7-ئاينىڭ 13-كۈنى، نارات پەنلۇڭ جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، تۇتاش كەتكەن قارلىق چوققىلار ئارقا كۆرۈنۈش ھېسابلىناتتى، قاتمۇقات شەمشاد ئورمانلىقى تاغ باغرىنى قاپلىغان بولۇپ، ياپيېشىل چىملىق تاغ ئارىسىدىكى ئاسما يولنى ئوراپ تۇراتتى. ئاقار بۇلۇتلار يىراق تاغلاردىن كېسىپ ئۆتەتتى، ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ خۇش ھىدى مەيىن شامالدا دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا سەيلە قىلسا، ھەممىلا جايدا بېزەلمىگەن ئىپتىدائىي ئاۋات مەنزىرە نامايان بولاتتى.

نارات پەنلۇڭ جىلغىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر سېلىش
بالىلار كىگىز ئۆينىڭ ئالدىدا ئوينىماقتا.
ئاپتوموبىللار نارات پەنلۇڭ جىلغىسىدا كېتىۋاتماقتا.
كالىلار ئوت-چۆپ يېمەكتە.
كالىلار ئوت-چۆپ يېمەكتە.
ساياھەتچىلەر نارات پەنلۇڭ جىلغىسىدا سەيلە قىلماقتا.
ساياھەتچىلەر نارات پەنلۇڭ جىلغىسىدا سەيلە قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






