− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي
خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئېقىنى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، كۆز يەتكۈسىز دۇڭخەي دېڭىزى ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلەپ تۇرىدۇ. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تومۇز ئىسسىققا قارىماي، شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى بىر ئەمەلىي ئىش − شەھەر يېڭىلاش داۋامىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە، شاڭخەيگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىيىن نۇقتىلارنىڭ بىرى ئاھالىلەرنىڭ «ماتۇڭنى كۆتۈرۈپ تۆكۈش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى.
يولداش شى جىنپىڭ 2007 - يىلى شاڭخەيگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندا، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، «كېلىپلا ئۇنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن». ئۇ چاغلاردا، ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا دائىم كونا ئولتۇراق رايونلارغا بېرىپ ئايلىنىپ، «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن.
يەرلىكتىن مەركەزگىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ غېمى ۋە ئارزۇسىنى باش شۇجى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. ۋاقىت 2025 - يىلى 9 - ئايغا كەلگەندە، نەچچە ئون يىل كۈچ ئۇلاپ ئىشلەش ئارقىلىق، شاڭخەيدىكى مىليونلىغان ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ مەيدان خەلق تۇرمۇشى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، «ماتۇڭنى كۆتۈرۈپ تۆكۈش» مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.
ياز كۈنى چۈشتىن كېيىن، پىژغىرىم ئاپتاپتا تومۇزغىلار چىرىلدايتتى. خۇاڭپۇ رايونىدىكى بەنسۇڭيۈەن يولى كوچىسى شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا تۇرالغۇنىڭ يېڭى قىياپىتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ، خەلق قەلبىدىن ئارزۇ قىلغان ئىش، شۇنداقلا مەن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىش.»
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش: مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت نۇقتىسى
بۈگۈنكىنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ ئىلگىرىلەش
مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت نۇقتىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىغا كەلدى. سۈرەتلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، مەھەللىنىڭ بۈگۈنكىنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرى ئىخچام ئىپادىلەنگەنىدى.
ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى، ئاشخانا ئوپچە ئىشلىتىلەتتى، ھاجەتخانا ئورتاق ئىشلىتىلەتتى، ھەممە ئائىلىدە تۈكۈرۈك قاچىسى بار ئىدى. قالايمىقان سۇ ئوقۇرى، كۆمۈر گازى ئوچىقى، توك سىمى، لامپۇچكا، يەنە چۆمۈچ، تام سۇۋىقى، ھەتتا يامغۇرلۇق كۈنلەردىكى كۆكىرىپ قالغان داغلار... سۈرەتلەرگە قاراپلا شۇ چاغدىكى قىيىنچىلىق ۋە ئامالسىزلىقنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.
ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مۇستەقىل ئاشخانا، ھاجەتخانا بار بولدى، دېرىزىلەر پاكىز يورۇپ كەتتى؛ لىفىت ئورنىتىلدى، كىرىپ چىقىش قولايلاشتى؛ مەھەللە مۇھىتى پاكىز ھەم تەرتىپلىك بولدى؛ كىچىك باغچىلار يېشىللىققا پۈركەندى.
خۇاڭپۇ رايونى پۈتۈن شەھەردىكى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا خىرىس ئەڭ چوڭ مەركىزىي شەھەر رايونى ئىدى. قىيىنلىق دەرىجىسى «ئالىقانچىلىك يەردىن پايدىلىنىپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش»تا بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ «ئارزۇسى» بىلەن تارىخىي ئىمارەتلەرنى «قوغداش»قا تەڭ ئېتىبار بېرىشتە، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا ئىدى ...
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىكى جاپانى چوڭقۇر بىلەتتى، ئۇ ئەتراپلىق كۆزىتىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۇتقا، خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ئۈنۈم سوراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك».
«خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرىدۇ، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەيدۇ»دىن ئىبارەت خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى دەل يەتتە يىل ئىلگىرى باش شۇجى شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ قېتىم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كونا ئولتۇراق رايونلارغا بېرىپ نەق مەيداننى كۆرۈپ، كۆڭلى تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى. باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەھەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرى قۇرۇپ چىقىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، شەھەرلەردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش مۇھىم ھالقا.»
مۇلازىمەت نۇقتىسىدا، باش شۇجى خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
«سىز <ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەسلىھەتچىسى> ئىكەنسىز، ئاساسلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟» باش شۇجى ئۈستەلدىكى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بىر نۇسخا مۇلازىمەت تىزىملىكىنى كۆرۈپ، قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ چىقتى.
«مەھەللىدە ياشانغانلار %40نى ئىگىلەيدۇ. بىخەتەرلىك تۇتقۇچى ئورنىتىش، يەر يۈزىنى تېيىلىشتىن ساقلىنىدىغان قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر» دېدى مەھەللىدىكى يولداش.
20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا باشلانغان شاڭخەيدىكى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش بىر تۈرلۈك زور، سىستېمىلىق، ئۇزاق مەزگىللىك ھەم مۈشكۈل قۇرۇلۇش.
1992 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە، 3 مىليون 650 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى خەتەرلىك كەپە ئۆي، ئاددىي ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى؛
2001 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، تۇتاش كەتكەن 2 - دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كونا ئۆيلەر يىغىۋېلىندى، كۆچۈرۈلدى؛
2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، تۇتاش كەتكەن كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى؛
2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، 14 مىڭ ئائىلىنىڭ «ماتۇڭنى كۆتۈرۈپ تۆكۈش»ىنى ئۆزگەرتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىندى.
30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توختاپ قالمىدى، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن چېكىنمىدى. كۈنمۇكۈن ئەجىر سىڭدۈردى، يىلمۇيىل ئىلگىرىلىدى، ئۆيمۇ ئۆي ھەل قىلىپ، بىر سۇڭ بىر سۇڭدىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئۇششاق قىيىن مەسىلىلەرنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەل قىلدى، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جاۋاب بەردى.
«شاڭخەي كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى نەچچە ئون يىل ئالغا سىلجىتىپ، نۆۋەتمۇنۆۋەت ئۇلاپ ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى. مانا بۇ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى. پۇقرالار بىزگە باھا بەرگەندە يەنە بىزنىڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىزدىن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەن - بەرمىگەنلىكىمىزگە، سۆلەتۋازلىق قىلغان - قىلمىغانلىقىمىزغا قارايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «پۇقرالارنىڭ ئىشى چوڭ ئىش. شاڭخەيدىكى چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ئۆزگەرتىش، بېيجىڭدىكى خۇتۇڭلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىشلار. داۋاملىق ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك!»
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش: ئاھالە جۇ گولىنىڭ ئۆيى
خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسى ۋە سۆزلەر تەسىراتى
پېنسىيەگە چىققان ئاھالە جۇ گولىنىڭ قارىشىچە كىشى خۇشال بولسا روھى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ.
69 ياشلىق جۇ گولى مۇستەقىل ھاجەتخانىسى يوق كونا ئۆيدە ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۆتكۈزدى. بۇ ئىككى يىلدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ ئۆزگەرتىپ بەردى، بۇ يىل 4 - ئايدا كۆچۈپ كىردى، ئۇ يېڭى ئۆيىنى پاكىز يىغىشتۇرۇۋالدى، تۇرمۇشى ھەر كۈنى ئىللىقلىققا تولدى.
«باش شۇجى، سىزنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ مېھمان بولۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرۈپ، جۇ گولى كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلدى.
ئىشىكتىن كىرگەندە سول تەرەپتە ئاشخانا بار ئىدى. باش شۇجى كۆرگەچ، جۇ گولىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى: «ئىلگىرى ئۈچ ئائىلە بىر ئاشخانىنى ئورتاق ئىشلىتەتتۇق. ھازىر، بۇس تارتقۇ، گاز ئوچاقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق.»
ئوڭ تەرەپتە تازىلىق ئۆيى بار ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن كۆرۈپ: «بۇ ئەڭ مۇھىم ھالقا» دېدى.
جۇ گولى قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭ تازىلىق ئۆيى بار بولدى، بىز كوممۇنىستىك پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئىلگىرى ئون ئائىلە بىر تازىلىق ئۆيىنى ئورتاق ئىشلىتەتتۇق، يۇيۇنغاندا سۇ قاينىتىپ ياتاق ئۆيدىلا يۇيۇناتتۇق، ئۇ كۈنلەرنى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزگەنىدۇق!»
يەنە ئالدىغا ماڭغاندا ياتاق ئۆي، يەنە بىر كىچىك بالكون بار، گەرچە كىچىك بولسىمۇ، شارائىتى تولۇق ئىدى. باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ئىخچام ئىكەن، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇۋاپىق بوپتۇ.»
«ئۆتكۈنچى مەزگىلدە قەيەردە تۇردىڭىز؟» «ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ياردەم پۇل تەخمىنەن قانچىلىك؟» «ھازىر مەھەللە مۇلازىمىتىگە قارىتا يەنە قانداق تەلىپىڭىز بار؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي سورىدى.
جۇ گولى بىر - بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا باغچە بار، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى بەختلىك. بۇ يىل، مەن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم، يەنە پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىلنى ئۆتكۈزدۈم.»
باش شۇجى ئۇلاپلا مۇنداق سورىدى: «خاتىرە مېدالىنى ئالدىڭلارمۇ؟ بۇ يىل، پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى.»
«خاتىرە مېدالىنى ئالدىم! مېنىڭ ئىشىك نومۇرىممۇ 105!» جۇ گولى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى، ئۆيدە كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى.
«ئىلگىرى نەۋرە قىزىم كەلسە، ھاجەت قىلغۇدەك جايمۇ يوق ئىدى. ھازىر بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئوغلۇم، كېلىنىم، نەۋرە قىزىم كېلىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە بولغاچقا بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشىمىز بار بولدى».
باش شۇجى بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ پېنسىيە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلەڭلارنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».
بىنانىڭ سىرتىدا، ھويلا - ئارانلار رەتلىك، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان بولۇپ، باشنى كۆتۈرسىلا كۆپكۆك ئاسماننى كۆرگىلى بولاتتى.
باش شۇجى ماڭغاچ، مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ئاھالىلەر رايونىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ: «ئوت مۇداپىئەسى يوللىرى راۋانمۇ؟» «توكسىكلىتنى ھازىر ئائىلىلەرگە ئەكىرمەيدىغاندۇ؟» دەپ سورىدى.
«<پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك>، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئائىلە ئىشى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىشى. كوممۇنىستىك پارتىيە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىلا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ.»
كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، شەھەر يېڭىلاش دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلە. دۆلىتىمىز «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش»تىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە، «ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش»تىن ئىبارەت ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىگە ئىگە، تېخىمۇ مۇھىمى «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىگە ئىگە: «پەقەت بىر ئائىلە ھەتتا بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، بىز خاتىرجەم بولالمايمىز».
مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بار: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى 240 مىڭدىن ئارتۇق كونا ئولتۇراق رايون ئۆزگەرتىلىپ، 40 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلە، 110 مىليون ئادەم نەپكە ئېرىشكەن.
مۇنداق بىر پىلان بار: «15 - بەش يىل»غا قەدەم قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك شەھەر يېڭىلاشتىكى تۇنجى مەخسۇس يىرىك پىلان بولۇش سۈپىتى بىلەن «شەھەر يېڭىلاش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»دا يېڭى ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى بېكىتىلدى.
يىللار ئۇزاق ئېقىنىغا نەزەر سېلىش. فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ تومۇز ئىسسىقتا فۇجوۋ شەھىرىنىڭ ساڭشيا مەھەللىسىگە بېرىپ، قاسقانغا ئوخشايدىغان ياغاچ تاختاي ئۆيگە كىردى. ئۇ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كادىرلارغا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك بىلەمسىلەر، نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتنى تاللاپ كەپىلىك رايونلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز؟ مەقسەت كۆپچىلىككە پۇقرالارنىڭ دەردىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇپ كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش.» مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يولىدا، ئۇ كونا ئولتۇراق رايونلارغا قايتا - قايتا چوڭقۇر چۆكۈپ، «بىر تەرەپتە ئېگىز بىنالار، بىر تەرەپتە مەينەت، قالايمىقان، ناچار كەپىلىك مەھەللىلەر بولسا بولمايدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى قالدۇردى، قىش كېتىپ ياز كەلدى، ئىشلار پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى.
«خەلقنىڭ غېمى جەزمەن بىزنىڭ غېمىمىز؛ خەلقنىڭ ئارزۇسى جەزمەن بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز.» بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇرچى ۋە ھېسسىياتى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش: مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت پونكىتى
ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تاۋلاش
شەھەر ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت پونكىتىدا، خەلققە قولايلىق كۆكتات يايمىسىدىكى مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ تۈرى مول، ياپيېشىل ھەم يېڭى ئىدى.
ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە، كىچىككىنە كۆكتات چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئوبوروت قىلىنىشى، باھاسى قاتارلىقلارنى سورىدى.
ئۇ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى بىر بۆلەك ئىشنى ئەسلىدى. ئەينى چاغدا، ئاممىنىڭ «يېڭى كۆكتات» يېيىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، فۇجوۋ مەخسۇس بازار قۇرۇپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى كۆكتاتلارنى شەھەرگە كىرگۈزۈشكە قولايلىق ياراتتى.
«قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئىدارە قىلىشقا سەل قاراش»تەك ئەنئەنىۋى تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش ھەرگىزمۇ بىردەملىك ئەجىر بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ. بۇلتۇر ئېچىلغان مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ تېما ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش - تەمىنلىيەلمەسلىك شەھەرنىڭ ئولتۇراقلىششقا ماس كېلىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ.»
پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت پونكىتىدا «شەھەر ئاھالىلىرى مېھمانخانا ئۆيى» بار بولۇپ، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار بىر يەرگە جەم بولدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە باش شۇجىغا مەھەللىدىكى يېڭى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.
ياش چېن ۋېيپىڭنىڭ بۇ جايدا مەھەللە خىزمەتچىسى بولغىنىغا ئالتە يىل بولدى، ئۇ جانلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى باشلانغاندىلا ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بەردۇق، ئاھالىلەر نۇرغۇن ياخشى چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دەسلەپتە ئۆينىڭ لايىھە خەرىتىسىدە كىيىم يېيىش جازىسى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانىدى، ئاھالىلەرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش جەريانىدا ھەر بىر ئائىلىگە ئۇزارتقىلى - قىسقارتقىلى بولىدىغان كىيىم يېيىش جازىسى ئورنىتىپ بەردۇق.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كىيىملەرنى بامبۇك خادىغا ياياتتىڭلار، شۇنداقمۇ؟ ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى يول بويى كۆرۈپ كەلدىم، تېخىمۇ قولايلىشىپتۇ ۋە گۈزەللىشىپتۇ.»
باش شۇجى «ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش» ئۇسۇلىنى ناھايىتى مۇئەييەنلەشتۈردى: «ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش كېرەك. ئاممىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە قاراش، كادىرلار ئۆزىنىڭ قۇرۇق پەرىزىگە تايانماسلىقى كېرەك، قارىماققا ئامما ئۈچۈن ئويلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەگەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىسە، نەتىجىسى تۈپتىن ماس كەلمەيدۇ.»
مەھەللە شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاساسىي بىرلىك. ئۆي سالغاندا ئالدى بىلەن ئۇلنى ياخشى سېلىش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئويلاندى: «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاھالە كومىتېتى، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ماسلىشىپ يۈرۈشۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مۇكەممەل مەھەللە ۋە خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاھالىلەرگە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك.»
دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشتا. «ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەش»نى نەزەردە تۇتۇپ، باش شۇجى مۇنداق ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى پۇختىلىغاندا، پۇقرالار بىلەن تېخمۇ راۋان ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ.»
«شەھەر ئاھالىلىرى مېھمانخانا ئۆيى» ئىللىقلىققا تولدى. ئالقىش ساداسى، كۈلكە ساداسى، پۇقرالارنىڭ قەلب ساداسى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇراتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر بۇ ئەسلىي مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇردى. پۇقرالار نېمىنى ئويلىسا، كوممۇنىستىك پارتىيە شۇنى قىلىدۇ.»
يىراقلارغا نەزەر سېلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىش: «ھەرقانداق ۋاقىتتا پۇقرالارنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. 100 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە، 5 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشى كېرەك.»
105 يىل ئىلگىرى، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بۇ شەھەردە، خەلقنى قەلبىگە پۈككەن بىر تۈركۈم باشلامچىلار ئۇزاق مۇساپىلىك تارىخىي قەدەمنى باستى. يول بويى ئىلگىرىلەپ، زەپەر مارشى ياڭراتتى، «خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولۇش» 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بۇ چوڭ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
مەھەللىدىن ئايرىلىپ، ئاپتوموبىل ماشىنىلار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان شەھەر كوچىلىرىغا كىردى. بۇ جايدا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ جايدا خەلق شەھىرىگە مەنسۇپ دەۋر سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)






