□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ۋە قويۇق دوستلۇق ئەستە چىڭ ساقلىنىدۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى يەنە پۈتۈپ چىقىلىدۇ. 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 11 - تۈركۈمدىكى مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش ھەم 12 - تۈركۈمدىكى مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.
كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ؛ ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلىرى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مول نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى. نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن.
ئۈن - تىنسىز قەسەمگە ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جاۋاب بېرىلدى. 11 - تۈركۈمدىكى مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خالىس تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق دۆلەت مۇھەببىتىنى ئىزاھلاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنى ئۆز يۇرتى، ئاممىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، بىپايان تۇپراقنى قەدىمى ئارقىلىق ئۆلچەپ، ئەجرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىپ، «شىنجاڭغا نېمە ئۈچۈن كەلدىم، شىنجاڭدا نېمە ئىش قىلىمەن، شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا نېمىلەرنى قالدۇرىمەن» دەيدىغان ئەسلىي مەقسەت جاۋاب قەغىزىگە ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشنى پۈتۈپ چىقتى. كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىلىرى، بۆسۈش خاراكتېرلىك تۈرلۈك تەرەققىيات مۇۋاپپەقىيەتلىرى بىزگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان - قېرىنداشتەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولغان قويۇق دوستلۇقىنى ھېس قىلدۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، شىنجاڭنى گۈللەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتتى.
بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى چىقارغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىرماقتا.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىنتايىن قىممەتلىك بايلىق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىش، خىزمەتتە زور كۈچ بىلەن قوللاش، تۇرمۇشتا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى، تالانتىنى نامايان قىلىشى، قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى، كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇرلاشتى، كۈچ مۇجەسسەملەندى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ياردەم بەرگۈچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بۇرچى ۋە دوستلۇقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.






