تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋېيشىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: بىراقلا چۈشۈرۈۋېتىلدى

يېقىندا

ۋېيشىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ

قائىدىگە خىلاپ 100گە يېقىن مىكرو، قىسقا تىياتىرنىڭ توردىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى

ھەمدە قائىدىگە خىلاپ كىچىك پىراگراممىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

قائىدىگە خىلاپ مىكرو، قىسقا تىياتىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

(2026-يىلى 6-ئاي)

  دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپىگە ئاساسەن، سۇپا چاكىنا، زىيانلىق مىكرو، قىسقا تىياتىرلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان مىكرو، قىسقا تىياتىر، كىچىك پىروگراممىلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. سۇپا يەنە ھەقىقىي ئادەم رول ئالغان مىكرو، قىسقا تىياتىر، باشقا كارتون تۈرىدىكى مىكرو، قىسقا تىياتىر ۋە AIدا ئوبرازلاشتۇرۇلغان ھەقىقىي ئادەملەر رول ئالغان مىكرو، قىسقا تىياتىرلارنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى، ئىجادىيەت تەلىپى ۋە تارقىتىش تەرتىپىنى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي-روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يېقىندا سۇپا چارلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق، بىر قىسىم مىكرو، قىسقا تىياتىرلاردا ناچار قىممەت قارىشى يۆنىلىشىدىكى مەزمۇن ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى تەلەپ ھەمدە «تېڭشۈن ۋېيشىن يۇمشاق دېتالى ئىجازەت مۇلازىمەت كېلىشىمى» «ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى تىجارەت قائىدىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۇپا بەلگىلىمىگە خىلاپ 100گە يېقىن مىكرو، قىسقا تىياتىرنى توردىن چۈشۈرۈۋەتتى، بۇلار قىممەت قارىشى يۆنىلىشى توغرا بولمىغان، سۈپەتسىز بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇپا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ساقلانغان كىچىك پىروگراممىلارنىمۇ بىر تەرەپ قىلدى.

   بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر قىسىم تىياتىر ئىسىملىكى ئاشكارا ئېلان قىلىندى:

   بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر قىسىم كىچىك پىراگراممىلار ئاشكارا ئېلان قىلىندى:

  كېيىنكى قەدەمدە، ۋېيشىن مىكرو، قىسقا تىياتىر تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىجىل يېتەكلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ توردا تېخىمۇ پاكىز بولغان كۆرۈش-ئاڭلاش بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

 «شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.