تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خەلقئارا فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «مەدەنىيلىك ئۇچراشقان سۈرەتلەر» − «يىيۈەن ئاپتوموبىل لوڭقىسى» شىنجاڭ خەلقئارا فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى. مۇسابىقىدە خاتىرە تۈرى ۋە تەبىئەت تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر تەسىس قىلىنىپ، 15 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئەسەردىن 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بەشى، 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن توققۇزى، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 13ى باھالاپ چىقىلدى، مۇكاپات پۇلى ئايرىم - ئايرىم 50 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 560 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

كەنت ئاھالىلىرى تىراكتور ئۈستىدە تۇرۇپ، قىپقىزىل لازىلارنى ئادەمسىز ئۇچقۇ ئارقىلىق يۆتكەپ توشۇۋاتاتتى؛ كىگىز ئۆيدە قىزچاق يان تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ قۇرۇت سېتىۋاتاتتى، ياشانغان كىشى كەينى تەرەپتە سوسكىدا قوزىنى ئېمىتىۋاتاتتى؛ قۇم - بوران چىقىپ تۇرىدىغان چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى چۆللۈك، قۇم بارخانلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى يېشىللىقنى چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە كېڭەيتتى... قاينام - تاشقىنلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىگە تولغان بۇ ھېكايىلەر دەل «مەدەنىيلىك ئۇچراشقان سۈرەتلەر» − «يىيۈەن ئاپتوموبىل لوڭقىسى» شىنجاڭ خەلقئارا فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن گۈزەل شىنجاڭ ئىدى.

شۇ كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالتاي شەھىرىدىن كەلگەن ئېرجان مۇقامەتنىڭ «يايلاقتىكى يېڭى سادا: سۈتنىڭ خۇش ھىدى مىڭ چاقىرىمغا تارالدى» ناملىق ئەسىرى خاتىرە تۈرىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «مەن كىچىكىمدىنلا چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭ بولغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاپام ماڭا ئاپتوماتىك فوتو ئاپپاراتتىن بىرنى ئېلىپ بەرگەنىدى، ھېسابلاپ باقسام سۈرەتكە تارتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 20 نەچچە يىل بوپتۇ. ئىلگىرى مەن دۆلەت ئىچىدىكى فوتو سۈرەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، لېكىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن سەككىز نەپەر باھالىغۇچى بىرلىكتە باھالاشقا تەكلىپ قىلىنىپتۇ، ئۇلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مەن كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى ئۇ.

بورتالا شەھىرىدىكى لى چاڭچىڭنىڭ «تاغ ئۆچكىسى توپى» ناملىق ئەسىرى 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «بۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە يېقىن جايدىكى ھاك خۇمدىنى كېنىدا تارتىلغان، ئۇ جايدا دائىم تاغ ئۆچكىلىرى پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. مەن سۈرەتكە تارتىۋاتقىلى خېلى يىللار بولدى، ھەر يىلى ئىككى - ئۈچ قېتىم بارىمەن. بۇ قېتىم تەلىيىمگە تاغ ئۆچكىسى توپىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولدۇم. يۇرتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلانغاچقا، بىز مۇشۇنداق قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتالىدۇق» دېدى ئۇ.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئەسەر قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگو، رۇسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاللانغان 150 پارچە(دانە) ئەسەر 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا كۆرگەزمە قىلىندى. كۆرگەزمە باشلانغان كۈنىلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

«بۈگۈن ئاپام بىلەن شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىغا داكا قىلغىلى كېلىپ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. سۈرەتلەردىن بىز ئىلگىرى بارغان سايرام كۆلى، ئىلى گۈل دېڭىزىنى كۆردۇق، ئەسەرلەردە خاتىرىلەنگەن دورىلىق چاي تەڭشەش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توي مۇراسىمى بىزنى جەلپ قىلىۋالدى. كېيىنكى سەپىرىمىزدىكى ساياھەت مەنزىلگاھى دەل قەشقەر، تولىمۇ تەقەززا بولۇۋاتىمىز» دېدى ۋۇخەندىن كەلگەن ساياھەتچى «جىڭشۇي».

«شىنجاڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئىنتىلىدىغان جاي، لېكىن خەلقئارا فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىمىز تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش، شىنجاڭنىڭ خەلقئارالىق كەسپىي سۈرەت كۆرگەزمە سۇپىسى بار بولدى، بۇ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.» شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يەن پىڭ مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن سەككىز نەپەر باھالىغۇچى تەكلىپ قىلدۇق، ئىلگىرى بۇ جايدىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئادەتتىكىچە دەپ قارىغان ئاشۇ كۆرۈنۈشلەر سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قىممەتلىك دەۋر گۇۋاھچىسىغا ئايلاندى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، كارىز ئۆرپ - ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونى، يېما خەلقئارا مەنزىرە رايونى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى، قابا ناھىيەسى ئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونى، يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، تارىم توغراقلىق مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت ئون ئورۇنغا «مەدەنىيلىك ئۇچراشقان سۈرەتلەر» − شىنجاڭ خەلقئارا فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئىجادىيەت بازىسى دەپ نام بېرىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ خەلقئارا تارقىتىش مەركىزى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ سۈرەتلىك ژۇرنىلى نەشرىياتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ كوئېنلۇن يىيۈەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى خاس نامدارلىقنى ئۈستىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.