□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ
7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى تىنچلىق مەھەللىسىدىكى دائىرىگە مەسئۇل خادىملار، پىدائىيلار يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. بۇ مەھەللە تەۋەلىكىدىكى تۆت ئولتۇراق رايون ئارىسىنى بىر مەكتەپ ئايرىپ تۇرىدۇ، ھەرقايسى ئولتۇراق رايون ئارىسىدىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق ئىككى كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇلار ھەر كۈنى توكسىكلىت مىنىپ توختىماي بېرىپ - كېلىپ، ھەر قېتىملىق «دېرىزە پەردىسى ئۇچرىشىشى»غا بارىدۇ. «ئەتىگەندە دېرىزە پەردىسىگە، كەچتە چىراغقا قاراش» ئۇلار بىلەن يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار ئارىسىدىكى ئۈن - تىنسىز تىنچ - ئامانلىق ۋەدىسى ئىدى.
دائىرىگە مەسئۇل خادىم تاجىگۈل تۇرسۇن يالغۇز تۇرىدىغان 78 ياشلىق لى موماي تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىلگىرى بالدۇرلا ئېچىلىدىغان دېرىزە پەردىسىنىڭ بۈگۈن يەنىلا ئېچىلماي تۇرغانلىقىنى بايقىدى. تاجىگۈل ئەنسىرەپ، بىر تەرەپتىن تېلېفون ئۇرغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇچقاندەك 2 - قەۋەتكە يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئىشىكنى توختىماي چەكتى. بىرئازدىن كېيىن ئىشىك ئېچىلدى، لى موماينىڭ ئىشىك ئالدىدا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تاجىگۈل ئاندىن خاتىرجەم بولدى. ئەسلىدە موماي ئەتىگەندىلا تاماق ئېتىش، ئۆي يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، دېرىزە پەردىسىنى ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن.
موماي دەرھال تاجىگۈلنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، بىر تىلىم بېشەكچى قوغۇن سۇندى، «قىزىم رەھمەت سىزگە، سىلەر ھەر ۋاقىت بىزنى ئويلاپ تۇرغاچقا، كۆڭلىمىز بەك خاتىرجەم.» تاجىگۈل دەرھال: «ھەدە، سىزگە ھېچ ئىش بولمىسىلا بولدى، مەن ئەمدى لى تاغامنى يوقلاپ كېلەي» دېدى.
تاجىگۈل يەنە بىر دەنيۈەنگە قاراپ ئالدىراپ ماڭدى، ئەمدىلا بىنا ئالدىغا كېلىشىگە، لى بوۋاينىڭ دېرىزىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «تاجىگۈل، خەيرلىك سەھەر!» دېگەنلىكىنى كۆردى.
تاجىگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇردى: «خەيرلىك سەھەر لى تاغا، ھاۋا ئىسسىپ كەتتى، مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى مەركەزلىك چاچ ياسىتىشقا كېلىشىپ قويدۇق، ئۇنتۇپ قالماڭ.»
گەپ ئاخىرلىشىشى بىلەن، بىرىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان جاڭ ھەدە دېرىزىنى ئېچىپ تاجىگۈلدىن ياردەم سورىدى، موماينىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، ئادەتتە مەھەللە ئاشخانىسىدىن تاماق ئەكەلدۈرۈشتە بالىلىرىغا تايىناتتى، يېقىندا بالىلىرى ۋاقىتلىق ئىشى چىقىپ قالغانلىقتىن بىرقانچە كۈن سىرتقا چىقماقچى بولغانىدى، ئۇ قوشنىلىرىنىڭ تاماق ئالغاچ كېلىشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن تاجىگۈلگە تاماق كارتىسى بېجىرىشكە ياردەملىشىشنى ھاۋالە قىلدى. تاجىگۈل دەرھال ماقۇل بولدى ھەم موماينىڭ ئۇچۇرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرىلەپ، بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا كارتىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىشكە ۋەدە بەردى.
بۇ خىل دېرىزە پەردىسىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىللىق پاراڭلار بىر ۋەدىدىن باشلاندى.
تىنچلىق مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گېڭ شىن مۇنداق دېدى: «2022 - يىلى، تەۋەلىكىمىزدىكى يالغۇز تۇرىدىغان بىر بوۋاي ئۆيىدە تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ قىيىن ئەھۋالدا قالدى، گەرچە مەھەللىنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشى ئارقىلىق خەتەردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش كۆپچىلىكنى ئەندىشىگە سالدى. ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، مەھەللىدە يالغۇز تۇرىدىغان، يالغۇز قالغان ياشانغانلاردىن 21 كىشىنىڭ بارلىقىنى ئىستاتىستىكا قىلدۇق. ئارقىدىن مەھەللە <دائىرىگە مەسئۇل خادىم + پىدائىي + ئۆي - جاي مۇلازىمىتى شىركىتى> قوشماقلاشقانلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يالغۇز تۇرىدىغان، يالغۇز قالغان ياشانغانلارغا ساغلاملىق ئارخىپى، تۇرمۇش مەخسۇس ئارخىپى تۇرغۇزدۇق ھەم ئۇلارنىڭ دېرىزىسىگە مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش بەلگىسى چاپلىدۇق، سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە پەردىسىنى ئېچىش، كەچتە چىراغنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت <مەخپىي بەلگە>نى كېلىشىۋالدۇق، قايسى ياشانغان كىشىنىڭ ئائىلىسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، دەرھال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ، ساقچىخانا، داۋالاش ئۆيى بىلەن ماس قەدەمدە ھەمتۈرتكە بولۇپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلدۇق.»
ھەر كۈنى «ئەتىگەندە دېرىزە پەردىسىگە، كەچتە چىراغقا قاراش» تىن باشقا، مەھەللىدىكى دائىرىگە مەسئۇل خادىم ۋە پىدائىيلار يەنە ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ماددىي ئەشيالارنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ھەقنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش، ئۆي ئىچىنى رەتلەشنى دائىملاشتۇردى. مەھەللە يەنە ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارغا مەخسۇس ياشانغانلار كارتىسى تەييارلاپ بېرىپ، ئادەم كۈچى بىلەن سەييارە تەكشۈرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش ئارقىلىق، ياشانغانلارنىڭ ئائىلە بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملىدى.
«مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق قوغداش پائالىيىتى يېڭى باشلانغاندا ئاران ئون پىدائىي قاتناشقانىدى، بۈگۈنكى كۈندە قوشۇنىمىز زورىيىپ 40 كىشىگە يەتتى، جەمئىي 100 مەيداندىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردۇق. گېڭ شىن مۇنداق دېدى: 1000 كۈندىن ئارتۇق چىڭ تۇرۇپ، مەھەللە «دېرىزە پەردىسى مەخپىي بەلگىسى»گە تايىنىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇيۇقسىز بىئارام بولۇشتەك خەتەرلىك ئەھۋالدىن ئىككىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشىدىن 100 دىن ئارتۇقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن بىرنىمۇ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.
«بۇلارنىڭ ھەممىسى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىك ئىشلار، لېكىن ياشانغانلارغا باشقىلارنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرساقلا، سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىز ئەرزىيدۇ» دېدى تاجىگۈل.
دېرىزە پەردىسىنىڭ ھەر قېتىملىق ئېچىلىشى ۋە يېپىلىشىغا ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى سىڭگەن؛ چىراغ نۇرىنىڭ يورىغان - يورىمىغانلىقى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ ئىنتايىن خاتىرجەم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ھەر كۈنى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلار ئارىسىدا يۈرۈپ، «ئەتىگەندە دېرىزە پەردىسىگە، كەچتە چىراغقا قاراش» كېلىشىشى ئارقىلىق، قوشنىلار ئورتاق ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىللىق مېھرىنى مەھەللىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزدى.






