□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇ مېڭشۆ
خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى شاڭخەي خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى بولۇپ، يىراقلارغا سوزۇلۇپ شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، كېچە - كۈندۈز توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ.
تارىخنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇق تومۇرىغا نەزەر سالساق، «پارتىيە بارلىققا كەلگەن جاي»دىن ئىبارەت شەرەپلىك قان تومۇر توختىماي ئېقىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان قان تومۇرى توختىماي سوقماقتا.
يەتتە يىل ئىلگىرى، دەل پۇجياڭ دەرياسى ساھىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شەھەر خەلقنىڭ شەھىرى، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلىشى كېرەك» دېگەن چوڭقۇر ھۆكۈمنى چىقارغانىدى.
7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، پارتىيەنىڭ 105 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئۆتۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە بارلىققا كەلگەن جايغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، شاڭخەينىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا كىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى» قىلىپ ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى روشەن جاكارلاش بولدى.
دەل تومۇز باشلانغان تۇنجى كۈنى، خۇاڭپۇ رايونى بەنسۇڭيۈەن يولى كوچىسىدا، چىنار دەرىخىدە تومۇزغىلار توختىماي چىرىلدايتتى. قاتار - قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالار ئارىسىدا، شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىدىكى تۆت كورپۇس يېپيېڭى كىچىك بىنا پاكىز ۋە ئۆزگىچە ئىدى. قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدىن ئازادىلىك ھېس قىلىدىغان بۇ ماكان كونا قوشنىلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت نۇقتىسىغا كىردى. ئىككى كۆرگەزمە تاختىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، بىرى شاڭخەي شەھىرىنىڭ كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىشتىكى 30 نەچچە يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش «ۋاقىت جەدۋىلى»، يەنە بىرى شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىنىڭ كونا - يېڭى قىياپىتى «سېلىشتۇرما سۈرىتى» بولۇپ، چوڭ شەھەر بىلەن كىچىك ئائىلىدىكى ئۆزگىرىشنى بايان قىلىپ تۇراتتى.
بۇ، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن قىيىن مەسىلە −
ئىلگىرى، شاڭخەينىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى نۇرغۇن ئاھالە ئەتىگەندە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرىپ، كەچقۇرۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئېتىپ، كەچتە ئۆچرەتتە تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، تۈگىمەس ئاۋارىچىلىككە قالغانىدى. مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئاممىۋى ئاشخانىدىكى سۇ ئىشلىتىش كۆلچىكىگە سەككىز جۈمەك ئورنىتىلغان بولۇپ، سۇ ھەققىنى تەڭ چېچىش ئۈچۈن، بەزى ئاھالىلەر ھېساباتنى ئۇدا 30 نەچچە يىل خاتىرىلەپ، بىر نەچچە چوڭ ھېسابات دەپتىرى يىغىلغانىدى. «ماتۇڭنى كۆتۈرۈپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشقا بولمايدۇ!» بۇ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئىلتىماس - تەلەپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر شەھەرنىڭ ئىرادىسى.
بۇ، ئىزچىل ئەستىن چىقارماي كەلگەن كۆڭۈل بۆلۈش −
2007 - يىلى شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ دائىم كوچىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «ئەڭ قىيىن بولغىنى ماتۇڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» دەپ كۆرسەتتى ھەم «كونا رايوننى ئۆزگەرتىشتە چوقۇم ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، پۇقرالار ئەمدى بۇنداق كونا ئۆيلەردە تۇرمۇش كەچۈرسە بولمايدۇ» دەپ تەلەپ قىلدى؛ مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە «بۇ ئىش ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ۋە شەھەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك» «شەھەر قۇرۇلۇشىدا جەزمەن خەلقنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئەمىن ئۆيگە ئىگە قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
خەلققە پايدىلىقلا ئىش بولسا، ھەرقانچە كىچىك ئىش بولسىمۇ جەزمەن بېجىرىش؛ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۇششاق ئىشلاردىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك. كونا تار كوچىدا، سەھەردە ماتۇڭنى تۆككەن، ماتۇڭنى يۇيغان ئاۋازلار يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا - ئاستا يوقالدى، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرى قۇرۇپ چىقىشتا جانلىق ئىزاھات پۈتتى.
ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شاڭخەي كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتقان نەچچە ئون يىلدا، نۆۋەتمۇنۆۋەت ئۇلاپ ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى. مانا بۇ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى. پۇقرالار بىزگە باھا بەرگەندە يەنە بىزنىڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىزدىن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەن - بەرمىگەنلىكىمىزگە، سۆلەتۋازلىق قىلغان - قىلمىغانلىقىمىزغا قارايدۇ.»
زامان - ماكاننى كېسىپ ئۆتكەن ئەكس سادا بىر چوڭقۇر تېمىنى دەلىللىدى: زامانىۋىلىشىشنىڭ ماھىيىتى ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشى، شەھەرنىڭ يادروسى ئادەم. خەلق شەھىرىنىڭ سۈپىتى كۆككە تاقاشقان بىنالارنىڭ ئېگىزلىكىدىلا ئەمەس، بەلكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىللىقلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
تومۇز ئىسسىققا قارىماي، باش شۇجى شى جىنپىڭ پېنسىيەگە چىققان ئاھالە جۇ گولىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يوقلىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىللىق ئۆيى پاكىز ۋە رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان بولۇپ، باش شۇجى تۇرالغۇ ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى.
تۇرمۇشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، جۇ گولى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى: «ئىلگىرى، ئۈچ ئائىلە بىر ئاشخانىنى، ئون ئائىلە بىر ھاجەتخانىنى ئورتاق ئىشلىتەتتۇق، ئۈستۈنكى قەۋەتتە قورۇما قورىسا، ئاستىنقى قەۋەتتە سۇ تامچىلايتتى. ھازىر مۇستەقىل ئاشخانىمىز، ھاجەتخانىمىز بار بولدى، سومكىمىزنى كۆتۈرۈپلا كۆچۈپ كىردۇق، دېرىزە سىرتىدا يەنە كىچىك گۈللۈكىمىز بار، ئىشىكنى ئاچساقلا يېشىللىقنى كۆرىمىز، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇق...»
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «<پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك>، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئائىلە ئىشى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىشى. كوممۇنىستىك پارتىيە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەپ راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىلا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ.»
«تۇرىدىغان جايى بولۇش»تىن «ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۆيى بولۇش»قىچە، بىر تۈرگە بىر تەدبىر، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلقتىن ئۈنۈمنى سوراپ، «كەشتە تىكىش ماھارىتى» بىلەن «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش»نى تۇتۇپ، «ئالىقانچىلىك يەر»دىن پايدىلىنىپ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر «چوڭ ئىشلار»نى قىلدى، كىچىككىنە بوشلۇقتا «ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش»تىن ئىبارەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى.
ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئاچقۇچلۇق بىر نۇقتا نېمە؟
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كوچىسىدىن، شەندۇڭ دېجوۋدىكى يېزا پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگىچە، يەنە بۇ قېتىمقى شاڭخەي ئاھالىلەر رايونىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش»نى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. «ئاساسىي قاتلامغا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان پارتىيە» يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېما بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى بەرپا قىلدى.
«بۇ يىل مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ تەلەيلىك، تولىمۇ بەختلىك بىر يىل بولدى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىدا، مەن شەرەپ بىلەن پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل خاتىرە مېدالىغا ئېرىشتىم، يەنە ئىشىك نومۇرى 105 بولغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم.» جۇ گولىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى چېھرىدىن چىقىپ تۇراتتى.
مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ بوشلۇقى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن پارتىيە رايى ۋە خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان پونكىت ۋە كۆۋرۈك.
«خام - يېڭى يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە تەمىنلەش نۇقتىسى» كۆكتات سېتىۋېلىشتا يىراق يول يۈرمىسەكمۇ بولىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى، «ئىناق قوشنىدارچىلىق كانىيى»غا ئاھالىلەرنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرى پۈتۈلدى، «شەھەر ئاھالىلىرى مېھمانخانا ئۆيى»دە، بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان جاي بار بولدى، ياشانغانلار بىكار بولغاندا تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدى. بۇ جايدا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۆرگىلى بولدى، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇلدى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، بىر قاتار چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى قىلدى −
«كوممۇنىستىك پارتىيە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر بۇ ئەسلىي مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇردى. پۇقرالار نېمىنى ئويلىسا، كوممۇنىستىك پارتىيە شۇنى قىلىدۇ.» «ھەرقانداق ۋاقىتتا پۇقرالارنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. 100 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە، 5 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ھەر قايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشى كېرەك.»
يازنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ دېرىزىسىگە چۈشتى، روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرغان بىر قۇر قىزىل تەگلىكلىك ئاق خەت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى: «يۈز يىللىق ئەسلىي مەقسەت جايى. مۇلازىمەتتىكى نۆل ئارىلىق».
پۇقرالارنىڭ قەلب ساداسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. بۇ جايدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتا شىڭيې يولى 76 - نومۇردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي بار. شىكۇمىندىكى كىچىك بىنا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، قارا سىرلانغان ياغاچ ئىشىك، قىزىل دېرىزە رامكىلىرى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىگەن ئەسلىي مەقسەتنى قوغدىماقتا.
«بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار، شۇنداقلا ناھايىتى ئاددىي، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.» تارىخنىڭ قەلىمى، ئۆزگىرىش دولقۇنىدا دەۋر مۆجىزىسىنى قايتا - قايتا پۈتۈپ چىقتى، شۇنداقلا ئادەتتىكى كوچىلاردا تەسىرلىك جاۋاب قەغىزىنى ئۈن - تىنسىز پۈتمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)






