تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ نوۋانىڭ سان تومې ۋە پىرىنسىپى زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كارلوس نوۋاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سان تومې ۋە پىرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. مەن جۇڭگو بىلەن سان تومې ۋە پىرىنسىپى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ نوۋا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن سان تومې ۋە پىرىنسىپى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.