□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن
7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى قىزىل ئانار مەدەنىيەت مەيدانى قىزىپ كەتتى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، ھەر مىللەت ئامما رەتلىك تىزىلىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن دىققىتى بىلەن قارىدى.
تۆت يىل ئىلگىرىكى بۇ كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتكە كېلىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ سەمىمىي تاپىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بۇ كۈننى «بەخت كۈنى» قىلىپ بېكىتتى، ئىللىقلىققا تولغان پەيتلەرنى ئەسلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەيداندا خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. قىزىل ئانار . خۇنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «ماۋ دوختۇر» داۋالاش ئەترىتىنىڭ خالىس كېسەل كۆرۈش سۇپىسى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى، تېببىي خادىملار ياشانغانلار، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈردى؛ خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى قەغەز يېيىپ سىياھ تەييارلاپ، قەلىمى ئارقىلىق ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئۆيى قىزىپ كەتتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونى تورداشلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى...
«كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. يوللار تۈزلىنىپ پاكىزلەشتى، كەنت ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆپچىلىكنى ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان بولدۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى رازىيە ئابدۇراخمان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى ئاساسىي قاتلام خىزمەت ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، قىزىل چۈشەندۈرۈش ئەترىتى ۋە پۇقرالار لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر ھېكايىلەرنى دائىملىق بايان قىلدى؛ «ھويلا كېڭىشىش يىغىنى»نىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگىنىگە بىر يىل بولدى، كەنت كادىرلىرى ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى بىر - بىرلەپ تىزىملاپ، ئىشلارنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر جاۋاب بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
كەچكى شەپەق قىزىل ئانار مەيدانىغا تولۇق يېيىلغاندا، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۈزۈملۈكتىكى ئۇزۇن ئۈستەل زىياپىتى دەل ۋاقتىدا باشلاندى. دىيامېتىرى 2.5 مېتىر كېلىدىغان چوڭ تۆمۈر قازاندا، ئالتۇندەك سارغىيىپ پىشقان پولۇدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، تونۇر كاۋىپىنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارالدى. ئۇزۇن ئۈستەلگە ئون نەچچە خىل يەرلىك ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم لىق تىزىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى مېۋە ئارقىلىق «بەخت كۈنى» دېگەن چوڭ خەتنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى.
«كىرىمىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن، كەنت نۇرغۇن ياخشى ئاماللارنى ئويلاپ تاپتى.» كەنت ئاھالىسى قەيسەر ئوسمان ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئۈزۈمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تېخنىكلار دائىم ئېتىزلىققا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، ئۈزۈمنى سېتىش يولىدىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، كىرىمىمىز يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتىدۇ.»
بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار قەيسەرنىڭ سۆزىنى دەلىللىدى: بۇ كەنتتە ھۆل ئۈزۈمنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2022 - يىلىدىكى 420 توننىدىن ئېشىپ 2025 - يىلى 3000 توننىغا يەتتى، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش بويىچە يەككە مەيدان سېتىش سوممىسى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى 500 مىڭ يۈەندىن تېز ئېشىپ 1 مىليون 280 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كىچىككىنە ئۈزۈم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىللە ئۆستۈرۈش، بىللە سېتىش، بىللە بېيىشتىن ئىبارەت بېيىش يولىنى تۇتاشتۇردى. ھەر مىللەت ئامما كەسىپ زەنجىرىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ھەميېنىنى تومپايتتى، قەلبى تېخىمۇ بىردەك بولدى.
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، چىراغ نۇرلىرى قىزىل ئانار مەيدانىنى يورۇتتى، ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى قالتىس ئورۇنلاندى. «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى» «گۈل ئېچىلدى جۇڭگودا» قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، ھەر مىللەت ئارتىسلار سەھنىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيەلىدى. سەھنە ئالدىدا ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى يانمۇيان ئولتۇردى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. كەنت ئاھالىسى پەرىدە خالىق ئويۇننى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتىمىزدە پائالىيەت كۆپ، كۆپچىلىك داۋاملىق بىللە ئۆتكەچكە، مېھىر - مۇھەببىتىمىز بارغانسېرى كۈچەيدى.»
سەھەردىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كۈن پېتىش ئالدىدىكى مول ھوسۇل زىياپىتىگىچە، يەنە كېچىدە ياڭرىغان قەلبداشلىق شادلىق ناخشىسىغىچە، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى ئومۇمىي خەلق قاتناشقان بىر مەيدان بەخت كاتتا مەرىكىسى ئارقىلىق، كۆپچىلىككە «بەخت كۈنى»نىڭ ئىللىقلىقىنى ئورتاق ھېس قىلدۇردى.
ئىلگىرىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.8 موغا يەتمەيدىغان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان گۈللىنىش يولىنى تېپىپ چىقتى، كەنت رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 224 مىليون يۈەندىن ئاشقان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆرنىكىگە ئايلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.
يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تابارەك ئەكبەر مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن ئۈزۈم پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، خۇنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملەشكەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلىنى سىجىل پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىشقا يېتەكلەيمىز.»






