تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئارزۇسى»

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن سىشياڭ

چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك، ئىستراتېگىيەلىك خىزمىتى، ئۇ باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، تاشقى دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى بىلەن زىچ باغلاندى، باشتىن - ئاخىر دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تومۇرى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇپ كەلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، چياۋمىنلارنىڭ قەلبى، چياۋمىنلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە چياۋمىنلارغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، چياۋمىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«بىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات، قۇرۇلۇش ئىشلىرىمىز قەلبىگە يۇرتىنى پۈككەن، ۋەتەنگە رىشتە باغلىغان زور بىر تۈركۈم خۇاچياۋلاردىن ئايرىلالمايدۇ»

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، «بىپايان دېڭىز - ئوكيانلار ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئارىلىق يىراق بىلىنمەيدۇ − <مومامغا يازغان مۇھەببەت خېتى> ناملىق كىنونىڭ جابدۇقلىرى ھەم چياۋمىنلار خەت - چەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» جۇڭگو خۇاچياۋلار تارىخىي مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىندى. چياۋمىنلارنىڭ ھەربىر پارچە خەت - چېكى جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، دۆلەت مۇھەببىتىنى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.

2020 - يىلى 10 - ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنتوۋ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس چياۋمىنلار خەت - چەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سارىيىغا كېلىپ، چاۋشيەندىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتكە، يۇرتىغا رىشتە باغلىغانلىقى، ۋەتەننىڭ ۋە يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىدەك تارىخنى ئىگىلىدى. ئەينى چاغدىكى ساراي باشلىقى لىن چىڭشى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت - چەك يېزىش، خەت - چەك ئەۋەتىش، خەت - چەك يەتكۈزۈش، خەت - چەكلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى كونكرېت تەرتىپ ھەمدە ھەربىر پارچە چياۋمىنلار خەت - چەكلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

«بىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات، قۇرۇلۇش ئىشلىرىمىز قەلبىگە يۇرتىنى پۈككەن، ۋەتەنگە رىشتە باغلىغان زور بىر تۈركۈم خۇاچياۋلاردىن ئايرىلالمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «خۇاچياۋلارنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت. ئۇلار ياقا يۇرتتا جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ، مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرغاندىن كېيىن، يەنىلا ئۆزىنىڭ يۇرتى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ، بىر يۈەن بولسا بىر يۈەن، ئون يۈەن بولسا ئون يۈەن ئەۋەتىپ تۇردى. مانا بۇ جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مەدەنىيىتى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قەلبى.»

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، «ئىتتىپاق، بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مىللىتى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق يىلتىزى، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق روھى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، «مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى» دەپ تەكىتلىدى، چاۋمىنلار ئىشلىرى سېپىدىكى يولداشلاردىن «مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ياخشى سىردىشى، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇش»نى تەلەپ قىلدى.

مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى؛

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا: «مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خۇاچياۋلارنى جۇڭگو ساداسىنى ياخشى يەتكۈزۈشكە يېتەكلەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك»؛

...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا: «چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈش»، «شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»، «پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چياۋمىنلارنىڭ قەلبى، چياۋمىنلارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى.

گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە پۈتۈن گەۋدە بويىچە قوشۇۋېتىلدى، سىرتقا قارىتا گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى دېگەن ۋىۋىسكا ساقلاپ قېلىندى؛ جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى مەركەزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە قوشۇۋېتىلىپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇلدى... ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىق قايتا قۇرۇشى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىگە دائىر ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىدە، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقلىقى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىدىغان، ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

«مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ئارىسىدا ساقلانغان غايەت زور ئېنېرگىيەنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش، جارى قىلدۇرۇش كېرەك»

تومۇز ياز پەسلىدە، چياۋمىنلار ساھەسىدىكى بىر مەيدان كاتتا مەرىكە قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى −

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 11 - نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. 140 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىر جايغا جەم بولۇپ، يۇرت مېھرى ئۈستىدە ئورتاق پاراڭلاشتى، چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى، خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

بۇ، كۆپلىگەن چياۋمىن قېرىنداشلارغا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرىكى مەنزىرىنى ئەسلەتتى: 2023 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 10 - نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

«ئورتاق يىلتىز»نى قوغداش، «ئورتاق روھ»قا ۋارىسلىق قىلىش، «ئورتاق ئارزۇ»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، يېڭى دەۋردىكى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىدە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمېن قېرىنداشلار بىلەن كەڭ دائىرىدە بىرلەشمە دوستلۇق ئورنىتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، جۇغراپىيەلىك، قانداشلىق ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دوستانە كۈچلەر ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇلدى ۋە زورايتىلدى.

«يۇرتۇمغا قايتىپ مەبلەغ سالدىم، ئۆزۈم قول سېلىپ ئىشلەشنى خالايمەن.» بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مالايسىيا فۇجيەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ باش جەمئىيەت باشلىقى لىن فۇشەن دائىم ئايروپىلان بىلەن فۇجيەن چۈەنجوۋغا كېلىپ، ئۆزى مەبلەغ سالغان مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

لىن فۇشەن مۇنداق دېدى: مەن 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپلا فۇجيەنگە قايتىپ ئۇرۇق - تۇغقانلارنى يوقلاپ ئەجدادلارغا ئېھتىرام بىلدۈردۈم، جۇڭگو چياۋمىنلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش تەرەققىيات يىغىنى، دۇنيا فۇجيەنلىك سودىگەرلەر يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتىم ھەم پورت ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ تۈردىكى چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە، مېنىڭ چياۋمىن سودىگەر دوستلىرىممۇ يۇرتىغا قايتىپ مەبلەغ سېلىپ، بازار تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار كەم بولسا بولمايدۇ ھەم كەم بولمايدۇ. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار سەمىمىي - ساداقەتمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىيات، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، مول ئەقلىي كۈچ بايلىقى، كەڭ سودا كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چياۋمىنلار مەبلىغى ۋە چياۋمىنلار ئەقىل - پاراسىتىنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتتى −

چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ نىزامى ئېلان قىلىنىپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتىدىن ئىلگىرى دۆلەت پۇقراسىلىق مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، چياۋمىنلار مەبلىغى كارخانىلىرىغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى كۈچەيتىلدى؛

شەنتوۋ خۇاچياۋ ئىقتىساد - مەدەنىيەت ھەمكارلىقى سىناق رايونى تەسىس قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى چياۋمىن سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كەسىپلەر توپلانما رايونى ۋە خۇاچياۋ، خۇارېنلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلۇپ، چياۋمىن سودىگەرلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلدى؛

مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چياۋمىنلار ساھەسىنىڭ كۈچىنى قوشۇشقا يېتەكلەندى؛

بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر «مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ھەم چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ئارىسىدا ساقلانغان غايەت زور ئېنېرگىيەنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، جارى قىلدۇرۇپ»، ئۇلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ۋەتەن(يۇرت)نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۆز ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

جۇڭگو ئارزۇسى ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى، شۇنداقلا ئۇ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى بىلەن تۇتاشقان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، پائال تۈردە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن ۋاسىتىچى بولۇپ، شۇ جاينىڭ جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ ۋە جاۋاب قايتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.»

«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، ئەسلا ئايرىلالمايمەن ئۇنىڭدىن بىر دەقىقە...» شۇ جاي ۋاقتى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كەچتە، چوڭقۇر تومۇرداشلىق مېھىر - مۇھەببەت بالقىپ تۇرغان مېلودىيەنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، 2026 - يىللىق جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ «جۇڭخۇا قېرىنداشلىق مېھرى . ھەممە جايدا باھار تۈسى» تېمىسىدىكى چياۋمىنلاردىن ھال سوراش زىيارەت ئويۇنى فىرانسىيە پارىژدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

ئېسىل مەدەنىيەت ئويۇنى پائالىيەتلىرى جۇڭگو باھار بايرىمىنى پۈتۈن دۇنيا بىرلىكتە تەبرىكلەيدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خۇشاللىق كەيپىياتى يارىتىپ، چياۋمىنلارنى «كۆۋرۈك» قىلىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى «سىرتقا چىقىرىش»قا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشكە ئايلاندى.

دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى يىغىنى ئېچىلىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقى مەكتەپلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەندى ۋە تۈرتكە بولۇندى؛ «جۇڭگودا يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرى» تېمىسىدىكى يازلىق(قىشلىق) لاگېر، جۇڭخۇا مەدەنىيەت چوڭ باغچىسى قاتارلىق مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى كۆپ قاتلام بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ، خۇايى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەن(يۇرت)نىڭ مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى كۈچەيتىلدى؛ دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى تاراتقۇلىرى مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى تاراتقۇلىرىنىڭ رەقەملىشىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشى ۋە خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇلۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىشقا يېتەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ قوشنىلار بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈش، كەسىپنى قەدىرلەپ قانۇنغا رىئايە قىلىش، تىرىشچان - ئىقتىسادچىل ۋە چىدامچان بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەم كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، جۇڭگو - چەت ئەل دوستلۇقى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىدىيەسى كەڭ دائىرىدە چۈشىنىش ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى... ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

دۇنيادىكى 200گە يېقىن دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان 60 مىليوندىن ئارتۇق مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى 40 مىليوندىن ئارتۇق ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ھەم چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتىگە ئايلاندى.

«مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك»

چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىش بېجىرىشىدە «يېڭى كۆرسەتمە» بار بولدى!

بۇ يىل، گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان «چياۋمىنلارغا ئالاقىدار قانۇن - سىياسەتلەر كۆرسەتمىسى(2026 - يىل نۇسخىسى)» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

جەنۇبىي ئافرىقا كەپتوۋندىكى جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن جۇجىن مۇنداق بىلدۈردى: كۆرسەتمىدە ئىلگىرىكى مۈجمەل، تارقاق سىياسەتلەرنى ئېنىق، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە «ئىش بېجىرىش قوللانمىسى» قىلىپ رەتلەپ چىقىلىپتۇ، چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەتەنگە قايتىپ ئىش بېجىرىشتە «ئاز قاتراش، گاڭگىراپ قالماسلىق» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپتۇ.

قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش مەملىكەت سىرتى بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، چياۋمىنلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم ئۇللۇق خىزمەت.

«بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، خۇايى سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز» «مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايمىز»... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، چياۋمىنلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.

خۇاچياۋلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چياۋمىنلارغا ئالاقىدار قانۇن - نىزام، سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن جايلارنى خۇاچياۋلار تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامىنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىشقا يېتەكلەش، چياۋمىنلار يۇرتلىرىدىكى ئىمارەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشكىچە؛

چېگرادىن كىرىش - چىقىش كىنىشكىسى ئارقىلىق سالاھىيەتنى دەلىللەش سۇپىسى قۇرۇپ چىقىپ، خۇاچياۋلارنىڭ پاسپورت بىلەن دۆلەت ئىچىدە ئىش بېجىرىشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن خۇاچياۋلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خۇاچياۋلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكىچە؛

دۆلەت ئىچىدە چياۋمىنلار ئۈچۈن ئاممىۋى مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى تۈزۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالاقىدار سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن، «چياۋمىن قېرىنداشلار ئائىلىسى» قاتارلىق سۇپىلارنى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت كۈچىنى سىجىل پۇختىلاشقىچە؛

ئادەمنى ئاساس قىلىش، چياۋمىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇردى، ياخشى قوغدىدى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇردى.

ئۇرۇش مەزگىلىدە چياۋمىنلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان بىر مەيدان «ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىكى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش» بولدى −

شۇ جاي ۋاقتى 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدىن چېكىنىپ چىققان يەنە بىر تۈركۈم تەخمىنەن 80 نەپەر جۇڭگولۇق قېرىنداش ئارقا - ئارقىدىن مىسىرنىڭ جەنۇبىي سىناي ئۆلكىسىدىكى تابا پورتىدىن ئۆتتى. ئۇلار قولىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ، تەبەسسۇم بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىپ، تەرتىپ بىلەن قاھىرەگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى.

«ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق» «تىنچ - ئامان چېكىنىپ چىقالىشىمىزدىكى سەۋەب ئارقىمىزدا قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بار»... بۇ ئاددىي سۆزلەردە سەمىمىي ھېسسىيات ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كونسۇل جەھەتتىن قوغداش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش، ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامە، ئىككى تەرەپلىك كونسۇل شەرتنامىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، مەملىكەت سىرتىدا چياۋمىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلارنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش سالمىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ تومۇرداش مۇھىم ئەزاسى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلار مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پەقەت مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ، ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلسىلا، چوقۇم ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.»

يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چياۋمىنلارنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەش، چياۋمىنلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش، چياۋمىنلارنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، چياۋمىنلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، چياۋمىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزساق، مۇقەررەركى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.