بىر قەھرىمان ئارمىيەنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسى مەڭگۈ ئەستە ساقلانغانىدى.

ۋاقىت ئەڭ سادىق خاتىرىلىگۈچى، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ قەلەم تەۋرەتكۈچى. 99 يىلدىن بۇيان، بۇ قەھرىمان شەھەردىن يولغا چىققان خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يول بويى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئارقا - ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەرنى يارىتىپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن بىر ئۇلۇغ پەيت − ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئاتلاندى.

دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ھارماي - تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغان نىشانى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى پىلانلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش مۇساپىسىگە يول باشلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل.

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش شەرت.»

پارتىيە بايرىقى ئارمىيە بايرىقىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە مەردانە قەدەم تاشلاندى. ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىدىن ئىبارەت تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى كۈرەش قىلىش ھالىتى، يېپيېڭى قىياپىتى بىلەن، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ بىرىنچى بولۇشقا تىرىشىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە يېڭى شان - شەرەپلەرنى پۈتمەكتە.

(1) ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەش، رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش، تاۋلاش ئارقىلىق يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇش

«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش − ئەڭ تۈپ كۈچلۈك بولۇش.»

پايتەخت بېيجىڭ، ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ شىمالغا ئۇزارتىلغان لىنىيەسىنىڭ شەرق تەرىپى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى ھەربىي فورما كىيگەن بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى − پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىنى كۈتۈۋالدى.

يىلتىز، مەنبەسىنى ئىزدىدى، چېنىقىش داۋامىدا تاۋلاندى. ھەربىر تارىخىي سۈرەت، ھەربىر ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەربىر ئەينەن كۆرۈنۈش تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئويغا سالدى: نېمە ئۈچۈن پارتىيەگە كىرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەسكەر بولىمىز؟ نېمە ئۈچۈن جياڭلىڭ بولىمىز؟

يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدىكى تايانچ كۈچ بولۇپ، زىممىسىدە ئېغىر مەسئۇلىيەت، كەينىدە ھەيۋەتلىك قوشۇن بار. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە، شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزى قارار قىلدى. بۇ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدىكى غوللۇق تايانچلارنى تاۋلاشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جۇشى كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىز كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پاكلىقى ۋە شان - شەرىپىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يېپيېڭى سىياسىي قىياپەت بىلەن ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئاۋۋال تەربىيەلەندى، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ھەقىقىي تەربىيەلەندى. ئەسلىي تېكىستنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش - پىكىر ئالماشتۇرۇش... تەربىيەلەش كۇرسىدىكى كۇرسانتلار روھنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بىر مەيدان مەنىۋى تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈردى.

بۇ جايدا چېنىقىش داۋامىدا تاۋلىنىپ يەنە يولغا چىقتى، كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ جەڭ ئورنىغا قايتىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى.

خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتىن گۇتيەن يىغىنىغىچە، يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىشتىن ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئارمىيەنى يېڭىچە تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىگىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىستىل تۈزىتىش، پارتىيەنى تەرتىپكە سېلىشتىن ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشقىچە، خەلق ئارمىيەسى قانچە رەتكە سېلىنغان، تەلىم ئالغانسېرى، شۇنچە قۇدرەت تاپتى، شۇنچە ساپلاشتى، شۇنچە جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولدى.

«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش − ئەڭ تۈپ كۈچلۈك بولۇش.» يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش ئارقىلىق خەلق ئارمىيەسىنى قايتا يارىتىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

گۇتيەندىن يەنئەنگىچە، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىدىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىغىچە، ئىدىيە جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش، تەشكىلىي جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش، ئىستىل جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش، ئىنتىزام جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش بىرلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇلدى، ئارمىيەمىزدە بىرمەھەل ئاجىزلاشقان پارتىيە رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، بىرمەھەل چەتنەپ كەتكەن خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى توغرىلىنىپ، بىرمەھەل توسۇۋالغىلى بولمايدۇ دەپ قارالغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرى تىزگىنلىنىپ، بىرمەھەل ناچارلاشقان سىياسىي ئېكولوگىيە ئوڭشىلىپ، خەلق ئارمىيەسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سالدى، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

− ئاڭلىق تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى ئۆزگەرتتى، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلىدى.

جياڭشى يۇڭشىن، سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خاتىرە مۇنارى تارىخنى نەقىشلىدى، كەلگۈسىگە ئىلھام بەردى. شى جۇشى بىر قېتىم قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ جايدا يۈزبەرگەن ھېكايىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى: «54 - جىتۇەنجۈندە بىر داڭلىق <قىزىل 1 - ليەن> بار، 1927 - يىلى 9 - ئايدا <سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش>تە، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆزى بۇ ليەندۈيدە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرغان ھەم يېڭىدىن ئالتە پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ <ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇش>ىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.»

قىزىل يىلتىز بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى قىزىل روھ بولۇشى كېرەك. بۇ يىللاردا، «قىزىل 1 - ليەن» ياچېيكا ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، تۈزۈم ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشكە باشلامچىلىق قىلىش، تايانچلار ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىش، مەنزىرە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى قوشۇمچە قىلىشنى قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى، كۈرەش قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپ قېتىملىق مۇھىم مەشىق مانېۋىرى ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

ھەرقايسى قىسىملار باشتىن - ئاخىر قىسىمنى ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە ئىگىلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلىدى. ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلىدى، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتتى.

− ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇردى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقاتتى، ئۇنىڭدا قانۇن - ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ھوشيارلىقنى ساقلاپ ھەيدەكچىلىكنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاساسلىق ئوفىتسېرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ھەقىقىي تۇتۇپ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۆزلەنگەن بولۇپ، قاتتىق تەربىيەلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت پولاتتەك قائىدە ھەقىقىي تۇرغۇزۇلدى.

«پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان، خىيانەتچىلىك قىلىدىغان، چىرىكلىشىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى بىلەن پەقەتلا سىغىشالمايدۇ.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر قېزىش ۋە تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، زور سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپنى كۈچلۈك تۈگەتتى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پاكلىقى، شان - شەرىپىنى مۇستەھكەملىدى.

زەھەرلىك تەسىرنىڭ ئىپادىسىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەسىلە نىشانىنى بېكىتىپ، چوڭقۇرلاپ تېگى - تەكتىدىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى چىڭىتتى؛ ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزەتتى؛ يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى؛ تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى؛ نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ چىڭ تۇتۇپ قاتتىق تۈزەپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يوشۇرۇن قائىدە، يىغىلىپ قالغان ئىللەتلەرنى تۈگىتىشىگە تۈرتكە بولدى... پاك ئىستىل، توغرا كەيپىيات گازارمىلاردا كەڭ ئەۋج ئالدى.

− توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئاڭلىق تۇرغۇزدى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتتى.

سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش كېرەك؟ قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك؟ سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش كېرەك؟ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش»نى تەپەككۇر قارىشى ۋە خىزمەت يېتەكچىلىكىگە كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش، تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، غايە - ئېتىقاد، ئەسلىي مەقسەت، خىسلەت، ئەنئەنىۋى ئىستىل كۈچلۈك ئەسلىگە كەلدى، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقى، روھىي قىياپىتى، سىياسىي ئېكولوگىيەسىدە زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى چەكسىز مۇستەھكەملىنىپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىرادىسى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەندى.

(2) تىپنى ئۆزگەرتىپ قايتا يارىتىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش

«بىز جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىمىزنى ساقلاپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەتنى ساقلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.»

تومۇز كۈنلىرىدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا، جەڭگاھتا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى.

يېڭى تىپتىكى جەڭ ئاپتوموبىللىرى تەرەپ - تەرەپكە قاتناپ، قايتا - قايتا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قاتار - قاتار چاق ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇزاق مۇساپىسىدە يېپيېڭى مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى. جەڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگىنى «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ماھارەتتە كامالەتكە يېتىشتىكى قىزىل 4 - ليەن»دىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بولۇپ، بۇ ليەن تارىخى ۋەزىنگە ئىگە، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك قىزىل ئارمىيە ليەندۈيى ئىدى.

2014 - يىلى 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، شى جۇشى بۇ ليەنگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي سۆزى ئارقىلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى مۇنداق رىغبەتلەندۈردى: «شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل ۋارىسلاردىن بولۇپ، ئۇرۇش قىلىش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، تىرىشىپ ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۈلگىلەردىن بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇڭلار».

شۇ ۋاقىتتا، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ دەۋر چوڭ دولقۇنى كۈچلۈك مەۋج ئۇرۇۋاتاتتى. 2013 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسى ۋە دۆلەتنىڭ ھەرىكىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش قارار قىلىندى؛ 2014 - يىلى 2 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، شى جۇشى ئۆزى گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، بۇ ليەن تۇرۇشلۇق قىسىم بىرىكمە لۈ قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى، ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتقا ئاتلىنىپ، موتوسىكلىتلىق پىيادە ئەسكەرلەردىن تىپ ئۆزگەرتىپ بىرونېۋىك پىيادە ئەسكەرلىرىگە ئۆزگىرىپ، ئۇچۇرلاشقان جەڭ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ، بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى.

2024 - يىلى 7 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، شى جۇشى 4 - ليەندىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى قالتىس ئورۇندىغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنى «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىش، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش»قا رىغبەتلەندۈردى.

ئىسلاھات ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئارمىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

«ئىسلاھ قىلمىساق بولمايدۇ، ئىسلاھات سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ.» شى جۇشى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش «بىز باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مەيدان چوڭ سىناق.»

ئىسلاھاتتىكى «ئۈچ چوڭ جەڭ» قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشى مىسلىسىز ئىرادە ھەم سالماق بىلەن، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر بولغان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى» دەپ ئاتالدى.

شى جۇشى مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىمىزنى ساقلاپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەتنى ساقلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.»

خەلق ئارمىيەسى جەزمەن دادىل ئىسلاھ قىلىشى، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشى، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا مەڭگۈ قاتماللاشماسلىقى، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، يولدىن ئېغىپ كەتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىپ قايتا يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى.

تەپەككۇر قارىشىنى ئۆزگەرتىشتە يېتىشىپ ماڭدى −

دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى دىققەتنى كۆپ خىل ئىقتىدارنى بىرىكتۈرۈش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، پۈتۈن رايونغا تەتبىقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلەتتى؛ ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ مەلۇم قىسمى بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئۇچۇر مۇلازىمەت كاپالىتى ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇردى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم 2 - جىدۇڭ باش ئەترىتى كۆپ خىللاشقان ۋەزىپە ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋە خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى... ئىدىيە يېڭىلاندى، تەپەككۇرنىڭ دەرىجىسى ئۆستى، سەرخىل قوشۇنلار ئۆتكۈر قىلىچ، تۆمۈر مۇشتنى تاۋلىدى.

قۇرۇلۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى −

پۈتۈن ئارمىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ «مىقدار»نى ئاشۇرۇشتىن «سۈپەت»نى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى −

بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ ئالاھىدە پەيت نۇرغۇن كىشىنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە: 2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت نۆل. مۇشۇ ۋاقىت پاسىل قىلىنىپ، ئەسلىدىكى يەتتە چوڭ ھەربىي رايون بەش چوڭ ئۇرۇش رايونى بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىدى، خەلق ئارمىيەسى يېڭى «ۋاقىت رايونى»غا كىردى، ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇش رەسمىي باشلاندى.

ئون يىل ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، ئالدىراشلىققا تولغان تونۇش مەنزىرە ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قەلبتىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان تېمىدا ئۆزگىرىش بولدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى»دا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس بىر بۆلەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«قۇرۇش»تىن «ئەلالاشتۇرۇش»قىچە بولغان بىر سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىگە مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، «ئىسلاھات مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئالغا ئىلگىرىلەش بۇيرۇقى ياڭرىماقتا.

«خەلق ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»، «بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»... كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئىسلاھات ئىرادىسى، قەتئىي ئىرادىسى، چىدامچانلىقىنى ساقلاپ، قەتئىي بوشاشماي ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

(3) ھالقىما تەرەققىي قىلىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قەدەمنى تېز ۋە پۇختا ئېلىش

«بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.»

جيەن - 35 تىپلىق، جيەن − 15T تىپلىق، كۇڭجىڭ - 600 تىپلىق... بۇ يىل 5 - ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بىر خەۋەر ناھايىتى تېز سۈرئەتتە توردا ئالقىشلاندى: كۆپ تىپتىكى يېڭىچە جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ سەپلىنىشىگە ئەگىشىپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىگە «ئاۋىياماتكىدىكى يۈرۈشلۈك بەش خىل ئايروپىلان» مۇۋەپپەقىيەتلىك تولۇق سەپلەندى.

«يۈرۈشلۈك بەش خىل ئايروپىلان»نى تولۇق سەپلەش ئاۋىياماتكا سېپى سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا، شۇنداقلا خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قورال - جابدۇقلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قەدەم تېز، پۇختا ئېلىندى، ئاۋىياماتكىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشىگىچە، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشتىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشقىچە، سىيرىلىپ ھالقىشتىن قاڭقىپ ئۇچۇشقىچە بولغان «ئۈچ دەرىجىلىك سەكرەش» تاماملاندى، 055 تىپلىق 10 مىڭ توننىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت، 075 تىپلىق سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان ھۇجۇم پاراخوتى تۈركۈملەپ سەپلەندى، ھەر خىل تىپتىكى قورال - ياراغ سۇپىلىرىنىڭ تۈرى، ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.

پولاتتەك جەڭ پاراخوتلىرى تۈمەن چاقىرىملىق دېڭىز چېگراسىدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىنى نامايان قىلدى.

«بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» پەن - تېخنىكا ئۆزگىرىشى، ئۇرۇش ئۆزگىرىشى، رەقىب ئۆزگىرىشىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىي نەزەرىيە، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي ھالىتى، ھەربىي خادىملار، قورال - جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، ھالقىما تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

− «قورال - جابدۇقلار ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى.»

ئىلغار قورال - جابدۇقلارنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى ۋە قورال - جابدۇق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلىپ، «قالتىس» قورال - جابدۇقلار تەتقىق قىلىپ ياسالدى... «ئايروپىلان ۋە زەمبىرەك»تىن «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۈنئىي ھەمراھ»، «پولات - تۆمۈر ۋە شىنپيەن»گىچە، ئارمىيەمىز ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئاقىللىشىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن زور بىر تۈركۈم ئىلغار قورال - جابدۇقلار سىستېمىلىق سەپلەندى.

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

يېڭى تىپتىكى تانكا، پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئەنئەنىۋى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قورال - ياراغلىرى، ئادەمسىز جابدۇق، سۇ ئاستى، تور ۋە ئېلېكتىر قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش جابدۇقلىرى، سۈرئىتى ئاۋاز سۈرئىتىدىن ناھايىتى تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى... پاراتتىن ئۆتكەن جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىپ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرى بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى تۇنجى قېتىم نامايان قىلىندى.

كۆرۈش سۇپىسىدا، ئىلگىرى «سۆك ۋە مىلتىق»قا تايىنىپ تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرۇپ زەربە بەرگەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى كۆزىگە ياش ئېلىپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان پاراتتىن ئۆتكەن چاسا ئەترەتكە تەنتەنىلىك سالام بەردى.

− «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.»

چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ يېتىشتۈردۇق؛ «چوڭ دۆلەت قانىتى»غا ئۆز كۈچىمىز بىلەن تىرەك بولدۇق.

«ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى سوراپ ئالغىلى، سېتىۋالغىلى، ئۆتۈنۈپ ئالغىلى بولمايدۇ». شى جۇشى «قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى، «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.

«يېڭىلىق ياراتمىساق بولمايدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئاستا بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ.» كەڭ ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئايلاندۇردى.

− «ئىختىساسلىقلار ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەربىي ئىشلار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل».

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يولى ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش سىياسىي قانۇن - ئىنتىزامىنى قايتىدىن نامايان قىلىش، جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ساھەسىنى ئېچىۋېتىش - يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلدى، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىدا يېڭى قۇۋۋەت ئۇرغۇتۇلدى؛ بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلىش، يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرى، يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت خىل ئىختىساسلىقلار»نى يېتىشتۈرۈش سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىلدى؛ ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مانېۋىر بىرىنچى سېپىدە چېنىقىپ، تاۋلىنىپ، بىر تۈركۈم يېڭىچە قوغلىغۇچى - قوغدىغۇچى پاراخوت باشلىقلىرى، بوشلۇق قوماندانلىرى، بىرلەشمە يىڭنىڭ يىڭجاڭلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش باش قوماندانلىرى مۇھىم ۋەزىپىلەردە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، نۇرغۇن يۇقىرى ساپالىق جۈنشىلار مانېۋىر مەيدانلىرىدا مۇھىم رول ئوينىدى...

يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش يولى بارغانسېرى كېڭىيىپ، يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلار سېپى تېز قەد كۆتۈرمەكتە.

(4) كۈچنى مۇجەسسەملەپ غەلىبە قىلىش، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ، كۈچلۈك قوشۇن تاۋلاپ چىقىش

«خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ جەڭگىۋار قوشۇن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى جەڭگىۋارلىقتا.»

ئەڭ كۈچلۈك مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرغان «جۇڭگو قەلبى» بىلەن «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، موتورى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان موتورغا ئالماشتۇرۇلغان يۈن − 20B ئايروپىلانى كورېيەگە ئۇچۇپ پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. ۋاقىتتىن ھالقىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا قەدەم قويغان يېڭى دەۋر ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراۋاتقان ئۇچۇش ئىزلىرى ئارقىلىق يۇرت، ۋەتەننى قوغداپ، قان تۆكۈپ قۇربان بولغان ئەجدادلارغا: پولاتتەك ئىرادىمىز يەنىلا مۇستەھكەم، ۋەتىنىمىز تىنچ - ئامان، دەپ دوكلات قىلدى.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە، يۈن − 20B ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۇچۇپ چىقتى. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە، بۇنداق «تۇنجى قېتىم»لارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ −

خۇڭ − 6K بومباردىمانچى ئايروپىلان نەنخەي دېڭىزىنى ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە مۇھاپىزەت قىلىپ - چارلاپ، تۇنجى قېتىم خۇاڭيەنداۋ ئارىلى بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى؛ كۆپ خىل تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق ھالدا «ئارالنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ چارلاش» ئېلىپ باردى؛ ئەمەلىي جەڭ بىرلەشمە مانېۋىرىدا تۇنجى قېتىم تەيۋەن ئارىلىنى بىرلىشىپ قورشاپ، تۇنجى قېتىم تەيۋەن ئارىلىنىڭ شەرقىدە ئەمەلىي جەڭ بويىچە قارىغا ئېتىش مەيدانى تەسىس قىلدى؛ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىسى، شەندۇڭ ناملىق ئاۋىياماتكىسىدىن ئىبارەت قوش ئاۋىياماتكا ئەترىتى تۇنجى قېتىم غەربىي تىنچ ئوكيانغا بىرلا ۋاقىتتا بېرىپ، يىراق دېڭىز مەشىقىنى قانات يايدۇردى...

قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان «تۇنجى قېتىم»لار مەردانە، جاراڭلىق «ئالدى بىلەن»گە باغلىنىشلىق: «ئارمىيە ئالدى بىلەن بىر جەڭگىۋار قوشۇن، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.»

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جۇشى قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: جەڭ قىلالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ جەڭگىۋار قوشۇن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى جەڭگىۋارلىقتا. دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئۇرۇش پاراخوتىدا، شى جۇشى پالۇبىغا چىقىپ، پاراخوت بۆلۈمچىسىگە كىرىپ، ھەرقايسى ئاساسلىق جەڭ ئورۇنلىرىنى بىرمۇبىر كۆزدىن كەچۈردى؛ قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان چۆللۈكتە، شى جۇشى قەھرىتان سوغۇق، شىۋىرغانغا قارىماي، ئۇچۇش مەشىقى ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ پۈتۈن ئارمىيە خاراكتېرلىك ئۇرۇش تەييارلىقى مانېۋىرىدا، شى جۇشى ئۆزى بىرىنچى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، مانېۋىر لايىھەسى، مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان قىسىملارنى تاللاپ كۆرسىتىش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ يېتەكچىلىك قىلىش - ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرىنى ئۆزى قاراپ چىقىپ بېكىتتى...

يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى تۇرغۇزدى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى تۇرغۇزدى، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش قوماندانلىق تايىقىنى تۇرغۇزدى، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى تۇرغۇزدى. پۈتۈن ئارمىيە شى جۇشىنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا كۈچەشكە قارىتىپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا دەرھال ئاتلىنالايدىغان، جەڭ مەيدانىغا چىقالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

− ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇرۇش تەييارلىقى ئارقىلىق قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەرقايسى قىسىملار يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە - تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ۋە قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، ھەر تەرەپلىمە كۈچەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇرۇش قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولدى.

− ئەمەلىي جەڭ - ئەمەلىي مەشىق قىلدى، بىرلەشمە جەڭ - بىرلەشمە مەشىق قىلدى.

«ئۇرۇشنى قانداق قىلسا ئەسكەرلەرنى شۇنداق مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇش نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى جاپالىق مەشىق قىلىش، قىسىمدا نېمە ئەڭ كەمچىل بولسا شۇنى مەخسۇس پىششىق مەشىق قىلىش كېرەك». ھەرقايسى قىسىملار قەتئىي تەۋرەنمەي ھەربىي مەشىقنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەركىزىي خىزمەت دەپ بىلىپ، مەشىق ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇل - ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ، ھەربىي مەشىق ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

مەشىق قانچە قاتتىق بولسا، چېنىقىش قانچە پۇختا بولسا، ئىقتىدار شۇنچە كۈچىيىدۇ، ئىشەنچ شۇنچە ئاشىدۇ.

− جاپالىق مەشىق قىلىپ، ھەر ۋاقىت كارامىتىنى كۆرسىتىشكە تەييار تۇردى.

«سەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلدىڭ، دەرھال چىقىپ كەت! دەرھال چىقىپ كەت!»

بۇ يىل 5 - ئايدا، بىر چەت ئەل ھەربىي پاراخوتى شىشا تاقىم ئاراللىرىغا قانۇنسىز بېسىپ كىردى ھەم ئاۋىياماتكا تىك ئۇچار ئايروپىلانى كۆپ قېتىم ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىردى. دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھاۋا بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلغان بۇ قىلمىش ئالدىدا، بىرىنچى سەپتىكى دېڭىز - ھاۋا ئارمىيەسى ئەسكىرىي كۈچى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئاۋازلىق ئاگاھلاندۇرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك ئېلېكتىرونلۇق كاشىلا قىلىش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغلاپ چىقاردى.

جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغاندىلا، ئۇرۇشنى توختاتقىلى بولىدۇ. چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى لىنىيەسىدە ئالىقانچىلىك يەرنىمۇ تارتقۇزۇپ قويماي سادىقلىق بىلەن چىڭ تۇرۇشتىن دۇڭخەي دېڭىزى، نەنخەي دېڭىزىدا قەتئىي، كۈچلۈك ھالدا ھوقۇقنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىشكىچە، يەنە تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا كۆپ خىل ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى كۈچى بىر گەۋدىلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، دەل جايىدا ماسلاشقان كۈچلۈك قامال قىلىش - تىزگىنلەش، چۆچۈتۈش، بېسىم ئىشلىتىشكىچە، ھەرقايسى قىسىملار ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش بىلەن ئەسكەر ئىشلىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئەسكىرىي كۈچنى ئىشلىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى.

خەتەرلىك پەيتتە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى، كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئېغىر بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، ۋىرۇس يامراپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالغاندا، كەلكۈن، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىقلار ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، قەيەر ئەڭ خەتەرلىك بولسا، قەيەر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ جايدا خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بار بولدى.

رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش ئارقىلىق يېڭى كەيپىيات ياراتتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا ئاتلاندى. پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، پولاتتەك تاۋلىنىش داۋامىدا قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم بولۇپ كەلدى. تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، شى جۇشىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلماقتا. خەلق ئارمىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(يېزىشقا قاتناشقانلار: لى لۇڭيى، يەن شەن، يۈ شياۋچۈەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.