□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شىڭ تو، شۈ جۇاڭ، يۈەن خۇيجىڭ
جۇڭگونىڭ «ساپال - فارفۇر بۇيۇملىرى» دۇنيادا نۇر چاچتى.
7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 48 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، «جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى» «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرى ئومۇمىي سانى كۆپىيىپ 61 تۈرگە يەتتى.
10 يىل ئىلگىرى، 2016 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى: «ئىلتىماس قىلىنغان تۈرلەر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي بولغان قەدىمكى جۇڭگو ۋە ھازىرقى جۇڭگونى نامايان قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.»
شۇنىڭدىن باشلاپ، چوڭقۇر كۆزىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۈچكە پايدىلىق بولۇش» جىڭدېجېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم قوللانما بولۇپ قالدى.
يۆنىلىشنى بېكىتىپ، «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك».
فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ 300 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ گۇلاڭيۈ ئارىلىدىكى سەككىز قىرلىق بىنانى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەستىقلىدى. ئەينى يىللاردىكى تارىخىي قىياپىتى تولۇق ساقلانغاچقا، سەككىز قىرلىق بىنا ۋە باشقا 52 تارىخىي ئىمارەت گۇلاڭيۈ ئارىلى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يادرولۇق ئامىلىغا ئايلىنىپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.
جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شىخۇ كۆلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەم تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەم ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.» يولداش شى جىنپىڭنىڭ تۈرتكىسىدە، شىخۇ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال قوغداش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، 180دىن ئارتۇق جايدىكى تارىخ، ئادىمىيەت مەنزىرىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، «خاڭجوۋ شىخۇ كۆلى مەدەنىيەت مەنزىرىسى»نى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانى دەل مەدەنىيلىك تومۇرىنى رەتلەش، مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاش جەريانى بولدى. قىممەت تەتقىقاتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەلگىلىرى دەل جايىدا تاۋلاپ چىقىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگىسى بارغانسېرى جۇلالاندۇرۇلدى.
قىممەتنى يېتەكچى قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك».
2019 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جيايۈگۇەن گۇەنچېڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەددىچىن سېپىلى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم سىمۋولى، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ مۇھىم بەلگىسى» «سەددىچىن سېپىلىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى قېزىش ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش - قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك».
سەددىچىن سېپىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملىگەن، خۇڭخې خانى پەلەمپەي ئېتىزلىقى مەدەنىيەت مەنزىرىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ چەكلىك تەبىئىي شارائىتتىكى ئۇلۇغ ئىجادچانلىقى ۋە ئۈمىدۋار روھىنى نامايان قىلغان، جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەمگەكچان - ئىتتىپاق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش - ئىجاد قىلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك مەنىۋى ئىنتىلىشىگە گۇۋاھ بولغان... جاي - جايلاردىكى دۇنيا مىراسلىرىغا پارلاق مەدەنىيلىك مۇجەسسەملەنگەن، مىللەت روھى ساقلانغان بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى.
قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، «ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي بولغان قەدىمكى جۇڭگو ۋە ھازىرقى جۇڭگونى نامايان قىلىش كېرەك».
دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنىدا سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «تىرىشىپ تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» «ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرىنىڭ دۇنخۇاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك».
جياڭشى جىڭدېجېندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تاپىلىدى: «ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئىجادىي لايىھەلەش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، <مىڭ يىللىق ساپال - فارفۇر بۇيۇملار شەھىرى>دىن ئىبارەت بۇ يارقىن نام كارتىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك».
گۇگۇڭ مۇزېيىدا كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «گۇگۇڭ سارىيىنى مۇھىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، دۇنيا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى چۈشىنىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك»...
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلماقتا.
يېڭى دەۋرگە نەزەر سالساق، لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، پۇئېر جىڭمەيشەن تېغى قەدىمكى چايزارلىق مەدەنىيىتى مەنزىرىسى دۇنياۋى چاي باش تېمىسىدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى يوق بولۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پايتەخت پىلانلاش نەزەرىيەسى ۋە «ئوتتۇرا» «ئىناق» بولۇشتەك پەلسەپىۋى ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مۇھىم قىممىتىنى نامايان قىلدى، غەربىي شيا قەبرىستانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك تارىخىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ «كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىش» ئەندىزىسىگە گۇۋاھ بولدى...
«ئۈچكە پايدىلىق بولۇش» ئەسلىي مەقسىتى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى مول نەتىجىلەرگە ئايلىنىپ، جۇڭگو زېمىنىدا پارلاق نۇر چېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)






