تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە 14 - قۇرۇلتىيى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ باھار گۈلدۈرمامىسى زېمىننى لەرزىگە سالدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ جىڭ، پېڭ يۈنجيا، جېڭ كېيى

جېجياڭ يىۋۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇششاق تاۋارلار يىغىش - تارقىتىش مەركىزى بولۇپ، تۇنجى قېتىم كەلگەن كىشى ھەمىشە ھەيرانلىققا چۆمىدۇ: بۇ جايدا 2 مىليون 100 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تاۋار بار، 230 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىدۇ.

ئىلگىرى، كولدۇرما ئاۋازىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلاردا ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، يىۋۇدىكى دېھقانلار شېكەر قاچىلانغان سېۋەتلىرىنى ئەپكەشتە كۆتۈرۈپ، شېكەرنى توخۇ پېيىگە ئالماشتۇرۇپ، پىششىقلىغاندىن كېيىن ئېتىزنى ئوغۇتلايتتى.

بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزگىرىشنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماختاپ مۇنداق دېدى: «يىۋۇنىڭ ئۇششاق تاۋارلىرى چوڭ بازارلارنى ئېچىپ، چوڭ كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ باسقۇچقا يېتىش ئىنتايىن قالتىس ئىش، ھەربىر ئادەمنىڭ ھەممىسى قاتناشقۇچى، قۇرغۇچى، تۆھپە قوشقۇچى.»

تەرەققىياتتا راۋان يول يوق. 1982 - يىلى، شۇ جايدىكى دېھقان ئايال فېڭ ئەيچيەن يايما ئاچقانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئۇ ئەينى چاغدىكى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيې گاۋخۇانى كوچىدا توسۇۋېلىپ، ئۇدۇللا «نېمىشقا پۇقرالارنى يايما ئاچقىلى قويمايسىلەر؟» دەپ سورىغان.

بۇ سوئال ئىسلاھات ساداسىنىڭ ئالدىن ياڭرىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، يىۋۇ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىغا ئۇيغۇنلىشىپ، «ئۇششاق تاۋارلار بازىرى»نى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا دادىل قارار چىقاردى. فېڭ ئەيچيەن ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئىدىيە ئاسارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇن قۇتۇلمىسا، ئىسلاھاتتا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ.

1992 - يىلىنىڭ بېشىدا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پىلانلىق ئىگىلىك سوتسىيالىزمغا باراۋەر ئەمەس، كاپىتالىزمدىمۇ پىلان بولىدۇ؛ بازار ئىگىلىكى كاپىتالىزمغا باراۋەر ئەمەس، سوتسىيالىزمدىمۇ بازار بولىدۇ».

بۇ سۆزلەر خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى قويۇق تۇماننى تارقىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

شۇ يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 14 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا مۇنداق مۇھىم قارار چىقىرىلدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش. دۆلىتىمىز بەرپا قىلىدىغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشى ۋە تىزگىنلىشى ئاساسىدا بازارنى بايلىق تەقسىماتىدا ئۇللۇق رول ئوينايدىغان قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى قىممەت قانۇنىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىدىغان، تەمىنات - تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان قىلىش مەقسەت قىلىندى.

ئىلگىرى جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىدا ياڭرىغان باھار گۈلدۈرمامىسى شۇ پەيتتە جۇڭگو زېمىنىنى لەرزىگە سالدى.

1993 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى تۈزۈلۈپ، ئاساسىي رامكىسى سۈرەتلەپ بېرىلدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن بازار سىستېمىسى، مۇكەممەل ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، مۇۋاپىق كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى بەرپا قىلىش.

كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش يۈكسەلدۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلغان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان جۇشقۇن مەنزىرە بارلىققا كەلدى: 1993 - يىلى دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 3 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 1992 - يىلىدىكىدىن %13.9 ئاشتى.

يول بويى «تاشنى سىيلاپ دەريادىن ئۆتۈش» ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، بازارلىشىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە پۇختا قەد كۆتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، فېڭ ئەيچيەننىڭ نەۋرىلىرى مومىسىنىڭ قولىدىكى «كولدۇرما»نى قولىغا ئېلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا زاكاز تالونلىرى ئارقىلىق «توخۇ پېيىنى شېكەرگە ئالماشتۇرۇش» يېڭى ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق يەكۈنلىدى: «سوتسىيالىزم شارائىتىدا بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق ئامىل دەل بىزنىڭ ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرغانلىقىمىزدىن، ھەم سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغانلىقىمىزدىن ئىبارەت.»

ھەم «ئۈنۈملۈك بازار» بولۇش، ھەم «قابىل ھۆكۈمەت» بولۇشتىن ئىبارەت ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىگە قارىتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىزچىل تۈردە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدەندى، تونۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى بازار بىلەن ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلمىي ئورۇن بېكىتمىسىگە قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى: بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى «ئۇللۇق رولى» «ھەل قىلغۇچ رول»غا ئۆزگەرتىلىدۇ.

بىر سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى تونۇش جەھەتتىكى ھالقىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو زېمىنىنى لەرزىگە سالغان ھەربىر دەۋر باھار گۈلدۈرمامىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يەنىلا ياڭرىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.