تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئىنچىكە پىششىقلاشقا چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى كۈچەيتىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «ئاشلىق تېرىشتىن ئۈستەلگە تاماق قىلىپ چىقىرىشقىچە، چارۋا باقمىچىلىقىدىن گۆش تۈرى پىششىقلاشقىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشقىچە» بولغان ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى سىجىل زورايتتى، يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر تۈركۈم زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى تېز ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەسىپ زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلدى، باشلامچى كارخانىلار ھۈنەر - سەنئەت تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتتى، پۈتۈن شىنجاڭدا خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتى مۇقىم ئاشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشتى، شىنجاڭنىڭبارغانسېرى كۆپ خاس مەھسۇلاتلىرى ئىنچىكە پىششىقلاشقا تايىنىپ مەھسۇلات ھالىتىنى قايتا يارىتىپ، بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ئۈزلۈكسىز قوشۇلما قىممەت بوشلۇقىنى ئاچتى.

زەنجىرنى ئۇزارتىش: تولۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق، قىممىتىنى قاتلاممۇقاتلام تېز ئاشۇرۇش

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىلىغا 52 مىڭ توننا شوخلا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، ئاسىيادا يەككە گەۋدە بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ زور بولغان بۇ شوخلا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىلگىرىكى نوقۇل چوڭ تۇڭلۇق شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقىرىش ئەنئەنىۋى ئەندىزىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كىچىك ئورالمىلىق تەم تەڭشەيدىغان شوخلا مەھسۇلاتلىرى، شوخلا ئۇرۇقى مېيى، شوخلا قىزىل پىگمېنتى ئايرىپ ئېلىنغان ماددا قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئاچتى. ساھەدىكى مۆلچەرىي ھېسابلاشتىن كۆرسىتىلىشىچە، چوڭقۇر پىششىقلىغاندىن كېيىن، ئاخىرقى ئۇچ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پايدا نىسبىتى ئەنئەنىۋى دەسلەپكى دەرىجىدىكى شوخلا قىيامى مەھسۇلاتىنىڭكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك ئاشىدىكەن.

ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپىدىمۇ ئوخشاشلا قىممەتنى ئاشۇرۇش يېڭى يولى تېپىپ چىقىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك كالا - قويلارنى كۆپىنچە تىرىك چارۋا، دەسلەپكى توڭلىتىلغان مەھسۇلات شەكلىدە سىرتقا توشۇش ئاساس قىلىناتتى، يول ئۈستىدە خوراش يۇقىرى، باھا كېلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز، كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى چەكلىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «چارۋا باقمىچىلىقىدىن گۆش تۈرى پىششىقلاشقىچە» بولغان پۈتۈن زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كالا - قويلارنى ئۆز جايىدا سويۇش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كىسلاتاسىزلاشتۇرۇش، ئىنچىكە پارچىلاپ پىششىقلاش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كالا - قويلارنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئايرىپ پارچىلاپ سوغۇق تېمپېراتۇرىدا يېڭى ساقلانغان گۆش، دورا - دەرمەك قوشۇلغان گۆش، تەملەندۈرۈلگەن ئۇششاق يېمەكلىك قاتارلىق نەچچە ئون تۈردىكى ئاخىرقى ئۇچ مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇردى، سۆڭەك، ياغ، ئىچكى ئەزا قاتارلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ماس قەدەمدە ئۇنىۋېرسال ئېچىپ، «ھەربىر تۇياق چارۋىنىڭ ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىگە يەتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ كۆكتات ھوسۇلى 3 مىليون 63 مىڭ 600 توننا، باغ - ئورمان مېۋە ھوسۇلى 913 مىڭ 300 توننا بولدى، يېتەرلىك كۆكتات - مېۋە خام ماتېرىيالى چوڭقۇر پىششىقلاش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

پوسكام ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ مىنلۇڭدا قۇرۇق مېۋە كەسپى چەكلىك شىركىتى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، چىلان، شىنمېيدىن چۈرۈك مېۋە، گۈل - مېۋە چېيى ئىشلەپچىقاردى؛ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاق كارخانىلىرى سوغۇق سىقىش ھۈنەر - سەنئىتى ئارقىلىق ياڭاق يېغى، ياڭاق ئوزۇقلۇق تالقىنى قاتارلىق ئون نەچچە تۈردىكى مەھسۇلاتنى ئاچتى؛ قومۇل مېۋىلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، 1 - دەرىجىلىك يېڭى مېۋە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنى بىۋاسىتە تەمىنلەپ، 2 - دەرىجىلىك مېۋىلەردىن مېۋە مۇرابباسى پىششىقلاپ، سۈپەتسىز مېۋىلەردىن تەبىئىي خام ماتېرىيال ئايرىپ ئېلىپ، ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بازارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۈرئىتى سىجىل تېزلىتىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، «پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشلامچى كارخانىلار شىنجاڭغا كىرىش . ئۈرۈمچى سەپىرى» بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 55 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 6 مىليارد 342 مىليون يۈەن بولدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان زور بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ خام ئەشيانى نوقۇل سىرتقا چىقىرىش ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتتى.

تىرەكنى كۈچەيتىش: سىياسەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇلۇپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئېتىزدىكى خام ماتېرىياللاردىن مال جازىسىدىكى تاۋارلارغىچە، كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىياسەت، مەبلەغ، پەن - تېخنىكىنىڭ ھەر تەرەپلىمە كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭ يۈرۈشلەشكەن سىياسەت «بىرىكمە تەدبىر»ىنى يولغا قويۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ئۈچۈن يول ياسىدى، كۆۋرۈك سالدى.

ئاپتونوم رايون «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان ئاشلىق، ياغ تۈرلىرى، گۆش تۈرلىرى، مېۋە، كۆكتات تۈرلىرى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرلىرى ئۈسكۈنە مەبلىغى مۇكاپات - ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۈرلەرنىڭ مۇكاپات - ياردەم پۇلى يۇقىرى چېكى 20 مىليون يۈەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۆش كالىسى، گۆش قويى كەسپى مەخسۇس تۈر يۈرۈشلەشكەن سىياسىتىگە تايىنىپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كارخانىلارنى ئالدىن ياسالغان گۆش مەھسۇلاتلىرى، توڭلىتىلغان يېڭى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى. ھەرقايسى جايلار يۆلەش تەدبىرلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كارخانىلارنى ئاخىرقى ئۇچ ئىستېمال بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا ئالاقىدار قەرز ئۆسۈم ياردىمى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر بولۇش» مەخسۇس بەن مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، يەر ئىشلىتىش، سوغۇق زەنجىر، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى تۈرلۈك توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلدى.

ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتتا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەرگە «پەن - تېخنىكا موتورى» ئورناتتى. ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى دىققەتنى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كالا - قوي گۆشىنى يېڭى پېتى ساقلاش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى. «جياڭنەي، جياڭۋېي» ئاممىۋى داڭلىق ماركا ئۆلچىمى ئەمەلىيلىشىپ، ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە يەرلىك خام سۈت ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى، بۇ سۈتچىلىك كارخانىلىرىنى خام ماتېرىيال قىلىنىدىغان سۈتنى ئوراپ قاچىلاش، ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىنچىكە پىششىقلاشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كالا سۈتى مەھسۇلات مىقدارى 848 مىڭ 200 توننا بولۇپ، مۇقىم سۈت مەنبەسى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تىرەك بولماقتا.

ئىلگىرى چارۋىچىلار كۆپىنچە تىرىك چارۋىلارنى بىۋاسىتە سىرتقا ساتاتتى، ئوبوروت ھالقىسى كۆپ، پايدىسى ئاز ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرلىك ساقلاش - توشۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، كالا - قوي گۆشىدىن پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، يىرىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەندىزىسى بىلەن تەدرىجىي خوشلاشتى.

يېڭى يول ئېچىش: ماركا ئارقىلىق يېتەكلىنىپ، رىقابەت ئەۋزەللىكى زورايتىلدى

ئىنچىكە پىششىقلاشنىڭ يادرولۇق قىممىتى بازاردىكى سۆز ھوقۇقىنى قايتا يارىتىپ، خام ماتېرىيال باھاسىنى ئىچكى جەھەتتە تالىشىشتىن قۇتۇلۇپ، ھۈنەر - سەنئەت، ماركىغا تايىنىپ پەرقلىق رىقابەت كۈچى يارىتىشتىن ئىبارەت.

ھازىر، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان مېۋە مەھسۇلاتلىرى، ئىقتىدارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئالدىن تەييارلانغان كالا - قوي گۆشى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلار شىنجاڭدا داۋاملىق مەيدانغا كەلدى، كەسىپ رىقابىتى خام ماتېرىيال جەھەتتە بەسلىشىشتىن ھۈنەر - سەنئەت، رېتسېپ ۋە ماركا جەھەتتە بەسلىشىشكە يۈزلەندى. شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىدىكى كۆپلىگەن باشلامچى كارخانىلار «كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەلا نەسىل، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق، باھاسىغا كاپالەتلىك قىلىپ يىغىۋېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خام ماتېرىيال سۈپىتى تۆۋەن چېكىنى ساقلىدى.

توردىكى يول مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى بولۇپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 11 مىليارد 239 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.7 ئاشتى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىنچىكە پىششىقلانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.

ھەرقايسى جايلار رايون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاممىۋى ماركىسىنى سىجىل يېتىلدۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ماركىسىنى زورايتىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ توپىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، توپلىنىش ئۈنۈمىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى قوشۇن ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش باغچە رايونىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر تۈركۈم ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، شىنجاڭ پۇختا قەدەم بىلەن يېزا ئىگىلىك بايلىقى چوڭ رايونىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كۈچلۈك رايونىغا ھالقىپ ئۆتمەكتە. باغ - ئورمان، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى زامانىۋى پىششىقلاش ئارقىلىق قىممەت جەھەتتە تېز يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى سىجىل كېڭەيتىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت توپلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.