تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

بالا يازلىق تەتىلدە يايما ئاچسا، ئاتا-ئانا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

   يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىشى بىلەن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ يايما ئېچىپ مال سېتىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىشنىڭ كەينىگە خېيىم-خەتەر يوشۇرۇنغان. ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى ماۋ يۈ كۆپچىلىككە تىجارەتتىكى چەكلەنگەن رايوننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەتەردىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى.

قانچە ياشتىكى بالىلار ئۆز ئالدىغا يايما ئاچسا بولىدۇ؟

ماۋ يۈ: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يايما ئاچسا بولامدۇ-يوق دېگەننى ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال بار:

16 ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن، ئۆزىنىڭ ئەمگەك كىرىمىنى ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى قىلغانلار تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى دەپ قارىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا يايما ئېچىپ تىجارەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق تىجارەت رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.

سەككىز ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلارنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك يايما ئېچىش پائالىيىتىنى مۇستەقىل قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. بارلىق تىجارەت ھەرىكىتىگە چوقۇم ۋەسىيلەر پۈتۈن مۇساپىلىك ھەمراھ بولۇشى كېرەك، بالىلار پەقەت ياردەمچى بولالايدۇ، مەسىلەن، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش دېگەندەك.

سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلار ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشىلەرگە تەۋە بولۇپ، بارلىق سودا ھەرىكىتىنى چوقۇم ۋەسىيسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بالا مۇستەقىل باھا تالاشسا، پۇل ئالسا، مال ساتسا بولمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر روھىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلمىگەن، ئۆز ئالدىغا كۆپ مىقداردا مال كىرگۈزۈش، سىرتقا قارىتا مال بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالاش، مالنى نېسى سېتىش، كۆپ سوممىلىق زاكالەت پۇلى ئېلىش قاتارلىق ئۇلارنىڭ يېشى ۋە ئەقلىي سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن سودا ھەرىكەتلىرى كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

يايما ئېچىشنىڭ قانداق خەتىرى بار؟

ماۋ يۈ: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يايما ئاچسا ئۈچ تۈرلۈك قانۇن قىزىل سىزىقىغا ئەڭ ئاسان چېقىلىپ قويىدۇ، بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مەمۇرىي جازا ۋە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئاتا-ئانىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

بىرىنچى، يولنى ئىگىلەپ بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش خەۋپ-خەتىرى. شەھەر غول يولى، ئوت ئۆچۈرۈش يولى، ئەمالار يولى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا خالىغانچە يايما ئېچىش شەھەر ئاممىۋى رايونىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىشقا كىرىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار مالنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىشقا، تۈزىتىشكە بۇيرۇشقا ھەم جەرىمانە قويۇشقا ھوقۇقلۇق؛ قانۇن ئىجرا قىلىشقا ماسلاشمىسا يەنە ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ.

ئىككىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرى. يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا قانۇن بويىچە ئىجازەتنامە ئېلىش، كۆچمە يېمەكلىك يايمىكەشلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش، كەسىپكارلار كۈچكە ئىگە سالامەتلىك گۇۋاھنامىسى بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش كېرەك.

ئەگەر بالىلار يايما ئېچىپ، بىڭفېن، سوغۇق ئىچىملىك، قولدا ياسالغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ساتسا، ساغلاملىق ئىسپاتى يوق، ۋاقىتلىق يېمەكلىك يايمىكەشلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن بولسا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە مۇسادىرە قىلسا ھەم جەرىمانە قويسا بولىدۇ. خېرىدارلار ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، داۋالىنىش خىراجىتى، تۆلەم پۇلىنى ۋەسىيسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى. ئەگەر بالىنىڭ سېتىۋاتقىنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئىسمى بولمىغان، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بولمىغان، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى بولمىغان ناچار ئويۇنچۇق دېگەندەك نەرسىلەر بولسا، ئويۇنچۇقنى ئويناپ جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش كېلىپ چىقسا، ئاتا-ئانىلار ۋەسىي بولۇش سۈپىتى بىلەن جىسمانىي زىيان تۆلىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۈچ يوق مەھسۇلات»نى ساتسا يەنە بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

ماۋ يۈ: بىرىنچىدىن، ئاتا - ئانىلار ۋەسىي بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مۇساپىدە نەق مەيداندا بولۇشى، بالىنىڭ يايما ئورنىغا يالغۇز قارىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت رايونىنى تاللاپ، ۋاقىتلىق تىجارەت رەسمىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېجىرىش كېرەك. ئالدى بىلەن مەھەللىنىڭ خەلققە قولاي تارقاقلاشتۇرۇش نۇقتىسى، مۇنتىزىم كەچلىك بازار، ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەت خەير-ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىش مەيدانىنى تاللاش؛ غول يول، ئوت ئۆچۈرۈش يولى، ئەمالار يولى، مەكتەپ ئەتراپىدىن قەتئىي ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك. يايما ئېچىشتىن بۇرۇن مەھەللە، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ۋاقىتلىق يايما ئېچىش ۋاقتى، رايونىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ۋاقىتلىق يول ئىگىلەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ياخشى بېجىرىپ، كىنىشكىسىز يول ئىگىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ساتىدىغان بۇيۇم تۈرىگە قاتتىق چەك قويۇپ، ئىجازەت ئالىدىغان تىجارەت تۈرلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك. ئىشلىتىپ بولغان كىتاب، قولدا سىزىلغان ئەسەر، قولدا ئىشلەنگەن بېزەك بۇيۇملىرى قاتارلىق مەمۇرىي ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدىغان، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى يوق ئۇششاق تاۋارلارنى ئالدىن سېتىش، مال كىرگۈزۈش تالونى ۋە مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك ئىسپاتىنى ساقلاپ قېلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. سوغۇق ئىچىملىك، ئۇششاق يېمەكلىك قاتارلىق يېمەكلىك تۈرىدىكى تاۋارلارنى ساتىدىغانلار يېمەكلىكنى ئەنگە ئالدۇرۇشى، ساغلاملىق ئىسپاتى بېجىرىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل سودىسىنىڭ ھەممىسىدە ئاتا-ئانىلار مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار تاۋار باھاسىنى كېلىشىش، پۇل ئېلىش، زاكاز تاپشۇرۇۋېلىش، زاكالەت پۇلى ئېلىش، نېسى سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ئېلىم-سېتىم توختامى ماجىراسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالا ئۆز ئالدىغا زاكاز تاپشۇرۇۋالسا، قەرز ھۆججىتى يازسا، كۆپ سوممىلىق پۇل ئالسا بولمايدۇ.

ئاخىرىدا، ئاممىۋى مەنپەئەت خەير-ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىش بىلەن پايدا ئېلىپ تىجارەت قىلىشنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئەگەر پەقەت مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش، خەير-ساخاۋەتكە ئاتاپ سېتىش، بىكار تۇرغان بۇيۇملارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىلا مەقسەت قىلىپ، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىسا، قانۇننىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشى نىسبەتەن كەڭ بولىدۇ؛ پايدا ئېلىشنى تىجارەت نىشانى قىلغان ھامان، يەككە تىجارەت، شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش كېرەك.

يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، لېكىن قانۇن قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن مەيداننى توغرا تاللاپ، ساتىدىغان بۇيۇم تۈرىنى قاتتىق كونترول قىلغاندىلا، ھەم بالىلارنى چېنىقتۇرغىلى، ھەم قانۇن ماجىرالىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.