چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە قانۇنچىللىق ئەۋزەللىكىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارغا كىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى كىتابلىرىنى ئالاھىدە ساقلاش ئامبىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتى ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى.
ئارقىدىن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بەنزە ئەزالىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مىللەت - دىن - تاشقى ئىشلار - خۇاچياۋلار كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم قانۇن تەدبىرى. بۇ قانۇننى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇشنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بارلىق ئىسلاھات - تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، بىرلىكنى قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچەپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزامى، سىياسەت ھۆججىتى قاتارلىقلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يولغا قويۇشقا تەشكىللەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، مەمتىمىن قادىر، پۇ شۆمېي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.






