تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

ئالتاينىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى چۆللۈك بوستانلىققا ئايلاندى

   سۈرەت ۋە مەزمۇننى تەييارلىغۇچى: تيەن دۇڭ، ئۇلپا ئۇلاربېك، زاڭقار جىڭىسبېك

   مەيىن شامال ئالتاي شەھەر ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى سىيپاپ ئۆتتى، تاڭ نۇرى بىپايان دالىنى قاپلىدى. يېشىللىق زېمىننىڭ قان تومۇرلىرىنى بويلاپ تۆت ئەتراپقا سوزۇلۇپ، ئىلگىرىكى قاقاس، بىپايان دالىنىڭ ھەممە يېرىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتتى.

   ئىلگىرى بوران چىقسا ھەممە يەرنى قاپلايدىغان سېرىق قۇم ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، ھەر خىل ئوت-چۆپلەر تۇپراقنى يېرىپ ئۆستى. تۇتاش كەتكەن بېدە يانباغىرلارغا يېيىلغانىدى، چەكسىز ئوتلاقلار شامالدا زۇمرەتتەك دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، ھەممە يەر يېشىللىققا  پۈركەنگەنىدى.

   قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇپ ئېكولوگىيەنى تۈزەش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، چاڭ-توزاننى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، سۇ-تۇپراقنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماس ئورتاق ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«视觉新疆» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.