شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 4تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2 - قارارلىق تۈرى ھەم يۈرۈشلۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى» دېيىلدى)نىڭ مەركىزىي تىزگىنلەش ئۆيىدىكى ئېكراندا پارامېتىر ئەگرى سىزىقىنىڭ يۆنىلىشى مۇقىم بولۇپ، سۆزلىشىش ئاپپاراتىدىن: «ھەرقايسى بۆلەكلەر نورمال» دېگەن ئەڭ ئاخىرقى جەزملەشتۈرۈش ئاۋازى ئاڭلاندى. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى جى ئېكرانغا تىكىلگىنىچە بىر نەچچە سېكۇنت جىمجىت تۇرغاندىن كېيىن، تەنتەنىلىك ھالدا: «بىر قېتىمدىلا ماتېرىيال سېلىپ سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!» دەپ جاكارلىدى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن ماتېرىيال سېلىپ سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقىچە، 22 ئاي ۋاقىتقا 10 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىشلىگەندىكى كۈرەش ئىزنالىرى خاتىرىلىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ نېفىت ئايرىش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىدەك ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.
تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى كورلا شاڭخۇ - چەرچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان. باغچە رايونى ئىچىدە، تارىم نېفىتلىكى قۇرغان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى يېشىل توك چىقىرىپ بۇ قۇرۇلۇشنى بىۋاسىتە تەمىنلەيدۇ.
«پارچىلانغان گازنى پىرېسلىغۇچ، ئېتىلېن ئارقىلىق سوۋۇتۇپ پىرېسلىغۇچ، پىروپىلېن ئارقىلىق سوۋۇتۇپ پىرېسلىغۇچ ئېتىلېن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈچ <يۈرىكى>، نۆۋەتتە ساھە ئىچىدە ئىزچىل يۇقىرى بېسىملىق پار ئارقىلىق بۇ <يۈرەك>لەرنىڭ سوقۇشى قوزغىتىلىۋاتىدۇ، تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىدا يېشىل توك ئارقىلىق قوزغىتىش قوللىنىلدى، بۇ، دۇنيا بويىچە 2 - يۈرۈش، جۇڭگودىكى تۇنجى يۈرۈش مۇستەقىل تېخنىكا قوللىنىلغان ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈچ پىرېسلىغۇچ توك بىلەن قوزغىتىلىدىغان قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىش 1 - بۆلۈمىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋەن جياچۈەن.
تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىدا دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى كاربون تۆت ئوكسىدىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماشىنىدا يىغىۋېلىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، ئەسلىدە ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان پارچىلاش پېچىدىن چىققان ئىس - تۈتەك تەركىبىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى كاربون تۆت ئوكسىدىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يىغىۋېلىش يولغا قويۇلۇپ، «يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش + كاربوننى يىغىش + كۆك ھىدروگېن + كۆك ئاممىياك + يېشىل خىمىيەۋى ئوغۇت»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا يېپىق ھالقىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، كاربون تۆت ئوكسىدى، قوشۇمچە ھاسىل بولغان ھىدروگېن گازىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىپ تەكرار پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئادەتتە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە قويۇپ بېرىلگەن ئىس - تۈتەك تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇقى %80تىن ئاشىدۇ، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭكى تەخمىنەن %15 بولىدۇ، لېكىن تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىدا قويۇپ بېرىلگەن ئىس - تۈتەكتىكى كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇقى تەخمىنەن %8. «ئىس - تۈتەك تەركىبىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدىنى تولۇق يىغىۋېلىش خۇددى شىفەندىن گۈرۈچ سۈزۈۋالغانغا ئوخشاش بولۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى» دېدى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىش 6 - بۆلۈمى كاربون تۆت ئوكسىدى يىغىش قۇرۇلمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىليەن.
تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىدا تەبىئىي گازدىن ئايرىپ ئېلىنغان ئېتان خام ئەشيا قىلىنىدۇ، 1100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پارچىلىنىپ ئېتىلېن ھاسىل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوشۇمچە ھىدروگېن گازى ھاسىل بولىدۇ، ھىدروگېن گازى ھاۋادىن ساپلاشتۇرۇپ ئېلىنغان ئازوت گازى بىلەن بىرىكتۈرۈلۈپ ئاممىياك ھاسىل قىلىنىدۇ، ئاممىياك يەنە ئىس - تۈتەكتىن يىغىۋېلىنغان كاربون تۆت ئوكسىدى بىلەن بىرىكىپ يېشىل ئورىياغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ھەم كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ھەم «كېرەكسىز نەرسىنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 1 مىليون 370 مىڭ توننا كاربوننى ئاز قويۇپ بېرىش مۆلچەرلەندى، بۇ، 5 مىليون 480 مىڭ مو ئورماننى يېڭىدىن كۆپەيتكەنگە باراۋەر. «بۇ، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشتىكى ئۈلگە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى تۇنجى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە تاشقاتما يېقىلغۇ قىلىنمايدۇ، پۈتۈن زەنجىردە ئاساسەن بۇلغىما قويۇپ بېرىلمەيدۇ» دەپ بىلدۈردى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى خىمىيە سانائىتى ۋە مۇھىت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋېي چياڭ.






