□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ جىڭ، ليۇ جېن
2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، بېيجىڭ، ھەيۋەتلىك خەلق سارىيى يەنە بىر قېتىم بىر تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولدى. پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» بىردەك ماقۇللاندى. قۇرۇلتايدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ھەم ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش بولغان، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يېتەكچى فاڭجېنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە.
بىز ۋاقىت ئىسترېلكىسىنى 2003 - يىلىغا قايتۇرايلى. شۇ يىلى باھاردا، بىر مەيدان سارس يۇقۇمىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تارقىلىشى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.
سىناق ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا سارسنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتتى، بىر قولدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تۇتتى. مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جىددىي سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، سارس يۇقۇمىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىنى ساقلىدى.
سارس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، لېكىن يەنە دۆلىتىمىزدە بىر مەزگىل ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن يىغىلىپ قالغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ بەردى: تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يېتەرلىك بولماسلىق، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىدا نۇقسان بولۇش، كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق...
«قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىش كېرەك» دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم تېما، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.
يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچقا كىرگەندە، دۆلىتىمىز كۈتۈۋالغان تەرەققىيات پۇرسىتى مىسلىسىز بولدى، دۇچ كەلگەن خىرىسمۇ مىسلىسىز بولدى. يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىككە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تېما، يېڭى زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن ئەنئەنىۋى تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئۇسۇل بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
2003 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرى 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا، يولداش خۇ جىنتاۋ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى» ئۇقۇمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى 10 - ئايدا پارتىيە 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا بىرىنچى قېتىم پارتىيەنىڭ رەسمىي ھۆججىتىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش» تەلەپ قىلىندى.
«تەرەققىياتنى تېزلىتىش»تىن «ئىلمىي تەرەققىيات»قىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىياتقا بولغان تونۇشى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلۇشىۋاتقانلىقى نامايان قىلىندى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنى تەرەققىيات، يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاساسىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، تۈپ ئۇسۇلى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش. بۇ بىر يۈرۈش نەزەرىيە سىستېمىسى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېنىق پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.
تۆت يىلدىن كېيىن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيە نىزامنامىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى. بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ماركسىزمنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈردى.
دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن پارتىيەلا، ئاندىن ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدۇ. 2016 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «خۇ جىنتاۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نى ئۆگىنىش دوكلات يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى چىقىش قىلىنىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان يېڭى تونۇشىنى نامايان قىلدى.
تەرەققىيات يولىنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ، نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشقىچە، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى باشتىن - ئاخىر ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭلىق يارىتىش داۋامىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)






