تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «تاغدا ھەرىكەت قىلغاندا چوقۇم ئاستا بولۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئېگىز تاغ رېئاكسىيەسى كۆرۈلمەيدۇ.» 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر كېلىدىغان ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، 38 ياشلىق شاڭ پېڭ بىر تەرەپتىن ئاستا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتنى ئىزدىگەچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا «ئېگىزلىكتە ياشاش تەجرىبىسى»نى ئۆگىتىۋاتاتتى. بۇ يىل، ئۇنىڭ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 12 يىل بولغانىدى.
7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شاڭ پېڭ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئالدىنقى مەزگىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتنى ئىزدىمەكتە.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شاڭ پېڭ (سولدا) ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا سۈرەتكە تارتماقتا.
ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ھاۋاسىنىڭ ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغاچقا، يان تېلېفون سىگنالى بىلەن قاپلاش تەس ئىدى، تۇپراقتا پەقەت بوران گۈركىرەپ تۇراتتى. 2015-يىلى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا كىرگەندىن بۇيان، شاڭ پېڭ بۇ ئېگىزلىك بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى. 2017-يىلى 3-ئايدا، قۇم-بورانلىق ھاۋا رايىدىن پايدىلىنىپ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن قانۇنسىز كېسىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان 20 كىشىلىك ئاپتوموبىل ئەترىتىنى توسۇش ئۈچۈن، شاڭ پېڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا 16 سائەتكە يېقىن تۇرۇپ، ئاخىرى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئەترىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇۋەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىغا ئەگىشىپ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ يادرولۇق رايونىنى كېزىپ، رايونغا قانۇنسىز كىرگەنلەردىن جەمئىي 600 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېگىزلىكنىڭ خاتىرجەملىكىنى ساقلىدى.
2021-يىلى، شاڭ پېڭ تەشۋىق-تەربىيە بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. ئەينى چاغدا ئۈسكۈنىلەر كونا، ئاساس ئاجىز بولغاچقا، ئۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش غەيرىتىگە تايىنىپ، نۆلدىن باشلاپ سۈرەتكە تارتىشنى ئۆگەندى، ئادەمسىز ئۇچقۇ مەشغۇلاتىنى ئۆگەندى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆگەندى. ئۇنىڭ كامېراسى ئالتۇنتاغنىڭ ھېكايىسىنى خاتىرىلەشكە باشلىدى. بىر قېتىم ياۋا قوتازنى سۈرەتكە ئالغاندا، ياۋا قوتاز ئۇنى تەلۋىلەرچە قوغلاپ كەتتى، ئۇ خەۋپ-خەتەر ئالدىدا تەمتىرىمەي تاغ جىنسلىرىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ، ئاخىرىدا «ئېگىزلىكتىكى غايەت زور ھايۋان»نىڭ ھەيۋەتلىك سىيماسىنى خاتىرىلىدى.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شاڭ پېڭ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا كەلكۈننىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى تەكشۈرمەكتە.
قار توختاپ ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىنكى شىزاڭ ياۋا قۇلىنى، باھار كۈنلىرىدىكى قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان قارا بويۇن تۇرنا، كۈز كۈنلىرىدىكى ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان شىزاڭ بۆكىنى قاتارلىقلار، ئۇ تارتقان بۇ ئەتىۋارلىق سىن-سۈرەتلەر كۆپلىگەن ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. كەسپىي فوتوگراف ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى «جانىۋارلارنىڭ ھارارىتىغا، ئېگىزلىكنىڭ جاسارىتىگە ئىگە» ئىكەن دەپ ماختىدى.
تاغنى پىيادە چارلاپ-قوغدىغان باشقۇرۇش-قوغداش خادىمىدىن كامېرا ئارقىلىق تەشۋىق قىلغان مۇھىم تايانچقىچە، شاڭ پېڭ ياشلىق باھارىنى بۇ ئېگىزلىككە بېغىشلىدى. ئۇ خۇددى قىزىل تۈلكىگە ئوخشاش بۇلۇتلار ئارىسىدىكى تاغ-دالىلاردا پەيدا بولۇپ، قىزغىن مۇھەببىتى ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىغا تايىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قاتتىقلىقىغا تەشۋىق-تەربىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئېگىزلىك ھېكايىسىنى يېزىپ چىقتى.






