مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاھالىلەر چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قاراشەھەر بازىرى دوستلۇق مەھەللىسىگە باردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ «بەش ئۆلچەملىك» خىزمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، گىرەلەشمە، مۇكەممەل مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلدى.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، كىچىك دوستلار «سائەت ئالتە يېرىم» كىچىك دەرسخانىدا كىتاب ئوقۇماقتا.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، بىر ئاھالە مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدىكى چىراغنىڭ سەل غۇۋا ئىكەنلىكىنى، لامپۇچكىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
شۇ كۈنى، سىرتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، مەھەللە پائالىيەت ئۆيى ئىللىق، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. «قىزىل ئاي» خور ئۆمىكىدىكى ئاھالىلەر خورنى ئەستايىدىل رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى، «قىزىل ئانار» ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى رىتىمغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. يەنە نۇرغۇن ئاھالە بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتاتتى، كۈلكە سادالىرى مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدە ياڭرىغانىدى.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاھالىلەر ناخشا ئېيتىش ئۆيىدە ناخشا ئېيتماقتا.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، كىچىك دوستلار ھۆسنخەت ۋە رەسىم تەتقىقات ئىشخانىسىدا ھۆسنخەت يېزىشنى مەشىق قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۇچىسىغا پىدائىيلار جىلىتكىسى كىيگەن تاماق يەتكۈزگۈچى تەۋەلىكتىكى 85 ياشلىق بىر بوۋايغا تاماق ئاپىرىپ بېرىشكە ماڭدى.






