تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېچىۋېتىش يېڭى تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

«<15 - بەش يىل>نى باشلاش، قەدەم ئېلىش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 7 - مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئېچىۋېتىش يېڭى تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «<15 - بەش يىل>نى باشلاش، قەدەم ئېلىش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 7 - مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «يىپەك يولى يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىش يېڭى تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» باش تېما قىلىندى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋۇ شياۋبىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم «15 - بەش يىل»لىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.

ۋۇ شياۋبىن مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئاشقان بەش يىل بولدى. جەمئىيەت مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا كۆپ يىل %99تىن ئاشتى؛ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىندى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلغار، نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى كەڭ مەدھىيەلەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئىقتىساد جەھەتتە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن %34.1 ئاشتى، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ناھىيە، شەھەر يەتتىگە كۆپەيدى؛ يورۇقلۇق ۋولت، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر توپىنىڭ ئۈنۈمى گەۋدىلەندى؛ مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىلىرىنىڭ تەسىر كۈچى سىجىل كېڭىيىپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە 10 مىليارد يۈەن دەرىجىدىن 100 مىليارد يۈەن دەرىجىگە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ھازىر، قەشقەر ۋىلايىتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ۋۇ شياۋبىن مۇنداق دېدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ياخشى «ئېشىش قۇتۇپى» بولىدۇ. بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىدۇ؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك سۇپىغا تايىنىپ، ئىستېرېئولۇق ئەشيا ئوبوروتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يول ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، «ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا»نى ئاساس قىلىپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زورايتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.