ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يۈسۈپنىڭ كىچىك ئالتۇن قازان تېز تاماقخانىسى تىجارەتنى باشلىۋەتتى، دۇكاندىكى ئۈستەل-ئورۇندۇقلار پاكىز سۈرتۈلگەن بولۇپ، ئۇ تۇغقانلىرى بىلەن دۇكاندا ئالدىراش ئىدى. شۇ كۈنى 100دىن ئارتۇق پولو زاكازى تاپشۇرۇۋېلىنغاچقا، بۇ كىچىك دۇكان ئادەتتىكىدىن بالدۇرراق تىجارەت باشلىغانىدى.
پولوخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرگەندە كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئۇنىڭ ئېگىز بويلۇق بىر ئەر بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ئېسىلغانىدى. سۈرەتتە ئىككىيلەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا چىملىقتا يانمۇيان ئولتۇراتتى. ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ۋاڭ شياۋ، قارامتۇل، ئورۇق بولۇپ، كۆزلىرىدىن مۇلايىملىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ سۈرەتنىڭ ئارقىسىدا مۇنداق بىر ھەقىقىي قېرىنداشلىق مېھرى بار ئىدى.
1992-يىلى، ۋاڭ شياۋ ئۆزى يالغۇز خېنەندىن شىنجاڭغا كەلگەندە، ئاياغ سۈرتۈپ باقتى، گاز تۇڭى توشۇپ باقتى، ئۇ ئىشنى ئارقا ئاشخانىدا كىچىك ياردەمچى بولۇپ ئىشلەشتىن باشلاپ، ئىزچىل جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ئىلگىرىلەپ ئاشپەزلەر باشلىقى بولدى، ئاندىن ئۆزى دۇكان ئېچىپ، ئاشخانىنى ھۆددىگە ئالدى، قاراماي شەھەرلىك چۇاڭچى يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنى قۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا 400دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار، 31 ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان زەنجىرسىمان كارخانا قۇردى.
يامغۇردا قالغان ئادەم باشقىلار ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇشنى تېخىمۇ بىلىدۇ. ۋاڭ شياۋنىڭ نەزىرىدىكى بايلىق پۇل ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىدى. ھەممە بىر مەقسەتتە بولغاندىلا، ئاندىن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولاتتى.
بۇ سۆز يۈسۈپنىڭ ۋۇجۇدىدا جانلىق دەلىللەندى. يۈسۈپ ئون نەچچە يىل ئىلگىرى قارامايغا تۇنجى قېتىم كەلگىنىدە، ۋاڭ شياۋنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىگەنىدى.
يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «مىجەزىم سەل ئالدىراڭغۇ. ئىلگىرى ئاشپەزلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، مەن مۇلازىمەتچىنى ئاشخانىغا كىرىپ ياردەملىشىشكە بۇيرۇغانىدىم، دەل شۇ چاغدا دۇكاننى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ۋاڭ شياۋغا ئۇچراپ قالدىم. ۋاڭ شياۋ ماڭا ھەر بىر ئىش ئورنىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدىغانلىقى، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ تاماق ئېتىدىغان ئورۇنغا كىرىپ مەشغۇلات قىلسا قاملاشمايدىغانلىقىنى تاپىلىدى».
«ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتىم، ياش ھەم ئىش ئۇقمايدىغان ۋاقىتلىرىم بولغاچقا ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ: نېمىشقا مېنى باشقۇراتتىڭىز، دېدىم. ۋاڭ شياۋ مېنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىمغا قاراپ سەۋرچانلىق بىلەن داۋلى سۆزلەپ، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ماڭا جاھاندارچىلىق قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن گاڭگىراپ قالسام ۋاڭ شياۋنى ئىزدەپ بارىدىغان بولدۇم، ۋاڭ شياۋمۇ مېنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئىشەنچلىك يول باشلىغۇچۇمغا ئايلاندى».
«ئىككىمىزنىڭ كەچۈرمىشى ئوخشاش، ھەر ئىككىمىز قۇرۇق قول ناتونۇش شەھەرگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالايتتىم». ۋاڭ شياۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىلى ئۇ باشقىلارنىڭ ياردىمى، كۆرسەتمىسى بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن ئىكەن.
2018-يىلى يۈسۈپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، قەشقەردە بىر پولوخانا ئاچتى، ئۇنىڭ ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا، پولوخانىنىڭ سودىسىمۇ خېلى ياخشى بولدى.
بىر قېتىم ۋاڭ شياۋ قەشقەرگە كاماندىروپكىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ دۇكىنىغا كەلدى، پاراڭلاشقاندا ۋاڭ شياۋ دۇكىنىدا ئاشپەز كەمچىل ئىكەنلىكىنى، مۇۋاپىق ئادەم تاپالمىغانلىقىنى مۇنداقلا تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ قارامايغا بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى، ئالدىراپ ماڭغاچقا، پولوخانىنى تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
«ۋاڭ ئاكام مەن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا مېنى ئېلىپ قالغان، ماڭا ھۈنەر ئۆگەتكەن، ھازىر ئۇ خادىمغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، مېنىڭ كارىم بولمىسا بولمايدۇ»، دېدى يۈسۈپ.
ۋاڭ شياۋ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ، دۇكاننى ئۆتۈنۈپ بېرىپ زىيان تارتقان 30 مىڭ يۈەننى ئۇنىڭغا تولۇقلاپ بەردى، «مەن قېرىندىشىمنىڭ ماڭا ياردەم قىلىمەن دەپ زىيان تارتىشىغا يول قويمايمەن».
ۋاڭ شياۋ يۈسۈپكە ئازادە ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ بېرىپ، ئىجارە ھەققىنى تۆلەپ بەردى، يۈسۈپنىڭ خوتۇنىنى شىركەتنىڭ ئارقا سەپ ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىسىغا مەكتەپ ئالاقىلىشىپ بەردى ... يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ قارامايغا قايتىپ كەلدى، بالىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ياتاقتا يېتىش، خوتۇنىنىڭ خىزمىتى ۋاڭ شياۋنىڭ ياردىمىدە بىر-بىرلەپ ھەل قىلىندى.
2023-يىلى ۋاڭ شياۋنىڭ دۇكىنىدا خادىم يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، يۈسۈپنىڭ كۆڭلىدىكى «لوبەن بولۇش ئارزۇسى» يەنە بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ قارامايدا ئۆزىگە تەۋە بىر ئاشخانا ئاچماقچى بولدى. لېكىن دۇكان ئېچىشقا 180 مىڭ يۈەن كېتىدىغان بولۇپ، يۈسۈپنىڭ ئاران 20 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلى بار ئىدى.
ۋاڭ شياۋ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۈسۈپكە 160 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەردى. بۇ پۇلنىڭ قەرز ھۆججىتى، ئۆسۈمى، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى يوق ئىدى، «ئۇ ئىگىلىك تىكلىسە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، مەن چوقۇم ئۇنى قوللىشىم كېرەك».
«كىچىك ئالتۇن قازان تېز تاماقخانىسى» مانا مۇشۇنداق ئېچىلدى. تىجارەت باشلىغان كۈنى ۋاڭ شياۋ كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان كونا خېرىدارلىرىغا يۈسۈپنى تونۇشتۇردى. يۈسۈپ تاماقخانىنىڭ تېمىغا ئالايىتەن ھېلىقى خاتىرە سۈرەتنى ئېسىپ قويدى.
بۈگۈنكى كۈندە، يۈسۈپنىڭ كىچىك ئالتۇن قازان تېز تاماقخانىسىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى، ئىنىسى، سىڭلىسى، سىڭلىسىنىڭ ئېرى ... ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلىرىنى قارامايغا ئېلىپ كەلدى، بەزىلىرى ئۇنىڭ دۇكىنىغا ياردەملەشتى، يەنە بەزىلىرى ۋاڭ شياۋنىڭ شىركىتىدىن خىزمەت تاپتى.
«ۋاڭ ئاكام ئەينى يىلى ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا، مەن ھازىر ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن». يۈسۈپ ئاشخانىدىكى ئالدىراش ياشلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنى تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلىدىم، ھۈنەر ئۆگەتتىم. ئۇلار ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى دۇكان ئاچماقچى بولسا، مەنمۇ قوللايمەن».






