تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىچىككىنە چىگىت قانداق قىلىپ 600 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى يارىتالىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

7 - ئايدىكى ساۋەن، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كېۋەزلىكلەر دەل چېچەكلەش، غوزىلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تۇتاش كەتكەن ياپيېشىل كېۋەزلىكلەر ئۇپۇققا سوزۇلغانىدى. ئادەمسىز ئۇچقۇ ساۋەن شەھىرىدىكى بىر سانائەت باغچە رايونىدىن كۆتۈرۈلدى، كامىرا ئىكرانىدا، بىر ئاق رەڭلىك زاۋۇت ئۆيى كېۋەزلىك بىلەن چۆللۈك ئارىسىدا جىمجىت تۇراتتى − زاۋۇت رايونىدىكى چىگىتلەر تاغدەك دۆۋلەنگەن بولۇپ، يەتكۈزۈش تاسمىسى توختىماي ئايلىنىپ تۇراتتى، دانە - دانە چىگىتلەر سېخقا يەتكۈزۈلۈپ، «توپا مونەك»تىن «ئالتۇن مونەك»كە ئۆزگىرىش جەريانىنى باشلىدى.

بۇ جاي ساۋەندىكى چىگىتنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى.

كارخانىنىڭ ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش سېخىغا كىرگەندە، ئىسسىق دولقۇن ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، يۈزگە ئۇرۇلاتتى. بۇ شىركەتنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۇڭ جيالې ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يېنىدا تىۋىتى ئايرىلغان چىگىتنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «قارىماققا كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ نەرسىلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەمىزگە بىر كىرىپ چىقسىلا، تولۇق گۆھەرگە ئايلىنىدۇ».

ئۇنىڭ كەينىدىكى ئۈسكۈنىلەر بۇ چىگىتنى قاتمۇ قات پارچىلاپ ئايرىماقتا ئىدى: سىرتقى قەۋىتىنىڭ قىسقا تىۋىتى ئايرىپ چىقىلىپ، ئالىي دەرىجىلىك قەغەز بوتقىسى ھەتتا نېتراتلاشتۇرۇلغان پاختا ياساشنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خام ئەشياسىغا ئايلىنىدۇ؛ چىگىت قاتتىق پوستىنىڭ بىر قىسمى شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق ساھەسىگە سېتىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە سېتىلىپ زەمبۇرۇغ موگۇ ئۆستۈرۈش ئاساسىي ماتېرىيالى قىلىنىدۇ؛ ئەڭ يادرولۇق چىگىت مېغىزى يۇمشىتىش، چىلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق، ماس قەدەمدە سۈزۈك چىگىت مېيى بىلەن يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك فېنولسىزلاندۇرۇلغان چىگىت ئاقسىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

«تىۋىتلىق چىگىت سېخقا كىرگەندىن تارتىپ، قىسقا تىۋىت، چىگىت پوستى، چىگىت مېيى، پاختا تىرىپىنىڭ ھەممىسى ئايرىلىپ چىقىشقىچە، ھېچقانداق ئىسراپ بولمايدۇ» دېدى سۇڭ جيالې پەخىرلەنگەن ھالدا.

چىگىتتىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدىغان بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى 2024 - يىلى 8 - ئايدا رەسمىي سىناق قىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت يىلىغا 120 مىڭ توننا فېنولسىزلاندۇرۇلغان چىگىت ئاقسىلى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يۈرۈش چوڭ قېرىندىن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان چىگىت ئاقسىلى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇردى، يىللىق چىگىت پىششىقلاش ئىقتىدارى 250 مىڭ توننىغا يەتتى، چىگىت ئاقسىلى مىقدارى مۇقىم %60تىن يۇقىرى بولدى، يەنە زاكاز تالونىغا ئاساسەن %65لىك يۇقىرى ئاقسىللىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

«2025 - يىلى شىركىتىمىزنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 600 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ چىگىتنى پارچىلاپ ئىشلەپچىقارغانلىقىمىزدىن يارىتىلغان قىممەت» دېدى سۇڭ جيالې.

مەركىزىي كونترول ئۆيىدە، چوڭ ئېكراندا ھەرقايسى سېخلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى، بېسىمى، گېنېراتورلار توك ئېقىمى قاتارلىق ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. «بارلىق تېخنولوگىيە پارامېتىرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە كونترول قىلىنىدۇ، ئۈچ ئۈلۈش ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈشىگە قارايمىز، يەتتە ئۈلۈش سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەڭشىلىشىگە قارايمىز.» سۇڭ جيالې مۇنداق دېدى: ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش، ئاجرىتىپ ئېلىشتىن چەككىلەشكىچە بولغان پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تولۇق نورمىلىق يۈرۈشتۈرۈلدى، كۈنىگە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان چىگىت 700 توننىغا يېتىدۇ. مەھسۇلاتلار گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جېجياڭ قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى بازارلاردا سېتىلىدۇ، بىر قىسمى ۋىيېتنام، ھىندونېزىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

ساۋەن شەھىرى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ بىرى. 2026 - يىلى شەھەر بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 645 مىڭ 700 موغا يېتىپ، كېۋەزنى پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %99.37كە يەتتى. بۇ يىل 5 - ئايدا، ساۋەن شەھىرى دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى تۈر تۇرغۇزۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، باغچە رايونىدىكى پاختىغا ئالاقىدار كارخانا 46گە يەتتى، پاختا مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

تېرىشتىن پىششىقلاشقىچە، بىر مۇكەممەل بولغان پاختا كەسىپ زەنجىرى ساۋەن تۇپرىقىدا ئۇزارماقتا − چىگىتنى ئىنچىكە پىششىقلايدىغان بۇ كارخانا دەل بۇ زەنجىردىكى «تولۇق پايدىلىنىش»نىڭ ئاچقۇچلۇق بىر ھالقىسى.

«ئەسلىدە پەقەت بىر - ئىككى ياغ زاۋۇتىلا چىگىت يىغىۋاتقان بولسا كېرەك، باھادا ياغ زاۋۇتىنىڭ دېگىنى ھېساب ئىدى. ھازىر شىركىتىمىزنىڭ ئېھتىياجى ئاشتى، چىگىت باھاسىمۇ ئۆرلىدى» دېدى سۇڭ جيالې. ئىنچىكە پىششىقلاش ھەربىر تال چىگىتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە پاختىكارلارنىڭ ھەميېنىنى تېخىمۇ تومپايتتى.

زاۋۇت رايونىنىڭ سىرتىدا، ئادەمسىز ئۇچقۇ ئاستا - ئاستا بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. ئاق رەڭلىك زاۋۇت ئۆيى، قارا رەڭلىك خام ئەشيا دۆۋىلەنگەن مەيدان يىراقتىكى ياپيېشىل كېۋەزلىك بىلەن بىر رامكىدا سۈرەتكە ئېلىندى − ئېتىزدىن سېخقىچە، كېۋەزدىن ئاقسىلغىچە، كىچىككىنە چىگىت ساۋەندە ئۆزىنىڭ «يېڭى ھاياتى»نى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.