تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
ماناس ناھىيەسى چىندىخوزا قازاق يېزىسىنىڭ كەڭسۋات كەنتى قىزىق نۇقتا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى مەنزىرە يولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان، كېڭسۋات مەنزىرە رايونى بىلەن يېقىن بۇ كەنت جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يولغا قويدى. بۇ يىل يېڭىدىن يولغا قويۇلغان گۈل سەيلىسى ۋە مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش ساياھىتى يېزا-كەنت ساياھىتى تەسىراتىنى تېخىمۇ موللاشتۇردى.
كەنتتىكى گۈلسامساقلار ئېچىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا.
بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنت «ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى+شىركەت+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىپ، سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق ساياھەت شىركەتلىرىنى مەنزىرە رايونىنى ئېچىشقا جەلپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى پاي قوشۇش شەكلى ئارقىلىق ئېسىل ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇپ، فۇجيەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە گۈلسامساق باغچىسى بەرپا قىلدى.
نۆۋەتتە، كەنتتىكى 70كە يېقىن دېھقان-چارۋىچى ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىپ، 160 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى شۇ جايدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى جانلاندۇردى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ كالا-قوي گۆشى، يېشىل كۆكتات قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى.
ساياھەتچىلەر گۈلسامساق دېڭىزىدا سۈرەتكە چۈشۈپ گۈللەردىن ھۇزۇرلانماقتا. خەن دۇڭ فوتوسى






