
مۇخبىرنىڭ دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى «كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش <15-بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلغان.
يىرىك پىلاندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2030-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، كۆلەملىك يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش تۈزۈم سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، كۆپ نۇقتىدىن قوزغىتىلىدىغان، ئىنكاسى تېز بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئىلمىي باھالاش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، يېڭى تارقالغان، تاسادىپىي كۆرۈلگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىشلىنىدۇ، نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدۇ، ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇلىدۇ.
يىرىك پىلاندا ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەر چۆرىدىلىپ، بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






