تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساس مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ئاساس مائارىپتا.

«پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» «ئاساس مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئاساس مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاساس مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەملىكەتلىك ئاساس مائارىپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس مائارىپى توغرىسىدا كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى.

ئاساس مائارىپ خەلق مائارىپى سىستېمىسىدا ئۇللۇق، باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاساس مائارىپ قانچە پۇختا بولسا، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمى شۇنچە پۇختا، زاپاس كۈچى شۇنچە يېتەرلىك بولىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساس مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس مائارىپىنى تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، ئاساس مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە ئاساسى، ئېتىقاد مۇنارىنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «ئاساس مائارىپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئىش، بايراق روشەن ھالدا ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە، ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛

ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەتراپلىق يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، «ساغلاملىق بىرىنچى دەيدىغان مائارىپ ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇق ۋە يېتەرلىك تەسىس قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

مائارىپ ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا، «مائارىپتىكى <ئىككىنى ئازايتىش>تا ئىلمىي مائارىپ بويىچە قوشۇش ئۇسۇلىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك»لىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى...

ئىدىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى سىياسەتنى كۈچ ئۇلاپ ئېلان قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئاساس مائارىپنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش»تىن «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»قىچە، «ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش»تىن «ئوقۇيدىغانلار ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش»قىچە، بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيەسى، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس مائارىپى دۇنيادىكى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى.

«دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس مائارىپى دۇنيادا ئەۋزەللىككە ئىگە، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك».

بۇ ئىشەنچ سىجىل ئېشىۋاتقان مائارىپ ئادىللىقىدا ئىپادىلەندى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى 2895 ناھىيە رايونىدا ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ بىر يىللىق تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى 14 مىليون بالىغا نەپ يەتكۈزدى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ، رايونلارنىڭ، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەتتى... «تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلەندۈرۈش» رېئاللىققا ئايلانماقتا.

بۇ ئىشەنچ روھنى تاۋلاش بىلەن قەلبنى يېتىلدۈرۈشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدا يىلتىز تارتقان.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 550 تىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» ئەمەلىيەت ئوقۇتۇش بازىسى تەسىس قىلىنىپ، زور بىر تۈركۈم «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» «مەيدان - سارايلاردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» ماركىسى شەكىللەندۈرۈلدى... پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئۈزلۈكسىز كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى، تۈركۈم - تۈركۈم دەۋر يېڭى كىشىلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.

بۇ ئىشەنچ ئەتراپلىق يېتىلگەن ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن.

«ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن ئىككى سائەت شۇغۇللىنىش، دەرس ئارىلىقىدا 15 مىنۇت دەم ئېلىش» ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، كېڭەيتىلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئەمگەك دەرسى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ۋە يېتەرلىك بولدى، مەكتەپلەردە گۈزەللىك تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئىلمىي بولغان مائارىپ باھالاش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇلدى... «نومۇر ھەممىنى بەلگىلەش نەزەرىيەسى» ئۆزگەرتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار «جىسمىدا چېنىقىش تەرى، كۆزىدە نۇر بار» بولدى، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «ئاچقۇچلۇق مەزگىل»گە قەدەم قويدى.

«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا تىرەك بولۇش رولىنى كۈچەيتىش كېرەك».

«مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۇل سالىدىغان قۇرۇلۇش» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساس مائارىپ زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا: «نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشقان مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» «ئاساس مائارىپتا ئەلا بايلىقنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مائارىپنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى، خەلقچىللىق خۇسۇسىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك خۇسۇسىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ، ئادەم تەربىيەلەپ، بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇش، بەش تەربىيەنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مەملىكەتلىك ئاساس مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساس مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقاندا، چوقۇم يۈز مىليونلىغان بالىنىڭ كەلگۈسىگە ئورتاق تىرەك بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس مائارىپىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويغىلى بولىدۇ.

مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، ئاساس مائارىپ ھەممە ئائىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىشى. يېڭى مۇساپىدە، ئاساس مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇپ، مەۋقەنى «ئاساسىي نۇقتا»غا قويۇپ، چوڭ دۆلەت مائارىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولساقلا، جەزمەن مائارىپ كۈچى ئارقىلىق خەلق بەخت - سائادىتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مائارىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلىنى تېخىمۇ ياخشى پۇختىلىيالايمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.