□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، جاڭ يەن
2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. قۇرۇلتايدا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى كۈرەش مۇساپىسى ھەم قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە خۇلاسىلەندى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخىي ئورنى تىكلەندى.
11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا ۋاكالىتەن تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى − بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.»
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان ئالغا ئىنتىلىش روھى بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى بۇ ئۇلۇغ مۇساپىنىڭ تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى.
دەھشەتلىك دولقۇندا مۇستەھكەم تۈۋرۈكنىڭ رولى ئەڭ نامايان بولىدۇ، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق بولىدۇ.
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان، قىسمەن دائىرىلىك توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش ئۈزۈلمەي يۈزبېرىۋاتقان، دۇنياۋى مەسىلىلەر كەسكىنلىشىۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىشى قاتارلىق بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يېڭى مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئاتلىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن - سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.
دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇستەھكەم ئېتىقادى، ئەقىدىسى، روشەن خەلقچىللىق مەيدانى، قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە پەزىلىتى، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، يۈكسەك سىياسىي سەنئىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولدى. يولداش شى جىنپىڭ دەۋرنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى تەلىپىگە جاۋاب بېرىپ، خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر قاتار دەسلەپكى ئىجادىيەت خاراكتېرلىك يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
ئەمەلىيەت ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، پارتىيە ئىچى - سىرتىدا بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش ۋە كۈچلۈك سادا شەكىللەندى، ئۇ بولسىمۇ: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش شەرت، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە قوغداش شەرت. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا توغرا يۆنىلىشنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
2016 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى قىلىپ رەسمىي تىكلەندى. 2017 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش» پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.
يولداش شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى تىكلەش ئەمەلىيەتنىڭ تاللىشى، تارىخنىڭ تاللىشى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى، ئىسمى - جىسمىغا لايىق بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىپ. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم سىياسىي نەتىجە ۋە قىممەتلىك تەجرىبە، پۈتۈن پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئورتاق ئىرادە، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشىنى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۈيۈك ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)






