تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) يېقىندا، ئاپتوموبىل چاقى ئاستا-ئاستا دېڭىز يۈزىدىن 4485 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئامبال ئاشىكەن تاغ ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، كۆرۈش دائىرىسى بىردىنلا يورۇپ كەتتى. تاغ ئېتىكىدە تومۇز يازدىكى ئاياغقۇم كۆلى خۇددى غايەت زور كۆك ياقۇتقا ئوخشاش بىپايان قۇملۇقتا جىمجىت يېيىلىپ تۇراتتى، سۈپسۈزۈك كۆل يۈزى جىمىرلاپ سۈزۈك ئاسماننى يورۇتۇپ تۇراتتى.
كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئاياغقۇم كۆلىنىڭ مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).
«تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا چوڭ-كىچىك 100دىن ئارتۇق كۆل بار، ئاياغقۇم كۆلى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى.» ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى شاڭ پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ كۆللەرنىڭ كۆپىنچىسى تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقلارغا تارقالغان بولۇپ، دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا شەكىللەنگەن، يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ قوش تولۇقلىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزگىچە ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە تارتىلغان ئېشەكپاتتى كۆلىنىڭ مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).
تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ تۆۋەن جاي (3885 مېتىر) بولغان ئاياغقۇم كۆلىنىڭ سۇ كۆلىمى 1100 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، خۇددى بىر مەرۋايىتقا ئوخشايدىغان ئېشەكپاتتى كۆلى بار. بۇ ئېگىز تاغ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى سۇ كىرىش-چىقىش تىپىدىكى تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى ئەتراپتىكى نۇرغۇن بۇلاق سۈيىنىڭ تېشىپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن كىچىك دەريالاردىن كېلىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى، مىنېراللىشىش دەرىجىسى تۆۋەن، كۆلدە ھەتتا ئىلمەك راك قاتارلىق سۇ جانلىقلىرى ياشايدۇ، ئەتراپتىكى سۇلۇق يەر ۋە جانلىقلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىن داشازى كۆلىنىڭ مەنزىرىسىگە يىراقتىن نەزەر سېلىش (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).
قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ داۋاملىق ماڭساق، قۇمكۆل قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە تېخىمۇ سىرلىق بولغان چوڭ-كىچىك شازى كۆلى يوشۇرۇنغان. بۇ ئىككى كۆل تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، ئاياغقۇم كۆلى بىلەن ئالتۇنتاغ ئويمانلىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرى توپىغا تەۋە. بۇنىڭ ئىچىدە شياۋشازى كۆلى داشازى كۆلىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كۆل بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 4105 مېتىر كېلىدۇ؛ داشازى كۆلى بولسا خۇددى بىر قاشتېشى بەلباغقا ئوخشاش قۇم دېڭىزىغا نەقىشلەنگەن. ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بۇ قاقاس قۇملۇققا ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسىگە ئايلانغان.
كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە تارتىلغان شياۋشازى كۆلى مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).
تاتلىق سۇ كۆلىدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4720 مېتىر كېلىدىغان جىڭيۈ كۆلى بار، ئۇنىڭ يېرىمى تاتلىق سۇ، يېرىمى تۇزلۇق سۇ بولۇپ، ئېگىزلىكتىكى كۆللەرنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ئاياغقۇم كۆلىدىن جىڭيۈ كۆلىگىچە، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كۆللەر شاھمات ئۇرۇقىدەك تارقالغان بولۇپ، شەكلى ھەر خىل. ئۇلار ھەيۋەتلىك گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ ئېگىزلىكتىكى چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، شىزاڭ بۆكىنى، ياۋا قوتاز قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئېگىزلىكتىكى ھاياتلىق مەدھىيەسىنى ئورتاق جىلۋىلەندۈرمەكتە.
كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئېشەكپاتتى كۆلى سۇلۇق يېرى مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).






