تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم نام كارتىسىنى جۇلالاندۇرۇش

− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شۈ جۇاڭ، ياڭ جەنفېي، شىڭ تو

شۇ پەيتتە، جۇڭخۇا گۆھەرلىرى چاقنىدى، «ساپال - فارفۇر بۇيۇملار»نىڭ سۈزۈك ئاۋازى قايتا ياڭرىدى −

شۇ جاي ۋاقتى 2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 12دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، كورېيە پۇسان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 48 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، دۆلىتىمىز سۇنغان «جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى» تۈرى قاراپ چىقىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ 61 - تۈرلۈك دۇنيا مىراسى بولۇپ قالدى.

«جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھەرلىرىنى ئورتاق ياخشى قوغداشنى خالايدۇ».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، تەكشۈرۈشتە بولغان قەدەم ئىزلىرى دۇنيا مىراسلىرى بار نۇرغۇن جايغا يەتتى. جىڭدېجېندىكى قەدىمىي خۇمدان ئالدىدا، موگاۋ غارىدىكى مىڭ يىللىق غاردا، ۋۇيىشەن تېغىدىكى جيۇچۈشى ئېقىنى بويىدا، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىدىكى قىزىل تام، سېرىق كاھىش ئاستىدا... بۇلارنىڭ ھەممىسىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن، غەمخورلۇق قىلغان، پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ پىكىر يۈرگۈزگەن سىيماسى قالدى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز دۇنيا مىراسلىرىنى قەدىرلەپ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلىدۇق. ھەربىر جۇڭخۇا نام كارتىسى بارغانسېرى جۇلالىنىپ كۆزنى چاقنىتىپ، دۇنيا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى چۈشىنىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى.

«ئىلتىماس قىلىنغان تۈرلەر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي بولغان قەدىمكى جۇڭگو ۋە ھازىرقى جۇڭگونى نامايان قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك»

«جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى»نى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان شۇ كۈنى، مىراس ئامىللىرىنىڭ بىرى بولغان، جىڭدېجېن تاۋياڭلى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىغا جايلاشقان مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خۇمدانلار ئىلگىرىكىدەكلا ئالدىراش ئىدى: راسلانمىنى شەكىلگە كىرگۈزۈش، راسلانمىنى قېلىپقا سېلىش، راسلانمىنى سىلىقلاش، راسلانمىنى بوياش، ئېماللاش، سىلىقلاش... ساپال - فارفۇر بۇيۇم ھۈنەرۋەنلىرى ھۈنەرگە پىششىق بولۇپ، تېخنىكا قەلبىگە ئورناپ كەتكەن.

كۆپچىلىكنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە: 2023 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ باقمىغان، ساپال - فارفۇر بۇيۇملار جۇڭخۇا گۆھىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم نام كارتىسى» «ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئىجادىي لايىھەلەش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، <مىڭ يىللىق ساپال - فارفۇر بۇيۇملار شەھىرى>دىن ئىبارەت بۇ يارقىن نام كارتىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك».

بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.

نېمە ئۈچۈن دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىمىز؟ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشتا ئىشنى قەيەردىن باشلايمىز؟ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتەكچىلىكى «جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى»نى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلدى −

2015 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم جىڭدېجېن خانلىق خۇمدىنى خارابىسىنى قوغداش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، خانلىق خۇمدىنى خارابىسىنى يادرو قىلغان ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن جىڭدېجېن دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.

2016 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي ساھەسىدىكى تۆت پېشقەدەم مۇتەخەسسىسنىڭ لياڭجۇنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش تەكلىپى توغرىسىدا يازغان خېتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى: «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئىلتىماس قىلىنغان تۈرلەر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى، كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي بولغان قەدىمكى جۇڭگو ۋە ھازىرقى جۇڭگونى نامايان قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.» چوڭقۇر كۆزىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۈچكە پايدىلىق بولۇش» جىڭدېجېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم قوللانما بولۇپ قالدى.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «جىڭدېجېن دۆلەت ساپال - فارفۇر بۇيۇملار مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك». شۇ يىلى، گوۋۇيۈەن سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە بولدى.

2023 - يىلدىكى جىڭدېجېن سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاتا - بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىز داۋاملىق قولىمىزدا تۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بايراقنى كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بەردى.

...

ھاۋا رەڭ فارفۇر بۇيۇملار ئارقىلىق يىللار ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، «جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى» «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»دىكى «ساپال - فارفۇر بۇيۇملار» باش تېمىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. «مىڭ يىللىق ساپال - فارفۇر بۇيۇملار شەھىرى» قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ، خۇمدان ئارقىلىق گۈللىنىپ، دۇنياغا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراس چوڭ دۆلىتىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن يېڭىلىق يارىتىشى، ئەقىل - پاراسىتى بىلەن ئىنتىلىشىنى بايان قىلماقتا.

«<دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلار>دىن ئىبارەت بۇ شەكىلسىز بايلىقنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ»، ھەربىر دۇنيا مىراسلىرىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەمەلىيىتى ۋە ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى نامايان قىلىنغان.

فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ ۋۇيىشەن تېغىنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پائال ماسلاشتۇرۇپ ئالاقىدار خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى؛ فۇجيەن تۇلوۋ ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، ئىلتىماس قىلىنىدىغان مىراسنىڭ نامى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ياردەم بېرىپ ھەل قىلدى؛ چۇەنجوۋغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئۆلكە مالىيەسىدىن چۇەنجوۋ شەھىرىگە 3 مىليون يۈەن مالىيە كۈچى ياردەم پۇلى بېرىشكە قوشۇلۇپ، چۇەنجوۋ شەھىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ «تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى خاڭجوۋنىڭ <روھى>، شىخۇ كۆلى خاڭجوۋنىڭ <جان تومۇرى>» دەپ بېكىتىپ بەردى، شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن ھاياجانغا چۆمۈپ «شىخۇ كۆلىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولۇشىدا شى شۇجىنىڭ تۆھپىسى ئەڭ زور» دېيىشتى. لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشتىن ئىلگىرى، يولداش شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم لياڭجۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، لياڭجۇ خارابىسىنى قوغداش ۋە ئۇنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا يەتتە قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گۇگۇڭ سارىيى، بۈيۈك قانال لىنىيەسى بويى، موگاۋ غارى، جيايۈگۇەن، ۋۇيىشەن تېغى، پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرى، يىنشۈ خارابىسى قاتارلىق دۇنيا مىراسلىرى بار جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىدا ياخشى قوغداش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» «تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك» قاتارلىق سەمىمىي تاپشۇرۇقلارنى قالدۇردى؛ ھەم بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدىكى مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش - ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

«ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر.

يېڭى دەۋردە دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تۈرلەرگە نەزەر سالساق، خۇڭخې خانى پەلەمپەي ئېتىزلىقى مەدەنىيەت مەنزىرىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ چەكلىك تەبىئىي شارائىتتىكى قەيسەر ياشاش ئىقتىدارى، ئۇلۇغ ئىجادچانلىقى ۋە ئۈمىدۋار روھىنى نامايان قىلدى؛ بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پايتەخت پىلانلاش نەزەرىيەسى ۋە «ئوتتۇرا» «ئىناق» بولۇشتەك پەلسەپىۋى ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مۇھىم قىممىتىنى نامايان قىلدى؛ غەربىي شيا قەبرىستانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك تارىخىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ «كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىش» ئەندىزىسىگە گۇۋاھ بولدى...

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي قىزغىنلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، دۇنيا مىراسلىرىغا يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلدى، ۋۇكۇڭ ۋە نېجا پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشلاندى، قەدىمىي جۇڭگو ئۇسلۇبى ياشلار نەزەرىدىكى <ئەڭ مودا گۈزەللىك>كە ئايلاندى.» 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيىتىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلۇپ، ماددا بىلەن روھ بىر - بىرىنى جۇلالاندۇردى، «ئۈچكە پايدىلىق بولۇش» مول جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش ئەمەلىيىتىدە چېچەكلەپ مېۋە بەرمەكتە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ شانلىق نۇر چاچماقتا.

«<دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش>نىڭ نۇرغۇن شەرتلىرى بار، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ»

جېجياڭ لياڭجۇ «سۇدىكى گۈزەل قۇرۇقلۇق». دەل يازلىق تەتىل مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ جايدا سەيلە قىلدى.

2019 - يىلى 7 - ئايدا، لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلۈپ، خارابە ۋەكىللىك قىلغان جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ خۇشاللىقنىڭ ئارقىسىدا، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن «قەتئىي ئىرادىگە كېلىش، ئەجىر سىڭدۈرۈش»تە ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەن ئىشلارمۇ بار.

1994 - يىلىدىن باشلاپ، لياڭجۇ خارابىسى كۆپ قېتىم دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى زاپاس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھالبۇكى، قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارىسىدىكى زىددىيەتمۇ كۈنسېرى كۈچەيدى. 2003 - يىلى، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغان مەنزىرىنى كۆردى − تاغدىكى تاشلار ئېچىلىپ قالغان، ھەممە جاي خارابىگە ئايلانغان، ئاسماننى چاڭ - توزان قاپلىغان بولۇپ، نەچچە ئون كان مەيدانىدىكى تاش قېزىش، پارتلىتىش ئاۋازى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، يولداش شى جىنپىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: «لياڭجۇ خارابىسى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي، ئاز تېپىلىدىغان قىممەتلىك بايلىق، بىز جەزمەن ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك!»

يولداش شى جىنپىڭنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە تۈرتكىسىدە، تاش كان مەيدانى تاقالدى، خارابىلىكنى قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن مەسىلىدىمۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

يولداش شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا لياڭجۇنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئۆلكىمىزدە دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە تېخى بوشلۇق بار. <دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش>نىڭ نۇرغۇن شەرتلىرى بار، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.»

دېگىنىگە قەتئىي ئەمەل قىلدى. جېجياڭ مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن چوڭ خارابىلىكلەرنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىجىل مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، لياڭجۇغا كۈنلۈك بولۇپ بەردى. لياڭجۇ خارابىسىنى قوغداش شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىزىغا چۈشتى.

2009 - يىلى لايىھەلىنىپ ئىش باشلانغان خاڭجوۋ شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى غەربىي قوش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش لايىھەسى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە كىلومېتىر يول ئەگىتىپ ياسىلىپ، 300 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل كۆپ چىقىم قىلىندى؛ 2016 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ، دۆلەت يولى كونا 104 - لىنىيەسىنىڭ لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى بۆلىكى مەڭگۈلۈك تاقالدى. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى: 2007 - يىلى، لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى نامايان قىلىندى؛ 2009 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، قەدىمىي شەھەرنىڭ سىرتقى ئايلانما سۇ سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى نامايان بولدى...

لياڭجۇ ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن نۇرغۇن تىرىشچانلىق دەل دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە «تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش»نىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

تارىخنى يۈكسەك ھۆرمەت قىلىش كۆڭۈلگە پۈكۈلۈپ، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەينەنلىكىنى قوغداش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەڭ كىچىك دائىرىدە ئارىلىشىش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىنىپ، مىراسلارنى قوغداش ئەھۋالى ۋە مۇھىت قىياپىتى سىجىل ياخشىلاندى.

شيامېندىكى گۇلاڭيۈ ئارىلىدا، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 300 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ سەككىز قىرلىق بىنانى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە تىللاردا داستان بولۇپ تارالدى. ئەينى يىللاردىكى تارىخىي قىياپىتى تولۇق ساقلانغاچقا، سەككىز قىرلىق بىنا ۋە باشقا 52 تارىخىي ئىمارەت گۇلاڭيۈ ئارىلى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يادرولۇق ئامىلىغا ئايلىنىپ، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت كۆڭۈلگە پۈكۈلۈپ، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇلۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى.

«شىخۇ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال قوغداش قۇرۇلۇشى ئادىل سىياسەت - خەيرلىك ئىش، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى.» شىخۇ كۆلىنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، يولداش شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كىچىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن چوڭى مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىچە، ئۇ ھەممىسىگە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلدى، تەكلىپ بەردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، شىخۇ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال قوغداش قۇرۇلۇشىدا 180دىن ئارتۇق جايدىكى تارىخ، ئادىمىيەت مەنزىرىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كۆل ئەتراپىدىكى بارلىق باغچىلار ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش يولى كۆلنى خەلققە قايتۇرۇشتىكى بەخت يولىغا ئايلاندى.

تاغ - دەريالار قىممەتلىك گۆھەر ھەم گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئىزاھاتى.

يۈننەندىكى جىڭمەيشەن تېغى، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساھەسىدىكى چاي باش تېما قىلىنغان بوشلۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى جىڭمەيشەن تېغى قەدىمىي چايزارلىقىنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنى باشلاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋى كۆزىتىپ ئۆلچەش تېخنىكىسىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىش ئەۋزەللىكى بىلەن بىرىكتۈرۈپ، قەدىمىي چايزارلىقنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، «ئادەملەر بىلەن گىياھ، دەل - دەرەخلەر ئىناق ئۆتۈش»تەك قەدىمىي ئەقىل - پاراسەت ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى.

بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىدە «كونا شەھەرنى ئەمدى چېقىشقا بولمايدۇ» دېگەن سۆز دىللارنى يورۇتتى. بېيجىڭ شەھىرى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتىنى تۇتقا قىلىپ، نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنى بىكارلاپ قايتۇرۇش ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، كونا شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. خۇتۇڭ ساقلاپ قېلىندى، سىخېيۈەن رېمونت قىلىندى، كونا ئاھالىلەر قېلىپ قالدى.

چۈەنجوۋ قەدىمىي شەھەر ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر بوشلۇقىنى رېمونت قىلىپ، دۇنيا مىراسلىرى بار جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ جىڭدېجېن جەمئىيەت كۈچلىرىنى فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسلىرىنى قوغداشقا قاتنىشىش ۋە قوللاشقا جەلپ قىلىپ، قولدا ساپال - فارفۇر بۇيۇم ياساش ھەم ئالاقىدار ئىجادىيەت كەسىپلىرىنى ماكانلىشىشقا يېتەكلىدى؛ لىبودىكى كارست يەر شەكلى، فەنجىڭشەن تېغى ئەتراپتىكى كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى...

«جۇڭگو مەدەنىيەتنىڭ كۈچىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ.» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىرىنا بوكوۋا مۇنداق دېدى: «<دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى>نى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا، جۇڭگو ئەھدىنامىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقان، ئۇنى بېيىتقان يېتەكلىگۈچىلەرنىڭ بىرى».

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتىدە ئۇدا كۆپ تۈرلۈك مۇھىم، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «شانلىق پەيت» كۆپ قېتىم نامايان بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىن جەمئىي 18 تۈر «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى، مىراسلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

«ئاتا - بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك»

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچ، فۇجيەن فۇجوۋ. 2200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىگە دۇنيا مىراسلىرىنى ئاسرىغۇچىلارنىڭ نەزەرى مۇجەسسەملەندى.

شۇ كۈنى ئېچىلغان 44 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ «دۇنيا مىراسلىرى قارىشى»نى چوڭقۇر بايان قىلدى −

«دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلار ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەبىئەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.»

«جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە، <دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى>گە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.»

چوڭ دۆلەت بەرگەن ۋەدىنىڭ سالمىقى ئىنتايىن زور. دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، كېيىن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

«مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنىڭ بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق قوغدىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك. مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نۇر چاچقۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، دۆلىتىمىز جۇڭگوچە دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

دۇنخۇاڭ تاش غارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىگە كىرگەندە، چوڭ ئېكراندا موگاۋ غارى قاتارلىق ئالتە تاش غارنى ساياھەت ئۈچۈن ئېچىۋېتىش ئەھۋالى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، غارلارنىڭ ئەسلىي گەۋدىسى ھەم مىكرو مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

«تىرىشىپ تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» «ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.» 2019 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنىدا سۆھبەتلەشكەندىكى سەمىمىي ئۈمىدى بۇ يەردىكى ھەربىر كىشىنى ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.

2020 - يىلى، دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى كۆپ مەيدان باغلىنىشلىق تەجرىبىخانىنى قۇردى؛ 2023 - يىلى، «رەقەملىك نوم ساقلاش ئۆڭكۈرى» تورغا چىقىرىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان رەقەملىك كۇتۇپخانا بەرپا قىلىندى؛ ھازىرغىچە، «رەقەملىك دۇنخۇاڭ» كوللېكتىپى تام رەسىملىرىنى رەقەملەشتۈرۈش، رەڭلىك ھەيكەللەر ۋە چوڭ خارابىلىكلەرنى ئۈچ ئۆلچەملىك قايتا قۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دۇنخۇاڭ تاش غار رەقەملىك ئارخىپىنى بەرپا قىلدى، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي سانلىق مەلۇمات مىقدارى 600TBدىن ئاشتى.

موگاۋ غارىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق «ۋاقىتنى ئۇتۇش»ىدىن چۈفۇدىكى كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى ئورمانلىقى، كۇڭزى قەسىرىنى «يىلدا رېمونت قىلىش» ئەندىزىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىشقىچە؛ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ، شيامېن، چۈەنجوۋ، جىڭدېجېن كونا شەھىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا تۈرتكە بولۇشتىن دۇنيا مىراسلىرى ئۆلچىمى بويىچە لاسا، چېڭدې، چۈفۇ، پىڭياۋ، خاڭجوۋ قاتارلىق كونا شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئەندىزىسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكىچە... دۆلىتىمىز مەۋقەنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دۇنيا مىراسلىرى ئىدىيەسىنى «يەرلىكلەشتۈرۈش»نى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

گۇگۇڭ سارىيى، يىنشۈ خارابىسى، بۈيۈك قانال لىنىيەسى بويى، بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىدىكى ھەرقايسى مىراس نۇقتىلىرىدا ئېسىل بۇيۇملار كۆرگەزمىسى، قالتىس ئالقىشلانغان مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىدىن لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، ئاۋمېن تارىخىي شەھەر رايونى، سۇجوۋ كىلاسسىك باغ - ئورمىنى، يۈەنشاڭدۇ خارابىسى قاتارلىق قىممەتنى نامايان قىلىش كۆرگەزمە سىستېمىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگىچە؛ مەھەللىلەرنىڭ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش - باشقۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇشىدىن ھەر يىللىق مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى پائالىيىتىنىڭ شەھەر ۋە يېزا - كەنتلەردە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغىچە... دۇنيا مىراسلىرى ھازىر بارغانسېرى «جانلىنىپ»، قەلبلەردىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

دۇنيا مىراسلىرى كۆۋرۈك قىلىنىپ، دۇنيا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

2014 - يىلى 6 - ئايدا، دۆلىتىمىز بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ئۈچ دۆلەت بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغان «يىپەك يولى: چاڭئەن − تىيانشان كارىدورى يول تورى»نى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، «يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىرلىكتە دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ قالدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە ئارقىلىق دۇنيا مىراسلىرى ساھەسى بويىچە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا قاتناشتى: 44 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنى، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنى قوغداش خەلقئارا مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى؛ خەلقئارا قەدىمىي يادىكارلىق - خارابىلەر كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قوغداش ئىدىيەسى، رەقەملىك تېخنىكا، مىراسلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەتقىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى، باشقۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى؛ بۈيۈك قانال، سەددىچىن سېپىلى ئارقا - ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش - باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مىسالى بولۇپ باھالاندى ۋە تونۇشتۇرۇلدى؛ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنى رايون ھالقىپ ھەمكارلىشىپ قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتىنىڭ رايون ھالقىپ ماسلىشىپ قوغداش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

«دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، خەلقئارا ئىدىيەدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەجدادلار قالدۇرغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.» 2017 - يىلى تومۇزدا، گۇلاڭيۈ ئارىلىنى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

گۈزەل تاغ - دەريالارغا نەزەر سالساق، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تاپشۇرۇق دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش - قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئايلانماقتا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگىسى بارغانسېرى جۇلالانماقتا، دۇنيا مەدەنىيلىك باغچىسى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.