تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

خەيرىلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى | ھەر كۈنى تېز سۈرئەتتە 6000 قەدەم ماڭسىڭىز ياخشى ئۈنۈم كۆرەلەيسىز

    ھەر كۈنى تېز سۈرئەتتە 6000 قەدەم ماڭسىڭىز ياخشى ئۈنۈم كۆرەلەيسىز

 ئاستا مېڭىپ سەيلە قىلغاندا يۈرەك رىتىمى كۈچىيىپ كەتمەيدۇ، سەرپ قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئولتۇرغاندىن ئازراقلا كۆپ بولىدۇ. چېنىقىش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن، «تېز مېڭىش»قا توغرا كېلىدۇ: نەپىسى تېزلەشكەندەك ھېس قىلىش، ئازراق تەرلەش، گەپ قىلالايدىغان، لېكىن ناخشا ئېيتالمايدىغان ھالەتتە تېز مېڭىش كېرەك. مىنۇتىغا 110 قەدەمدىن 130 قەدەمگىچە ماڭغاندا مۇۋاپىق بولىدۇ. ھەر كۈنى جەمئىي 6000 قەدەم ماڭغاندا (بۇنىڭ ئىچىدە 3000 قەدەم تېز ماڭغاندا) يۈرەك، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى، بەدەندىكى ماينى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئىشقا بېرىش يولىدا بىر بېكەت بۇرۇن چۈشۈپ پىيادە ماڭسىڭىز، چېنىقىش ۋەزىپىڭىزنىڭ يېرىمىنى ئورۇندىيالايسىز.

  مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

  بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ

  لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن

  يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.