تومۇزدىكى 7-ئايدا، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرى چياشيۇ يولى كوچا باشقارمىسىدىكى چياشيۇ بېييۈەندە، جېنجۇمېي پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى. غۇنچىسى مەرۋايىتتەك يۇپيۇمىلاق بولۇپ، ياپيېشىل شاخلارغا زىننەت بېغىشلىغانىدى؛ پورەكلەپ ئېچىلغاندا، ئاپپاق گۈل بەرگىلىرى خۇددى لەپىلدەپ چۈشكەن قارلار يوپۇرماق يوچۇقلىرىغا ئۇيۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، سۇس خۇش پۇرىقى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى.
جېنجۇمېي ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال بولۇپ، سالقىن جاينى ياخشى كۆرىدۇ، تەسكەي جايلاردا ئۆسىدۇ، چېگرا شەھەرنىڭ كىلىماتىغا ماس كېلىدۇ. يۇمران شاخلىرى سۇس يېشىل بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان. دەسلەپ ئېچىلغاندا، غۇنچىلىرى زىچ، يۇپيۇمىلاق، پارقىراق بولىدۇ. تولۇق ئېچىلغاندا، تەتۈر تۇخۇمسىمان ئاق رەڭلىك گۈل بەرگى يېيىلىپ، ئۇچى يۇمىلاق، ئاستى قىسمى مىخ شەكىللىك، ئاتىلىقى بىلەن گۈل بەرگى تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئىستاكانسىمان گۈل تەخسىسىنىڭ ئەتراپىغا تىزىلىدۇ. شامال چىققاندا، گۈل شاخلىرى يېنىك تەۋرىنىپ، خۇش پۇرىقى كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.
شاخلىرى شالاڭ ۋە تال-تال، يوپۇرماقلىرى چىرايلىق بولۇپ، ئادەتتىكى كوچىلارغا گۈزەل تۈس قوشىدۇ.




(ئاپتور: دەي ۋېيلى، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






