□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئېھتىياجلىق، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.
«پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك» «ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن پائال مۇلازىمەت قىلىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىگە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك، ئىستراتېگىيەلىك خىزمىتى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش نىشانىغا قاراپ قانچە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنى شۇنچە زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، كۈچىنى شۇنچە مۇجەسسەملەش كېرەك.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا نەزەر سالايلى. گۇاڭدۇڭ شەنتوۋ خۇاچياۋ ئىقتىساد - مەدەنىيەت ھەمكارلىقى سىناق رايونى تەسىس قىلىشتىن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ نىزامىنى ئېلان قىلىشقىچە، يەنە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەشكىچە... بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، جۇڭگونىڭ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا نەزەر سالايلى. «ھەممە جايدا باھار تۈسى» «جۇڭخۇا قېرىنداشلىق مېھرى» قاتارلىق ئېسىل مەدەنىيەت ماركا پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، باھار بايرىمى كەيپىياتى، يۇرت مۇھەببىتى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن چياۋمىن قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈلدى؛ «جۇڭگودا يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرى» قاتارلىق مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈركۈملىگەن خۇايى ياش - ئۆسمۈرلەر نەق مەيداندا جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى بىلەن ئۇچرىشىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. «ئورتاق يىلتىز» قوغدىلىپ، «ئورتاق روھ»قا ۋارىسلىق قىلىنىپ، «ئورتاق ئارزۇ» ۋۇجۇدقا چىقىرىلىپ، جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مەدەنىيىتى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قەلبى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا ئايلاندى.
جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نەزەر سالايلى. «بايرام»نى ۋاسىتە قىلىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىنلار تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىلدىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، باھار بايرىمى، جۇڭچيۇ قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايرام - تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلق ئاممىسى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىگە ئايلاندۇردى. تور ۋە تور سىرتىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ھەممە جايدا يۈكسەلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەملىكەت سىرتىدا تارقىلىش ئاساسى سىجىل پۇختىلاندى، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇشىدىكى خەلق ئىچى ئەلچىلىرىگە ئايلىنىپ، دۇنياغا ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلدى.
...
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان 60 مىليوندىن ئارتۇق مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ تومۇرداش مۇھىم ئەزاسى. دەل چياۋمىنلار قەلبىنى مۇجەسسەملەش باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، جۇغراپىيەلىك، قانداشلىق، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىچە ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقىلىشىش ۋە ئارىلىشىش قويۇقلاشتۇرۇلغاچقا، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، بۇ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ مەملىكەت سىرتىدىكى ھەربىر سادىق قەلبنىڭ بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى چاقىرىققا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزغاندىلا، چوقۇم يېڭى مۇساپىدە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلالايدۇ.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئۇرۇق - تۇغقان، يۇرتداشلار، ئەسلىي يۇرت مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش باش تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن چياۋمىنلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرلىكىدە، دۆلەت ئىچىدىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشتا، بايلىقنى يېتىلدۈرۈش بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ئارىسىدا ساقلانغان غايەت زور ئېنېرگىيەنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش، جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى باشتىن - ئاخىر تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
بىپايان دېڭىزدا دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا، بىر مەقسەتتە گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتىمىز. يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.
(«خەلق گېزىتى»نىڭ 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)






