□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن سىشياڭ
«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مەملىكەتلىك چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.
بۇ، 2018 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن بۇيان، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى باش تېما قىلىنغان يىغىننى تۇنجى قېتىم ئېچىشى بولۇپ، ئەھمىيىتى زور.
پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك، ئىستراتېگىيەلىك خىزمىتى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».
1995 - يىلىلا، يولداش شى جىنپىڭ يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا «<كەڭ چىياۋمىنلار ئىشلىرى> قارىشىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، «كەڭ چىياۋمىنلار ئىشلىرى» خىزمەت ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان پائال تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. تارىخ ۋە رېئاللىقتىن قارىغاندا، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ۋە يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، ھەممىسى مۇھىم ۋە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرغان.
ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ سانى، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، بۇ كۈچنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىش دەل مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە قاتنىشىپ، ۋەتەن(يۇرت)نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۆز ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈندۇر.
مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيە ۋە خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا تايىنىدىغان مۇھىم كۈچ.
خەلق ئىچى دوستلۇقىنىڭ «ئەلچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭگو بىلەن تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەلق ئىچى ھەمكارلىقى ئۈچۈن پائال ۋاسىتە ۋە كۆۋرۈك بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىچى دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلاپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى مۇساپىدە «چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش» «مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەكىتلىشى دەل مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ئارىسىدا ساقلانغان غايەت زور ئېنېرگىيەنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش، جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر.
ئىتتىپاقلاشقان، بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مىللىتى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق «يىلتىزى»، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق «روھى»، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق «ئارزۇسى».
«ئورتاق يىلتىز»نى قوغداپ، «ئورتاق روھ»قا ۋارىسلىق قىلىپ، «ئورتاق ئارزۇ»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى كەڭ دائىرىدە توپلىغاندا، بىز چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






