شى جىنپىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چياۋمىنلار ئىشلىرى سېپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن پائال مۇلازىمەت قىلىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.
مەملىكەتلىك چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېقىندا مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان پائال تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، چياۋمىنلار قەلبى، چياۋمىنلار كۈچىنى مۇجەسسەملەش، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ۋەزىپە - تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك، ئىستراتېگىيەلىك خىزمىتى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى. يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش باش تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن چياۋمىنلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، بايلىقنى يېتىلدۈرۈش بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنى تېخىمۇ ياخشى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش ۋە قاتنىشىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ زور ئەھمىيىتى، دەۋر قىممىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چىياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.
جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
لوساڭ جياڭسۈن، ۋۇ جېڭلۇڭ، شيەن خۇي يىغىنغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر، چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلاردىكى قىسمەن مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.






