تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كونا كىتابلار ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە ئالماشتى، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا سالقىنلىق ھەمراھ بولدى  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ مەيدان پائالىيىتى مۇھىت ئاسرىدى ھەم كۆڭۈلدىكىدەك بولدى

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋدىكى جياڭلەيچېڭ شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتىدا، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ جياڭلەيچېڭ شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان، يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. تىيانشان رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «كونا كىتابلارنى ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە ئالماشتۇرۇش. پونكىتنى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولدۇرۇش» پائالىيىتى بۇ يەردە باشلىنىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، ۋەيمەي توشۇغۇچىلار، تېز يەتكۈزگۈچىلەر ھەم كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نۇرغۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتلىرىدا بۇ پائالىيەتنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى.

   پائالىيەتتە «ئۈچ كونا كىتابنى بىر تەشتەك ياپيېشىل ئۆسۈملۈككە ئالماشتۇرۇش» ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى، كۆپچىلىك كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان كىتابلارنى ئىئانە قىلىپ، ئىشلەتمىگەن كىتابلارنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇردى. بۇ، تومۇز ئىسسىققا توغرا كەلگەچكە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بىلەن «يازدا سالقىنلىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرگە مەدەنىيەت غەمخورلۇقى ۋە يازدىكى سالقىنلىق يەتكۈزدى.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ جياڭلەيچېڭ شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆتىڭىدە، كۆپچىلىك «كونا كىتابلارنى ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە ئالماشتۇرۇش»پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ جياڭلەيچېڭ شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتىدا، كۆپچىلىك «كونا كىتابلارنى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ جياڭلەيچېڭ شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتىدا، كۆپچىلىك «كونا كىتابلارنى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ جياڭلەيچېڭ شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتىدا، كۆپچىلىك «كونا كىتابلارنى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.