تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

15 ياشلىق ئۆسمۈر توكسىكلىت مىنىپ تىراكتورغا سوقۇلۇپ كەتتى، مەسئۇلىيەت قانداق ئايرىلىدۇ؟

   يازلىق تەتىلدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توكسىكلىت مىنىش مەسىلىسى كۆپ يۈزبېرىدۇ، توكسىكلىت مىنىش جەريانىدا يان تېلېفون ئويناش، قولىغا نەرسە ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى كۆپ. يېقىندا دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالاقىدار قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيەت ماجراسىنى مۇرەسسە قىلىپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەر ۋە ئاتا ـ ئانىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى.

   2024 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان چېن × تىراكتورنى يول بويىغا توختىتىپ قويغان. 15 ياشلىق ۋاڭ × ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا، بېشىنى كۆتۈرمەي يان تېلېفون ئويناپ مېڭىپ، چېن ×نىڭ تىراكتورىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. ۋاڭ   × زەخىملەنگەن، باھالاش ئارقىلىق 10 - دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتىلگەن.

   قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇنداق بېكىتكەن: ۋاڭ × 16 ياشقا توشماي تۇرۇپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا توكسىكلىت ھەيدىگەن، توكسىكلىت ھەيدىگەندە يان تېلېفون ئويناپ يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان تىراكتورغا سوقۇلۇپ كەتكەن، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ چېن × موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش چەكلىنىدىغان بەلگىسى بار يول بۆلىكىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قاتناش ۋاسىتىسى توختىتىپ، نورمال يولدا يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغاچقا، قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

   ئىككى تەرەپ تۆلەم سوممىسىنى كۆپ قېتىم كېڭەشكەن بولسىمۇ، لېكىن باشتىن - ئاخىر بىرلىككە كېلەلمىدى.

   2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋاڭ × ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى چېن × ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭدىن داۋالىنىش خىراجىتى، قاراش ھەققى قاتارلىق تۈرلۈك زىيانلار ئۈچۈن 184 مىڭ 600 يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

   دېلو بېجىرگۈچى سودىيە دېلو پاكىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا، ئىككى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقنى ئايرىشقا باشقىچە پىكرى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېلو قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا چېتىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇرەسسەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادەمگەرچىلىك بىلەن داۋلىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە مۇرەسسە خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، توكسىكلىت ۋە مېيىپلەر موتورلۇق چاقلىق ھارۋىسىنى ھەيدىگەندە چوقۇم 16 ياشقا توشقان بولۇشى كېرەك. دېلو بېجىرگۈچى سودىيە ۋاڭ × ۋە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا ۋاڭ ×نىڭ قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق خاراكتېرى ۋە ۋەسىيسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ، چېن ×كە بەلگىلىمىگە خىلاپ قاتناش ۋاسىتىسى توختىتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق خاراكتېرى ۋە ئاقىۋىتىنى بايان قىلدى. بۇ دېلودا چېن × گەرچە سوقۇۋەتكەن تەرەپ بولمىسىمۇ، لېكىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا يولنى ئىگىلەپ يول يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغان، قانۇن بويىچە مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

   سودىيەنىڭ كۆپ قېتىم سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ بىردەك مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، چېن X  ۋاڭ Xنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، قاراش ھەققى قاتارلىق تۈرلۈك زىيانلىرى ئۈچۈن 85 مىڭ 500 يۈەننى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەشنى پۈتۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.