تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى | ئامبال ئاشىكەن تاغ ئېغىزى، ئالتۇنتاغدىكى ئېگىزلىك جەزبدار مەنزىلىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 7-ئايدا، ئاپتوموبىل ئەترىتى ياز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋاغا جور بولۇپ، كورلىدىن شەرققە قاراپ مېڭىپ، چاقىلىق ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، چاقىلىقتىن چىمەنتاغ يېزىسىغىچە بولغان تاشيولنى بويلاپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ئاپتوموبىل چاقى چۆل-جەزىرىلەرنى بېسىپ، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىدىكى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا يېقىنلاشتى. دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى سائىتى 4485 مېتىر ئېگىزلىكنى كۆرسەتكەندە، ئامبال ئاشىكەن تاغ ئېغىزى كۆز ئالدىمىزدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتى. «72 ئەگىم»دەپ ئاتالغان بۇ تاغ يولى ئېكولوگىيەلىك جەزبدار مەنزىلنى چەككەن تۇنجى بوسۇغىغا ئايلىنىپ، ئەگرى-بۈگرى تاغ يولى، بىر پارچە پاكىز تۇپراق، ئېگىزلىككە خاس قەيسەرلىك يوشۇرۇنغانىدى.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4485 مېتىر كېلىدىغان ئامبال ئاشىكەن تاغ ئېغىزى (7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

    تاغ يولى «之» خېتى شەكلىدە ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان بولۇپ، خۇددى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك يىپەك لېنتىغا ئوخشاش تاغ قاپتىلىغا يۆگىلىپ تۇراتتى. مۇھاپىزەت رېشاتكىسى يوق، پەقەت ئاپتوموبىل چاقى بېسىپ ئۆتكەن ئىزلار بار ئىدى. يۇقىرىغا چىقىش يولىدا، ئاپتوموبىل دېرىزىسى سىرتىدىكى مەنزىرە ئاستا-ئاستا ئالمىشىشقا باشلىدى: ئالدى بىلەن ئېچىلىپ قالغان شېغىللىق دۆڭدىكى ئۇششاق تاشلار قۇياش نۇرىدا سوغۇق نۇر چېچىپ تۇراتتى؛ يەنە يۇقىرىغا چىققاندا، شالاڭ چىملىق بار بولۇپ، سارغىيىپ كەتكەن ئوت-چۆپلەر يەر يۈزىگە چاپلىشىپ، شامالدا يۇقىرى-تۆۋەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى؛ بىر ئايلانمىدىن ئۆتكەندە، چوقچىيىپ تۇرغان تاشلىق تاغ بىردىنلا چوقچىيىپ چىققانىدى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ بەلگە تاختىسى تاغ ئويمانلىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.  ئۆزگىچە گۈل-گىياھلار، ئېقىن بۇلاق، شارقىراتما يوق ئىدى، پەقەت ئەڭ ئىپتىدائىي تاغ، تاش ۋە ياۋا ئوت-چۆپلەر تۇپراققا جىمجىت يېيىلغان بولۇپ، ئاددىي ھەم ھەيۋەتلىك ئىدى.

ئامبال ئاشىكەن تاغ ئېغىزىدا سۈرەتكە تارتىلغان تاغ ئايلانما تاشيولى (7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

ئامبال ئاشىكەن تاغ ئېغىزىدا سۈرەتكە تارتىلغان كەچكى شەپەق مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.