تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 9 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»نى تارقاتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن

«مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 9 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»نى تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 9 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك ئۇللۇق خىزمەت. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى باش ۋەزىپە، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى تۇتقا، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تىرەك، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى كاپالەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

2030 - يىلىغىچە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان، پۈتۈمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىللىقنى قوغدايدىغان ياخشى مۇھىت يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جەمئىيەت ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ؛ «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا، قانۇننى شۇ ئومۇملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

«يىرىك پىلان»دا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملار ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، پۇقرالار ئۆمۈرلۈك قانۇنچىللىق تەربىيەسى تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.