تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خې شياۋ، ۋاڭ يۈشياۋ) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 69 تىرىليون 570 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان.

يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى ئېشىپ، مول ھوسۇل ئېلىندى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپى مۇقىم ئاشتى. مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 150 مىليون 750 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 1 مىليون توننا ئېشىپ، %0.7 كۆپەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى.

ئىستېمال بازىرى كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى تۆۋەنلىدى، مال ئىمپورت - ئېكسپورتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت جەھەتتىكى پارچە سېتىش سوممىسى %5.3 ئاشتى، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى %1.1 ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 22 تىرىليون 637 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 تۆۋەنلىدى؛ مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 25 تىرىليون 468 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 ئاشتى.

ئاھالە ئىستېمال باھاسى مۆتىدىل ئۆرلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاھالىلەر كىرىمى مۇقىم ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى(CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.0 ئۆرلىدى. مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.2 بولدى؛ مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 22 مىڭ 981 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.2 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىشى %4.2 بولدى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېتىلىپ زورايدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، تاشقى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى بىرقەدەر كۆپ، ئىچكى تەمىنلەش كۈچلۈك بولۇش بىلەن ئېھتىياج ئاجىز بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت گەۋدىلىك بولدى، ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىش ئاساسىنى يەنە مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماۋ شېڭيۇڭ 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.

ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.