تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئومۇمىي خەلق ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتتە |  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئانا قىزىغا لايىق ئىزدەپ 1 مىليون يۈەن پۇلى ئالداپ ئېلىۋېلىنغىلى تاس قالدى

  «ئۇ ياخشى ئادەم، قىزىمغا لايىق تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولغان، قانداقسىگە ئالدامچى بولسۇن! ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭلار!» 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋۇ ھەدىنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ نەسىھەت قىلىپ توسقان خەلق ساقچىلىرىغا ئىنكاسى كۈچلۈك، پوزىتسىيەسى كەسكىن بولدى، ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغانلىقىغا ئەسلا ئىشەنمىگەنىدى.

  بۇ جاھىللىق بىلەن بېرىلگەن رەددىيەنىڭ ئارقىسىدا كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قەدەممۇقەدەم ئىشەندۈرۈلگەن بىر مەيدان قىلتاق بارلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. ۋۇ ھەدە قىزغىن، ئىشەنچلىك، ئاق كۆڭۈل كىشىگە ئۇچراپتىمەن، قىزىمغا ياتلىق بولغۇدەك ياخشى ھەمراھ تېپىپ بېرىدىغان بولدى دەپ خۇشال بولغان، ئون نەچچە كۈن قىلىنغان سىلىق-يۇمشاق گەپلەردە كاللىسى ئۈزۈل-كېسىل يۇيۇلۇپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، 1 مىليون يۈەن نەق پۇلنى غەملەپ، ئالدامچى ئۆز قولى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان «ئالدامچىلارنىڭ قولچوماقچىسى»غا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش جىددىي باشلاندى!

  شۇ كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى مىدۇڭ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى يېڭى تىپتىكى تور جىنايىتىنى رازۋېدكا قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتى تەۋەلىكتىكى 59 ياشلىق ۋۇ ھەدىنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ قالغانلىقىدەك يۇقىرى خەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالدى. خەلق ساقچىلىرى دەرھال ۋۇ ھەدىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەسىھەت قىلىپ توسماقچى بولدى.

  نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ۋۇ ھەدە نەسىھەت قىلىپ توسۇشقا زادىلا قۇلاق سالمىدى. خەلق ساقچىلىرى سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەدە، بىز ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش خەلق ساقچىسى، سىز يېقىندا توردا ناتونۇش كىشى بىلەن تونۇشۇپ، يەنە بانكىدىن كۆپ سوممىلىق پۇل ئالماقچى بولدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ قارشى تەرەپ ئالدامچى، مەخسۇس ياشانغانلارنىڭ يىغىپ قويغان پۇلىنى ئالدايدۇ!»

  ئويلىمىغان يەردىن ياخشى كۆڭلى بىلەن ئېيتىلغان بۇ ئەسكەرتىش، شۇ ھامان ۋۇ ھەدىنىڭ قاتتىق رەددىيەسىنى قوزغىدى، ئۇ ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ، كەسكىن ئاھاڭدا: «سىلەر قالايمىقان گەپ قىلماڭلار! ئۇ كىشى ياخشى كۆڭلى بىلەن قىزىمغا لايىق تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولدى، پەزىلىتىدە چاتاق يوق! مەن ئالدانمىدىم، قالايمىقان مەبلەغمۇ سالمىدىم، سىلەر يوق يەردىن ئىش تېپىپ مېنى ئاۋارە قىلماڭلار!» دېدى.

  ساقچىلار زېرىكمەي-تېرىكمەي ئالدامچىلىقنىڭ ئۇسۇلىنى چۈشەندۈردى، ۋۇ ھەدە بۇنىڭغا باشتىن -ئاخىر ئىشەنمىدى، نەسىھەت قىلىپ توسۇش قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ھالبۇكى، ۋۇ ھەدە ھەر ۋاقىت ئالدامچى بىلەن ئالاقىلىشىپ نەق پۇلنى بېرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ساقچىلار ئۇنىڭ ئاران يىغقان پۇللىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، دەرھال ئۇنى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىپ، چۆكۈش شەكلىدە ئويغىتىپ نەسىھەت قىلىش ئېلىپ باردى.

  ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىدە، ساقچىلار ئوخشاش تۈردىكى ئالدامچىلىق دېلو مىساللىرى سىنلىرىنى كۆرسىتىپ، ئالدامچىلىقنىڭ يادروسىنى بىۋاسىتە ئېچىپ تاشلىدى. «ھەدە، بۇ دېلو مىساللىرىغا قاراڭ، ھەممىسى يالغاندىن باشقىلارغا قىز-يىگىت تونۇشتۇرۇشقا ياردەم قىلغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئاخىرىدا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇپ پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار، بۇ ئۇسۇللار سىزنىڭ ئۇچرىغىنىڭىز بىلەن ئوپمۇئوخشاش»!

  ھەقىقىي دېلو مىساللىرى، تولۇق دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئالدامچىلار بىر قوللۇق پىلانلىغان ساختىلىق بىتچىت بولدى. ۋۇ ھەدىنىڭ چىرايىدىكى جاھىللىق ئاستا-ئاستا يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالاقزادە بولۇش ۋە قورقۇش ئىگىلىدى، مۇستەھكەم پىسخىكىلىق مۇداپىئە سېپى ئۈزۈل-كېسىل يىمىرىلدى. ئۇ ناتونۇش كىشىلەرگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ساقچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئالدىنىش جەريانىنى تولۇق سۆزلەپ بەردى.

  ئەسلىدە، پۈتۈن بىر يۈرۈش ئالدامچىلىق باشتىلا بىر مەيدان كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان «مۇلايىملىق قىلتىقى»دىن باشلانغانىدى. 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ۋۇ ھەدە توردا تاسادىپىي بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان، قارشى تەرەپ ۋۇ ھەدىنىڭ قىزىنىڭ ئۆيلىنىش، مۇھەببەتلىشىش ئارزۇسىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ قىزىغا ياخشى لايىق تونۇشتۇرۇشقا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  بۇنىڭ بىلەن ۋۇ ھەدە بارلىق ھوشيارلىقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون  نەچچە كۈندە، ئالدامچى ھەر كۈنى قىزغىن ھال-ئەھۋال سوراپ، يېقىنچىلىق قىلىپ مۇڭدىشىپ، ھېسسىياتنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، قەدەممۇقەدەم ۋۇ ھەدىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، كېيىنكى ئالدامچىلىق قىلىپ پۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئاساس سالغان.

  تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئالدامچى پۇلنى ئېلىۋېلىش ئەندىزىسىنى باشلىغان. ئۇلار يالغاندىن قولۇمدا ئىچكى قىسىمدىكى مالىيە باشقۇرۇش يوللىرى بار، مۇقىم پايدا ئالىدىغان ئىچكى خەۋەرگە ئېرىشەلەيمەن دەپ، «خەتىرى تۆۋەن، پايدىسى يۇقىرى» دېگەننى باھانە قىلىپ، ۋۇ ھەدىنى پۇل چىقىرىپ مەبلەغ سېلىشقا ئۈزلۈكسىز قىزىقتۇرغان. كاللىسى ئۈزۈل-كېسىل يۇيۇلۇپ كەتكەن ۋۇ ھەدە ھوشيارلىقىنى تولۇق يوقىتىپ قەدەممۇقەدەم قىلتاققا چۈشۈپ، دېلو يۈزبەرگەن كۈنى 1 مىليون يۈەن نەق پۇلنى ئېلىپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا «يۇقىرى سوممىلىق پايدا» ئالماقچى بولغان. بەختكە يارىشا، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش خەلق ساقچىلىرى دەل جايىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاخىرقى پەيتتە ۋۇ ھەدىنىڭ جاپادا تاپقان 1 مىليون يۈەن پۇلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغداپ قالدى.

  نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.