ئاپتورلار: سۇبو، نۇر ئەخمەت ئەمەر، ساۋ يۆ
7-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئىللىق پەسىلنى كۈتۈۋالدى، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى، ياۋا قوتاز، شىزاڭ بۆكىنى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئەركىن چېپىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈر توپىنىڭ سانى مۇقىم ئېشىپ، نۇرغۇن ئەتىۋارلىق قۇشلار بۇ يەردە ئۇۋا ياساپ كۆپىيىپ، ئېگىزلىكتىكى جانلىقلار زەنجىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






