□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، يەن فۇجىڭ
شەھەر مۇھىتىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %88.1 بولدى؛ مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ 1 - تۈردىن 3 - تۈرگىچە بولغان سۇ سۈپىتىنىڭ كەسمە يۈز نىسبىتى ئۇدا ئىككى يىل %90تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى؛ 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشتى... ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان «2025 - يىللىق جۇڭگو ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتى»دا، ھەربىر سان دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش توختاپ قالمىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش تېزلىتىلدى، ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تاغ تېخىمۇ يېشىل، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا بەش يىل %90تىن ئاشتى.
«ئېكولوگىيەدىكى ئۆزگىرىش»تە نامايان بولغىنى دەل «ئورۇنلاشتۇرمىدىكى ئۆزگىرىش» بولدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى باسقۇچقا كىردى.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بىر ئۇلۇغ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش».
ماددىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت «ئىككى مەدەنىيلىك»تىن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش»، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «تۆتنى بىر گەۋدە قىلىش»قىچە، يەنە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش»قىچە، پارتىيەمىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەدبىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، تەرەققىيات مەقسىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، تەرەققىيات ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتى، تەرەققىيات يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سوتسىيالىزم. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش نېگىز، سىياسىي قۇرۇلۇش كاپالەت، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جان، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى شەرت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئاساس. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ئۆزئارا باغلىنىشلىق، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىكى، سىياسىي مەدەنىيلىكى، مەنىۋى مەدەنىيلىكى، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ بىزنىڭ باي - كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىمىز بىلەن بىردەك.
«بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيەت داۋامىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە يېڭى ۋەزىيەتتىكى پۇرسەت، خىرىس ۋە تارىخىي ۋەزىپىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى دائىملىق ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» 2014 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن 19 - قۇرۇلتىيىغىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەتتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق زور مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقاردى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «<تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ بېكىتىلدى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلدى.
«تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ھەم ئىستراتېگىيەلىك نىشان بار ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بار، ھەربىر «ئومۇميۈزلۈك» مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىز، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىمىز بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق ۋە بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، زىچ لوگىكىلىق مۇناسىۋەتكە ۋە ئىچكى باغلىنىشچانلىققا ئىگە، بۇ، بىر پۈتۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى باش تۇتقىسى بولۇپ قالدى.
سەمىمىي ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، دەۋر جاۋاب قەغىزى دائىم يېڭىلىنىپ تۇردى.
2020 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى بىرىنچى «ئومۇميۈزلۈك» «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش»تىن «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش»قا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
«داۋاملىق تۈردە <بەشنى بىر گەۋدە قىلىش> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، <تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.» 2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا شۇنداق تەكىتلىدى.
يول داغدام، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، داۋاملىق تۈردە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتساقلا، بىز چوقۇم يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، تارىخقا يۈز كېلەلەيمىز، دەۋرگە يۈز كېلەلەيمىز، خەلققە يۈز كېلەلەيمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)






