□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، لو شا، ۋاڭ مىڭيۈ
بېيجىڭ، مەركەز سوۋغات بۇيۇملىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى «دوستانە ئالاقىلىشىش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش − پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دىپلوماتىيە پائالىيىتى سوۋغات بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە زالىدا، تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان دۆلەت سوۋغىلىرىغا جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇق مېھرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېڭى جۇڭگو دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولماقتا.
2021 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا ئېكسكۇرسىيەدە بولغاندا، مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە».
دەۋر دولقۇنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش. «تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى»دىن «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» قىچە، بۇ جەرياندا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر دۇنيانى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلدى.
دۇنيانىڭ يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلمەكتە.
ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ؟ ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ؟ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش كېرەكمۇ؟
«مەن ئىزچىل شۇنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىمكى، تارىخنى كەينىگە ياندۇرسا بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك؛ دۇنيا بۆلۈنۈپ كەتسە بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك؛ ئىنسانىيەت ئورمان قائىدىسىگە قايتسا بولمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى مەردانە، جاراڭلىق بولۇپ، دىللارنى يورۇتتى.
2023 - يىلى 12 - ئايدا، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ دىپلوماتىيە خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىنتىلىدىغان يۈكسەك نىشان بېكىتىلدى.
ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىدىكى يادرولۇق قاراش بولۇش سۈپىتى بىلەن «قانداق دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ دەۋر سوئالىغا بېرىلگەن جۇڭگو جاۋابى بولدى.
ۋاقىت ئىزلىرىنى بويلاپ نەزەر سالساق، 2013 - يىلىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە مۇھىم نۇتۇق ئېلان قىلغاندا، تۇنجى قېتىم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە ياشاپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەن ئوخشاش بىر ۋاقىت بوشلۇقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بارغانسېرى ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلانماقتا».
شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا سورۇنلاردا بۇنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر ئىزاھلىدى. 70 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي يولى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى...
71 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى پېتېر تومسون مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش «ئىنسانىيەتنىڭ بۇ پىلانېتتىكى بىردىنبىر كەلگۈسى».
ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىسىنى روشەن نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى دۇنيا تەرەققىياتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ دۇنياغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، سىجىل گۈللىنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىگە كۆپ قېتىم كىرگۈزۈلدى... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى بارغانسېرى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنسېرى كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.
دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدا ئۇچقاندەك قاتنىدى، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى تاغ - دەريالارنى كېسىپ ئۆتتى، چيەنكەي پورتى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنى تۇتاشتۇردى، پىرائېئۇس پورتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى... بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەت سۇپىسى قىلىپ، جۇڭگو 150تىن ئارتۇق دۆلەت، 30دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلات بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى گۈزەل ئارزۇدىن مول ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قىياپىتىدە پائال ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولماقتا.
چوڭقۇر ئىزدىنىپ ئىنچىكە ئىشلەش نەتىجىسىدە، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو - ئافرىقا، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى قاتارلىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، جۈپ - جۈپ ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، بىزنىڭ دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورىمىز بارغانسېرى كېڭەيدى، بارغانسېرى پۇختىلاندى.
«ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بىر گۈزەل نىشان، شۇنداقلا ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرگەندىلا، ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان».
2021 - يىلىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋالغۇش، ئەنسىزلىككە تولغان دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلاندى.
ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش شانلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ھەققانىيلىقنى ياقلاپ، داغدام يولدا ماڭساق، بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)






