شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ ياۋ، جاڭ بوچۈن) مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كورېيە پۇساندا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 48-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو خۇاڭخەي (بوخەي) دېڭىزىدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ياشاش ماكانى دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنىڭ چېگراسىنى تەڭشەش تۈرى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان، لياۋنىڭ داليەن چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ياشاش ماكانى دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلگەن.
چاڭشەن تاقىم ئاراللىرى خۇاڭخەي (بوخەي) دېڭىزىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا— ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە-ئەتراپتىكى تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش رايونىدىكى چوقۇم ئۆتىدىغان دېڭىز يولى، شۇنداقلا مىليونلىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ بوخەي دېڭىزىدىن ھالقىپ كۆچۈش جەريانىدىكى ئېنېرگىيە تولۇقلايدىغان مۇھىم ئارال توپى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ، 2022-يىلى 9-ئايدا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدىن بىر كۆرۈنۈش (ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جيا يىفېي فوتوسى)
بۇ، 2019-يىلى 12-ئايدا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز قارنىسى ۋە يېشىل دۈمبىلىك قارنا قاتارلىقلار.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جاڭ جۇڭمىن فوتوسى)
بۇ، 2019-يىلى 6-ئايدا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدىكى سېرىق تۇمشۇق ئاق قوتان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ شياۋپىڭ فوتوسى)
بۇ، 2021-يىلى 6-ئايدا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدىكى سېرىق تۇمشۇق ئاق قوتان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ شياۋپىڭ فوتوسى)
بۇ، 2025-يىلى 6-ئايدا چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدا سۈرەتكە تارتىلغان دېڭىزغا قويۇپ بېرىلگەن غەربىي تىنچ ئوكيان چىپار تيۇلېنى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن يۈلۇڭ فوتوسى
2026-يىلى 4-ئايدا سۈرەتكە تارتىلغان چاڭشەن تاقىم ئاراللىرىدىكى يېسسى تۇمشۇق قارا باش قوتان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن خې فوتوسى






