تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىللىقلىققا تولغان تىيانشانغا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بېغىشلاش

—— 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ فېڭ، خې جۈن، ليۇ بىڭ

تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، شىنجاڭغا نېمە ئۈچۈن كەلدى؟ شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنى قىلدى؟ شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا نېمىلەرنى قالدۇردى؟ بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن ئىمتىھان سوئالى.

1997 - يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن، مەركەزدىكى ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 تۈركۈمدە 20 مىڭدىن ئارتۇق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتتى. 2023 - يىلى، 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇساپىسىنى باشلىدى.

«بىز كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، شىنجاڭدا مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.» 2025 - يىلى 9 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان تارىخىي پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ جايدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىدا نامايان قىلىپ، ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك، شۇنداقلا بېيىش يولىدا، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش يولىدا نامايان قىلىش كېرەك، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش بەخت - سائادىتى ھەممە ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش نۇرى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتتى، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى... ئۈچ يىلدىن بۇيان، 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قەدەملىرى بىلەن ئۆلچەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن سۇغىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىللىق ئېقىن سۇ بىلەن چېگرا رايوننى ئوزۇقلاندۇرۇش

مەيلى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بولسۇن ياكى «دەل جايىدا بولۇش شەكلى»دە ئۇدۇللاشتۇرۇش بولسۇن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى شۇ جايدىكى پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بولدى.

«كۆپ يىل كۈتۈپ، ئاخىر <ئانا> دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىدىم!» قىزى شياۋمانىڭ ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئالغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئامما گۈلنۇرنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى. شياۋما تۇغما گاس بولۇپ، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە «چىمىڭ ھەرىكىتى» باشلانغاندىن بۇيان، ئۇ ئىككى قۇلىقىغا ياردەمچى تىڭشىغۇچ تاقاپ، تۇنجى قېتىم سىرتقى دۇنيادىكى ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئارقىدىن سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋاز چىقىرىش، گەپ قىلىشنى ئۆگەندى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، «چىمىڭ ھەرىكىتى» يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەم بالىلاردىن جەمئىي 830 مىڭ ئادەم قېتىمنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، گەپ قىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان ھەم تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 921 بالىغا ئۈمىد بېغىشلىدى.

بىر ئائىلىنىڭ بەختى تۈمەنلىگەن ئائىلىدىكى ئۆزگىرىشنى ئىپادىلىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ھەربىر سېلىنما پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - شى دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئوپېراتسىيە ئۆيىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇەيئەن شەھىرىدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر شۈ يىڭ شۇ جايدىكى دوختۇرلارنى باشلاپ، قىزىلئۆڭگەچ دەسلەپكى راكى بويىچە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەن شىللىق پەردىنى ئاجرىتىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ھەربىر ئېغىز ئىنچىكە تاپىلاشلار كېسەل كۆرۈش ئۆيىنى ئىللىتتى، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە ۋارىسلىق قىلىشىغا گۇۋاھ بولدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «بىر دوختۇرخانىغا بىر تەدبىر بولۇش»نى يولغا قويۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلارنىڭ پەن قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچەملىشىش، سىستېمىلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان، تۇتۇپ قالغىلى بولىدىغان، يىلتىز تارتالايدىغان يەرلىك داۋالاش تايانچ قوشۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى پۇختا قوغدىدى.

دوختۇرلار ھاياتلىقنى قوغدايدۇ، ئۇستازلار كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ.

قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ شىنچېڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرگەندە، پېشايۋانغا تەقلىد قىلىنغان ئىمارەت نەپىسلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى، ئۈن - سىن كۇتۇپخانىسى، پىسخىك ساغلاملىق ئۆيى، ئوچۇق شەكىلدىكى تەنھەرىكەت رايونى، ئۇسسۇل - مۇزىكا رېپېتىتسىيە رايونىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئاقىل دوسكا، سىنغا ئېلىپ كۆرسىتىش سىستېمىسى ۋە AI دەرسخانىسى تەھلىل قىلىش - كۆزىتىش سىستېمىسى قاتارلىق زامانىۋىلاشقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.

«مەكتىپىمىز ناھايىتى چىرايلىق، دەرسخانىدىكى ئۈسكۈنىلەر ناھايىتى ئىلغار، يەنە گۇاڭجوۋدىن كەلگەن مۇئەللىملەر بىزگە دەرس ئۆتىدۇ» دېدى ئوقۇغۇچى مېھرىبان قادىر خۇشال ھالدا.

قاتتىق ماتېرىيال سېلىنمىسى ئارقىلىق ئاساسنى كۈچەيتىشتىن ئوقۇتقۇچىلار كۈچ قوشۇپ يوشۇرۇن كۈچنى قوزغىتىشقىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە يىلتىز تارتىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش، ئۇستاز بىلەن شاگىرت قوشماقلىشىش، بۇلۇت تېرمىنالىدا ئوقۇتۇش - تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش نۇرىنى شىنجاڭدىكى بالىلارنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىنى يورۇتىدىغان سامانيولى قىلىپ مۇجەسسەملىدى.

خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنىڭ ئۈنۈمى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنىڭ %89.2ى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنىپ، %91.3ى ئاساسىي قاتلامغا سېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك» دېگەن ئىللىق ۋەدىسىنى جانلىق ئەمەلدە كۆرسەتمەكتە.

كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇش

كەسىپ گۈللەنسە پۇقرالار بېيىيدۇ، كەسىپ كۈچەيسە چېگرا رايون مۇقىم بولىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر باشتىن - ئاخىر مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خاس كەسىپلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتتى.

خاس يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئورتاق بېيىش يولى بەرپا قىلىندى −

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى ئېغىر، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىرلا خىل، قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتقىلى بولىدۇ؟ 2023 - يىلى 9 - ئايدا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى − شىنجاڭ خۇييۆجى گۇالوۋ كەسپى تۈرى گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىغا ماكانلاشتى.

«ئەنخۇي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تۇپراقنى ئۆلچەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى شارائىتلارنىڭ گۇالوۋ تېرىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېدى ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، زاڭگۇي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى فېڭ ۋېي. بۇ تۈردە پۈتۈن يېزىدىكى تارقاق يەرلەر بىرىكتۈرۈلۈپ تېرىقچىلىق بازىسى بەرپا قىلىنىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. ھازىرغىچە، زاڭگۇي يېزىسىدا 67 مىڭ مو گۇالوۋ تېرىش بازىسى بەرپا قىلىنىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى 2600دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تۇرسۇن قادىرنىڭ كارخانىدا ئىشلەۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى، ھازىر ئايلىق مائاشى 4500 يۈەن، ئائىلىسى يەنە 15 مو يەرگە گۇالوۋ تېرىدى. تۇرسۇن قادىر مۇنداق دېدى: «بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇلتۇر ئۆيۈمنى قايتىدىن بېزىدىم، كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.»

رەقەملىك كەسىپلەر ئەمەلىيلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولىنى تېز ئىگىلىدى −

قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسىدىكى چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە، قاتار - قاتار مۇلازىمېتىرلار يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، شاڭخەيدىن كەلگەن يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئىنژېنېرلىرى ئۈسكۈنىلەرنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈۋاتاتتى. 2025 - يىلى، قاراماينىڭ ھېسابلاش كۈچى كۆلىمى 20000Pدىن ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە %95تىن ئارتۇق ھېسابلاش كۈچى دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ AI چوڭ مودېلى خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھېسابلاش كۈچى ئېھتىياجىغا مۇقىم مۇلازىمەت قىلدى.

«شاڭخەي سانلىق مەلۇماتى + نېفىت شەھىرىنىڭ ھېسابلاش كۈچى» ئەڭ ياخشى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» دۆلەت ئىستراتېگىيەسى رامكىسىدا، شاڭخەي بىلەن قاراماينىڭ ھېسابلاش كۈچى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»ىنى تۇتاشتۇردى.

رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇشتىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندى.

خېيلۇڭجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مەۋقەنى ئالتاينىڭ ئېكولوگىيە ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «ساياھەت تامىقى» يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە دەل جايىدا كۈچ قوشتى؛ بېيجىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە خوتەن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئەلالاشتۇرۇشى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشىغا كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئىنچىكە پىششىقلاش، ياسىمىچىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى... ئۈچ يىلدىن بۇيان، ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر (ئورۇن)لەر 106 مىليارد يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 6520دىن كۆپرەكنى يولغا قويدى.

2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 146 مىليارد 214 مىليون يۈەن بولدى. يارقىن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ئارقىسىدىكىسى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش «قان ئىشلەش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش» پۇختا نەتىجىسىنى تەقدىم قىلغانلىقى بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى.

تومۇرداش بولۇپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، 11 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، بىر مەقسەتتە ھەمدەم بولۇپ، مەبلەغ، تۈر، تېخنىكا ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە چىن قەلب ئارقىلىق چىن ھېسسىياتقا ئېرىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ قەلبداشلىق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى.

كۇچا كۈسەن تار كوچىسىغا كىرگەندە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىرخانا، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا بىلەن تونۇر گۆشنېنىنىڭ مەززىلىك ھىدى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغانىدى. لېكىن نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ جاي يەنىلا يوللىرى كونا، ئۆيلىرى كونا، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى پاتقاق بولۇپ كېتىدىغان «لاي كوچا» ئىدى.

ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا جېجياڭ نىڭبو بىلەن كۇچادىكى ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت بار. 2023 - يىلىدىن بۇيان، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تار كوچىلارنىڭ مۇھىت قىياپىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەينەت، قالايمىقان، كونا كوچىلارنى ئىللىقلىققا تولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنىكىگە ئايلاندۇردى.

«مەھەللە خىزمەتچىلىرى دائىم بۇ يەرگە كېلىپ، ئاھالىلەر بىلەن خۇشال - خۇرام پاراڭلىشىپ، مەھەللىدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنى ئىگىلەيدۇ.» ئاھالە ئابدۇقادىر مەمتىمىن ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ چايخانا ئاچتى، ھەر مىللەت ئامما بۇ جايدا ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى كوچىلارنىڭ ئىچكىرىسىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بويىچە يار - يۆلەك بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇش، تومۇرداش بولۇشتۇر.

مەركەزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر كېڭەيتىلىشگە تۈرتكە بولدى −

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ھەر يىلى 40 مىڭغا يېقىن ياش - ئۆسمۈرنى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا بېرىپ «ئانار دانىسى ۋەتەن سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 700 مىڭ پىيونېرنىڭ «خەت ئارقىلىق قول تۇتۇشۇپ» قوشماقلىشىپ، 900 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەت - چەك ئالاقىسى قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپتىكى تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە قويۇلۇشى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدا كۆرەك قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، 13 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىدە، نەق مەيداندا كۆرگەن تاماشىبىن 18 مىڭ ئادەم بولدى، پۈتۈن توردا كۆرۈلۈش مىقدارى 277 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى؛

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى «ئانار گۈللىرى . ئاياللارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۈچ يىلدا 1793 ئەڭ گۈزەل ئائىلە، 5408 كىشىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، ئۆزئارا زىيارەت قىلىش - ئالماشتۇرۇش، ئائىلە ئىستىلىدىن ھەمبەھرىلىنىش، قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپتىكى 6000دىن ئارتۇق يېزا - بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)نىڭ ئورتاق قۇرۇش بويىچە قوشماقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 10 مىڭ نەپەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرىنى شىنجاڭ سىرتىغا چىقىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەشكىللىدى... قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا دائىم پورەكلەپ ئۇزاققىچە ئېچىلدى، تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىغان چوڭقۇر دوستلۇق ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدا بىر ئۆمۈر تىيانشانغا رىشتە باغلاندى.

كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، بەزىلەر توي ۋاقتىنى قايتا - قايتا كەينىگە سۈردى، بەزىلەر بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق ئالاھىدە پەيتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى، بەزىلەر ئاتا - ئانىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويالمىدى. ئۇلار ئايرىلىدىغان چاغدا، چامادانىدا شەخسىي بۇيۇملىرىدىن باشقا، يەنە يۇرتداشلار سېلىپ قويغان نان، ياڭاق، چىلانلار ۋە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان خەتلەر بار ئىدى.

مۇساپىدە كۈچ ئۇلاش ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، 12 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈۋېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بىلەن بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.