تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى يامان غەرەزدە كەينىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يولىنى بەش كىلومېتىرغىچە توسۇپ ماڭغانلىقتىن، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشقا چېتىلىپ دېلو تۇرغۇزۇلدى 

  7-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى خاراكتېرى ناچار بولغان قېيدىشىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ئاپتوموبىل يانداش ماجىراسى تۈپەيلىدىن، ئارقا تەرەپتىكى شەخسىي ئاپتوموبىلنىڭ يولىنى يامان غەرەزدە توسۇپ، بەش كېلومېتىرغىچە يول بەرمەي ماڭغان، بۇ ئەھۋال ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى.

  ۋەقە يۈزبەرگەن كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى Y443 يېزا يولىدا، بىر شەخسىي ئاپتوموبىل نورمال يانداپ ئۆتمەكچى بولغاندا، ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، بەش كىلومېتىر كېلىدىغان مۇساپىدە، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى داۋاملىق يول مەركىزىي سىزىقىنى بېسىپ تۆۋەن سۈرئەتتە مېڭىپ، قارشى يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل يولىغا كۆپ قېتىم كىرىپ، قەستەن يول ئۆزگەرتىپ ئارقا تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ يانداپ ئۆتۈش يولىنى توسۇۋالغان. شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى كۆپ قېتىم سىگنال بېرىپ ئەسكەرتكەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر نورمال يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ئاپتوموبىلدىكى يولۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە يول يۈرۈش تەرتىپىگە پىسەنت قىلماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن داۋاملىق قېيداپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.

  بۇ ئىش يۈزبەرگەندىن كېيىن، شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئەسۋابىدىكى مۇكەممەل سىن كۆرۈنۈشىنى ساقلاپ قويغان ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلغان. قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، بۇ ئاممىۋى قاتناش شوپۇرىنىڭ چىراغنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمەسلىك، مەنئى قىلىش بەلگە سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەر ھەيدەشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش، ئادەتتىكى يولدا تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈش، بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈشمەسلىك قاتارلىق  قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ بەش تۈرلۈك قىلمىشىنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  نۆۋەتتە، خەلق ساقچىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ شوپۇرنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ كۆپ خىل قىلمىشىغا جازا بەردى: چىراغنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىگەنگە، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، بىر نومۇر خاتىرىلەندى؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەندە مەنئى قىلىش بەلگە سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلغانغا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، بىر نومۇر خاتىرىلەندى؛ ئاپتوموبىل ھەيدەپ بىخەتەر ھەيدەشكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغانغا، 180 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئۈچ نومۇر خاتىرىلەندى؛ ئادەتتىكى يولدا تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرگەنگە، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئۈچ نومۇر خاتىرىلەندى؛  ئاپتوموبىللار بىلەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈشمىگەنگە، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، بۇ دېلودا بارلىق جازا بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ شوپۇرنىڭ قىلمىشى يول قاتناش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشقا چېتىشلىق بولغاچقا، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزدى، كېيىنكى قەدەمدە قانۇن-نىزاملار بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش 

نۇرغۇن قاتناش ھادىسىسى بىردەمچىلىك كەيپىيات سەۋەبلىك يۈزبېرىدۇ.

قارشى تەرەپ يامان غەرەزدە سۈرئەتنى ئاستىلىپ يۈرۈش يولىنى توسۇسا 

قايتۇرما زەربە بەرمەي، تىركەشمەي، ئارازلاشماي

تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

ئاممىۋى ئاپتوبۇس، شەھەر-يېزا يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى ئاممىۋى قاتناش قورالىغا تەۋە

شوپۇر يول ئۈستىدە ئاچچىقلىنىپ قېيداشسا، ئاپتوموبىل ياكى ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان بارلىق كىشىلەر خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرايدۇ

بىخەتەر ئەھۋال ئاستىدا

يولۇچىلار سىن كۆرۈنۈشى، نومۇر تاختىسى، يول بۆلىكى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش ئىسپاتىنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ

ئاپتوموبىل ياكى ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن

110 ياكى 122 غا تېلېفون قىلىپ خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشىنى پاش قىلسا بولىدۇ

قورقۇپ كەتكەنلەر، ساقسىزلار 

داۋالىنىش خاتىرىسىگە ئاساسەن يولۇچى توشۇش شىركىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ 

يېزا-كەنت يوللىرى تار ھەم ئوڭغۇل-دوڭغۇل 

يول يۈرۈش بوشلۇقىمۇ چەكلىك بولىدۇ

يول يۈرگەندە مەدەنىي بولۇپ يول بېرىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاستا يۈرۈش يول يۈرۈش تۆۋەن چېكى ھېسابلىنىدۇ

مىجەزنى قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ 

قائىدىگە سەل قارايدىغان، ئاممىۋى بىخەتەرلىكىكە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەيدەش قىلمىشى

ئاخىر قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.